[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش] «مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ»

日期:2020年05月19日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرجاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرليۇ شياۋبىڭخەۋىرى): 5-ئاينىڭ 2-كۈنى، بۇرچىن ناھىيەسى ئويماق يېزىسى قۇرۇمىسى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى ناكەش سېيىتقانگۆش، ئەتكەن چاي، ياڭاق قاتارلىق مەززىلىك تائاملار بىلەن تاماق ئۈستىلىنى لىق تولدۇردى، ئۆيدىن كۈلكە سادالىرى ياڭراپ، شاد-خۇراملىققا تولدى. فېڭ چياڭخۇا بىلەن خوتۇنى لۇەن شيۇلى دەم ئېلىش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ناكەش موماينى يوقلاپ كەلگەنىدى، موماينىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋە قىلاتتى.

  «مەن چياڭخۇاغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئۇ ئۆز ئوغلۇمغا ئوخشاش ماڭا كۆڭۈل بۆلىدۇ، مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدۇ.» دېدى ناكەش ھاياجانلانغان ھالدا.

  2016-يىلى، فېڭ چياڭخۇا بۇرچىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ قۇرۇمىسى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجىبولدى. ئائىلىلەرگىچە بېرىپ زىيارەت قىلىش جەريانىدا، فېڭ چياڭخۇا بۇ يىل 64 ياشقا كىرگەن ناكەش موماينىڭ ئېرىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئىگىلىدى، ئۇ 40 يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، مېيىپ بولۇپ قالغان، تۇرمۇشتا پۈتۈنلەي ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ئوغلى بولاتبېك سۇلتانبېكنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالاتتى، ئائىلە شارائىتىئىنتايىن جاپالىق ئىدى.

  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان چاغدا، فېڭ چياڭخۇا ئىككىلەنمەستىن ناكەش موماي بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن فېڭ چياڭخۇا ناكەش ئائىلىسىنىڭ دائىملىق مېھمىنى بولۇپ قالدى، ھەر قېتىم ئۇنى يوقلاپ بارغاندا ناكەش موماي ئېھتىياجلىق نەرسىلەرنى ئېلىۋالاتتى. كېتىدىغان چاغدا، ناكەش موماي دائىم دېگۈدەك يېڭى قۇرۇتۇلغان قۇرۇت قاتارلىق ياخشى يېمەكلىكلەرنىفېڭ چياڭخۇانىڭ ئېلىپ كېتىشىگە تەييارلاپ بېرەتتى.

  فېڭ چياڭخۇانىڭ خوتۇنى لۇەن شيۇلىمۇ دائىم ئېرى بىلەن بىللە ناكەش موماينى يوقلاپ كېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىپ، ناكەش مومايغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى.

  2018-يىلى ناكەش موماينىڭ ئائىلىسى سالغان ئەمىن ئۆي پۈتتى، ناكەش موماي پۇل بولمىغاچقا پار قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ كۆچۈپ كىرىشكە ئامالسىز قالدى. فېڭ چياڭخۇا دەرھال ئەۋەتكەن ئورۇن، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەبلەغ توپلاپ، ناكەش موماينىڭ ئۆيىنى ئاقارتىپ، ئاشخانا ئىشكاپى قاتارلىقلارنى ئورنىتىپ، ئۆي جاھازلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، ئانا-بالا ئۆزىنىڭ ئارزۇسىدىكىدەك چوڭ، يورۇق يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. لۇەن شيۇلى يەنە ئۆزى پۇل چىقىرىپ ناكەش موماي ئۈچۈن بىر تېلېۋىزور سېتىۋالدى.

  بىر ئادەمنىڭ ياخشى ئىش قىلىشى تەس ئەمەس، قىيىن بولغىنى بىر ئۆمۈر ياخشى ئىش قىلىش. بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ، فېڭ چياڭخۇانىڭ خىزمىتى تەڭشەلگەنلىكتىن قۇرۇمىسى كەنتىدىن ئايرىلدى، لېكىن ناكەش موماي بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالمىدى.

  2019-يىلى چاغاندا فېڭ چىياڭخۇا ئەر-خوتۇن ئىككىسى قىزغىنلىق بىلەن ناكەش موماينى ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا تەكلىپ قىلدى. فېڭ چياڭخۇا ئەر-خوتۇن موماينى ياخشى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، ئەتىگەندىلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ، مەززىلىك تائاملارنى تەييارلىدى.

  فېڭ چىياڭخۇا ئاپتوموبىل ھەيدەپ 40 نەچچە كىلومېتىر يول يۈرۈپ ناكەش موماينى ئۆيىگە ئېلىپ كەلدى، ئىسسىق جياۋزىغائېغىز تەككەن ناكەش موماي ھاياجانلانغان ھالدا بەختلىك كۆز ياشلىرىنى تۆكتى.

  «بىز بىر چوڭ ئائىلە، ئۆزئارا ياردەم بېرىش ئارقىلىق ھەر بىر ئادەمنى تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشىمىز كېرەك.» دېدى فېڭ چياڭخۇا.