چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھرى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ياردەم بەردى

日期:2020年05月21日
来源:天山网
【字体:

تىيانشانتورىخەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزچۈەن ناخەۋەرى): 5-ئاينىڭ 4-كۈنى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىسى قوشتوغراق كەنتىدىكى ئەنۋەر سايىت لاپاستا مۇچ مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، گەرچە ئالدىنقى كۈنى كېچىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، ھاۋا سەل سوغۇق بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئەنۋەرنىڭ قەلبى ئىللىقلىققا تولغانىدى.

«شۆ ئىنىم، تېخنىكلار ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگىچە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ دەيدۇ، بۈگۈن تۆتىنچى كۈنى، پارنىكقا بېرىپ قارىسام كۆكپىت كېسىلى ۋە سولىشىپ قۇرۇش كېسىلىساقىيىپ كېتىپتۇ.» ئەنۋەر يانفونىنى ئېلىپ شۆ ئىنىسىغاخۇش خەۋەر يەتكۈزدى.

ئەنۋەرنىڭ ئېغىزىدىكى «شۆ ئىنىسى» پەيزاۋات ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى شۆ شۇفېي ئىدى. بۇ بىر نەچچە كۈندە، پارنىكتائۆستۈرۈلگەن مۇچ مايسىسىدا پەيدا بولغان كۆكپىت كېسىلى ۋە سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى ئۇنى تەمتىرىتىپ قويغاچقا، دەرھال «ئىنىسى» شۆ ئەترەت باشلىقى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تەدبىر قوللاندى.

«ئەنۋەر ئاكام ئەينى ۋاقىتتا ناھايىتى تىت-تىت بولۇپ كېتىپتۇ،ئۇنىڭ بىلەن پارنىكقابېرىپ قارىسام كۆكپىت كېسىلى، سولىشىپ قۇرۇش كېسىلى ھەقىقەتەن ئېغىر ئىكەن، دەرھال تېخنىكلارنى نەق مەيداندا كېسەللىك ۋە ھاشارات ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدىم»دېدى شۆ شۇفېي.

ئەنۋەر ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بىجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئىدى. 2016-يىلى چوڭ قىزى بۆرەك سۇلۇق ئىششىقى كېسىلىگەگىرىپتار بولۇپ، داۋالىنىش خىراجىتى ئەسلىدىمۇ باياشات بولمىغان بۇ ئائىلىگە تېخىمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلدى، ئەنۋەر ئىنتايىن تىت-تىت بولدى، ئائىلىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، پۇل تېپىشنىڭ يولىنى تاپالماي قالدى.

ئاكىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشدېگەن مەسىلە شۆ شۇفېي جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى. خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ ياردىمىدە، ئەنۋەر ئاز سوممىلىق قەرز ئىلتىماس قىلىپ، ئىككى موزاي سېتىۋالدى ۋە بىر يىلدا 10 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. ئەنۋەر يەنە كالا بېقىپ تاپقان پۇلىغا بەش قوي سېتىۋالدى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە قەرزنى قايتۇرۇپ بولدى.

2019-يىلى، كەنت پارنىك تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈرىنى ئومۇملاشتۇردى. ئەنۋەر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى. بىر پارنىك پۈتتى، ئۇ يەنە بىر پارنىك ياساش ئارقىلىق ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئويلىدى. بىر قارارغا كېلەلمىگەندە ئۇ يەنە شۆ شۇفېينى ئىزدەپ، بىر قارارغا كېلىشكە ياردەم سورىدى.

«شۆ ئىنىم مېنىڭ ئويۇمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى قوللىدى، ماڭا پارنىكياساپ بېرىپلا قالماي، تېخنىكلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. ھەتتا سېتىش يولىمۇ ھەل بولدى. 2019-يىلى ئىككى پارنىكنىڭ ساپ كىرىمى 12 مىڭ يۈەنگە يەتتى. پارنىك تېرىقچىلىقى تىلغا ئېلىنسا ئەنۋەر خۇشال بولۇپ كېتىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، ئەنۋەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىپ، كەلگۈسى تۇرمۇشى تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولدى. ئۇنىڭ شۆ شۇفېي بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مېھرى ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ناخشىسىنى يېزىپ چىقتى.