تۇرسۇنئاي بىلەن خۇاڭ شياۋيەننىڭ ئاچا-سىڭىللىق مېھرى

日期:2020年06月02日
来源:天山网
【字体:

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز دۇڭ چىڭجۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جۇۋ مېيلىڭ خەۋىرى): ئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى يېڭىبازار مەھەللە ئىش باشقارمىسى يېڭىمەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ ئاھالىسى خۇاڭ شياۋيەن بىلەن تۇرسۇنئاي ئىمىننى كىشىلەر «ئاچا-سىڭىل گۈللەر» دېيىشىدۇ، بۇ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى تونۇشقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىزچىل ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى چىن ھېسسىياتى بىلەن سۇغىرىپ كەلدى.

  «سودام بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، بۇنى خۇاڭ شياۋيەن ھەدەمنىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، سېتىش يوللىرى كۆپەيسە، سودىمۇ تەبىئىيلا ياخشى بولۇپ كېتىدىكەن.» دېدى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇرسۇنئاي ئىمىن.

  تۇرسۇنئاي ئىمىننىڭ ئاياغ دۇكىنى بار بولۇپ، ھازىر ئىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگىنىگە بىر ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ، بىراق سودا ياخشى بولمايۋاتاتتى. شۇڭا، تۇرسۇنئاي ئىمىن خۇاڭ شياۋيەن ئەر-خوتۇنغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنىڭدىن «سودا دەستۇرى»نى ئۆگەندى. خۇاڭ شياۋيەن تۇرسۇنئاي ئىمىن بىلەن ئۆزىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، توردا سېتىشنى كېڭەيتىش تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى.

  ئۇزۇن مەزگىل ئەنئەنىۋى شەكىلدە سودا قىلىپ كەلگەن تۇرسۇنئاي ئىمىن ئاڭلىغاندىن كېيىن سەل ئىككىلەندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى، سودام دائىم ياخشى بولمايتتى، ئۇ ۋاقىتلاردىكى پەقەت روھىي بېسىم ئىدى. بىراق، بۈگۈن ياخشى بولمىسا ئەتە چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. خۇاڭ شياۋيەن ھەدەم ماڭا مالنى جىقراق كىرگۈزۈپ، توردا تەشۋىق قىلىپ سېتىشنى ئېيتتى، دەسلەپتە مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، ئاخىرىدا يەنىلا قوشۇلدۇم، مەن ئاچامنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ ئىش كۆرۈشكە كۆنۈپ كەتتىم.»

  دەسلەپتە، تۇرسۇنئاي ئىمىننىڭ توردىكى سودىسىمۇ دېگەندىكىدەك ياخشى بولمىدى. خۇاڭ شياۋيەننىڭ ياردىمىدە، تۇرسۇنئاي ئىمىن ئاياغ دۇكىنىنىڭ ئاساسلىق سېتىش مۇلازىمىتىنى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىگە يۆتكەپ، يېقىن دوستلىرىغا تونۇشتۇردى. خۇاڭ شياۋيەنمۇ ئۆزىنىڭ خېرىدارلىرىنى تۇرسۇنئاي ئىمىنغا تونۇشتۇردى، كۆپ يىللىق كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە تايىنىپ تۇرسۇنئاي ئىمىننىڭ سودىسى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى، ھەر كۈنى توردىلا 10 دىن ئارتۇق مالنى سېتىپ چىقىرىپ، كىرىمىمۇ كۆرىنەرلىك كۆپەيدى.

  ئىلگىرىكى يىللاردا، تۇرسۇنئاي ئىمىن ئائىلىسى نامرات بولغاچقا، خۇاڭ شياۋيەننىڭ ئاياغ دۇكىنىغا كېلىپ ئىشلىگەن، شۇ ئىشلىگەنچە يەتتە يىلدىن ئارتۇق ئىشلىدى، باردى-كەلدى داۋامىدا ئۇلار چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

  تۇرسۇنئاي ئىمىن مۇنداق دېدى: «ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، ھەدەمنىڭ دۇكىنىغا بېرىپ ئىشلىدىم، ھەدەم ئىزچىل ماڭا ياردەم بېرىپ كەلدى، يەنە سودىنى قانداق قىلىشنى ئۆگەتتى.»

  خىزمىتى ۋە مۇقىم كىرىمى بولغاندىن كېيىن، تۇرسۇنئاي ئىمىن بىر ئائىلە كىشىلىرى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئېرىشتى. بىر كۈنى، خۇاڭ شياۋيەن تۇرسۇنئاي ئىمىننىڭ ئۆزى ئالدىغا دۇكان ئېچىشىنى قارار قىلدى.

  تۇرسۇنئاي ئىمىن ئۆز ئالدىغا دۇكان ئېچىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، بىراق ئىقتىساد يېتىشمەسلىك، مال كىرگۈزۈش يولى ۋە تەجرىبىسى بولماسلىق سەۋەبلىك قانداق قىلىشنى بىلەلمىدى. تۇرسۇنئاي ئىمىننىڭ ئەندىشىسىنى بىلگەندىن كېيىن، خۇاڭ شياۋيەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاشتىن تارتىپ يېڭى دۇكان ئېچىشقىچە تۇرسۇنئاي ئىمىنغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

  خۇاڭ شياۋيەننىڭ ياردىمىدە، تۇرسۇنئاي ئىمىن ئەڭ دەسلەپكى ئىشلەمچىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئىككى ئاياغ دۇكىنىنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە ئېرىشەلىشىمنى ھەدەم خۇاڭ شياۋيەننىڭ ياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىمەن، بىز ئۆمۈرلۈك ياخشى ئاچا-سىڭىللاردىن بولىمىز.»

  خۇاڭ شياۋيەن مۇنداق دېدى: «سىڭلىمنىڭ سودىسى مېنىڭكىدىنمۇ ياخشى، بىزنىڭ ھېسسىياتىمىز ئەزەلدىن ئۆزگۈرۈپ باقمىدى، دۇكان ئورنى بىر نەچچە قېتىم ئالماشقان بولسىمۇ، بىراق بىز يەنىلا ھەقىقىي ئاچا-سىڭىللاردەك ئۆتىمىز، بىر-بىرىمىزدىن ئايرىلالمايمىز. ئىككىمىزنىڭ قايسىسى قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەر قانداق ۋاقىتتا ياردەم قولىمىزنى سۇنىمىز.»