80 ياشتىن ئاشقان موماينىڭ ھالىدىن ئالتە يىل خالىسانە خەۋەر ئېلىش كىشىنى تەسىرلەندۈردى

日期:2020年04月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر ۋاڭ جىڭجىڭ): 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شىخې كوچىسى خۇيكاڭ جەنۇبىي مەھەللىسىدىكى ئامىنەم ياقۇپ بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ، ھېلىلا ئۈزگەن بېدىنى چاناپ، ئاندىن گۆش قىيمىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ، 15 تال چۆچۈرە تۈگۈپ، قازاندا قاينىتىپ پىشۇرغاندىن كېيىن، ئىسسىقلىق ساقلايدىغان تاماق قۇتىسىغا سېلىپ، ئېرىگە ئۇدۇلبىنادىكى يىن شيۇلىن مومايغا ئاپىرىپ بېرىشنىتاپىلىدى.

ئامىنەم (ئوڭدا) يىن شيۇلىن (سولدا) بىلەن بىللە.

«ھاۋا ئۆزگەردى، ئاپام بېدە چۆچۈرىسىيېسە بەدىنى ئىسسىق تۇرىدۇ» دېدىئامىنەم. ئالتە يىلدىن بۇيان، ئۇ بىر مەھەللىدە تۇرىدىغان 85 ياشلىق موماي يىن شيۇلىننىڭ ھالىدىنئىزچىلخالىسانە خەۋەر ئېلىپ كەلدى. بۇ ئىش تىلغا ئېلىنغاندا يىن شيۇلىن تەسىرلەنگەن ھالدا: «ئوغلۇم ئالەمدىن ئۆتكەندىنكېيىن، مەن ئامىنەمدىن تېخىمۇ ئايرىلالمايدىغان بولدۇم، ئۇنى ئىككى كۈن كۆرمىسەم سېغىنىمەن» دېدى.

مېيىپ ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان ياشانغان ئانا ئامىنەمنى تەسىرلەندۈردى

2019-يىلى پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇن، ئامىنەم ئېۋىرغول رايونىدىكى ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ تۇرمۇش ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، 2014-يىلى، ئۇ ئولتۇراق رايوندا تۇنجى قېتىم يىن شيۇلىننىڭ مېڭىسى يېگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئوغلىنى يېتىلەپ كۆكتات سېتىۋالغىلى ماڭغانلىقىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ كۆڭلى ناھايىتى يېرىم بولغانىدى.

ئەينى چاغدا يىن شيۇلىن بىلەن ئوغلى ئەمدىلا ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدى، ئامىنەمنىڭ خىزمىتى مەكتەپتە مېيىپ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىدى. «ئاپامنىڭ چاچلىرى ئاپئاق، ھەرىكىتى چاققان ئەمەس تۇرۇپ، بىر قولىدا كۆكتات، يەنە بىر قولىدا ئوغلىنى يېتىلىپ كېتىۋاتاتتى، شۇنىڭ بىلەن مەن بېرىپ ياردەملىشىپ، ئۇلارنى بىنا ئالدىغىچە ئاپىرىپ قويدىم» دېدى ئۇ.

مانا بۇ بىر يۆلەش بىلەن ئامىنەم بىلەن يىن شيۇلىن ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدا ئۆمۈرلۈك رىشتە باغلاندى. كېيىن ئامىنەم پاراڭلىشىش جەريانىدا، يىن شيۇلىننىڭ ئېرىنىڭ بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى، ئوغلىنىڭ 20 نەچچە ياشقا كىرگەندە مېڭە يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھالىدىن ئۆزى يالغۇز خەۋەر ئالىدىغانلىقىنى بىلدى. «ئۇنىڭ ئوغلى چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدىكەن، سالامەتلىك ئەھۋالىمۇ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋېتىپتۇ، مومايمۇ پەرۋىش قىلىشنى چۈشەنمەيدىكەن، ئىككىنچى كۈنى، مەن چوڭلارغا ئىشلىتىلىدىغان زاكا سېتىۋېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم» دېدى ئامىنەم.

ئامىنەم يىن شيۇلىنغا ئوغلىغا زاكا سېلىپ قويۇشنى ئۆگەتتى، يەنە ئۇنىڭ ئۆيىنى تازىلاپ بەردى. «ئوغلۇم چوڭ-كىچىك تەرىتىنى تۇتالمايدۇ، ھەر كۈنى زاكا ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى يۇيۇشقا خېلى ۋاقىت كېتەتتى، ئامىنەم بۇ چوڭ مەسىلەمنى ھەل قىلىپ بەردى، كېيىن ئۇ ھەر ئايدا ماڭازاكا ئەكىلىپ بەردى، ئۇنىڭغا زاكا پۇلىنى بەرسەممۇ ئالغىلى ئۇنىمىدى» دېدى يىن شيۇلىن.

يىن شيۇلىننىڭ ئوغلى ھايات ۋاقتىدا، ئامىنەم ئەر-خوتۇن ئۇلارنى يوقلاپ بارغان چاغدىكى كۆرۈنۈش.

شۇنداق قىلىپ، ئامىنەم پات-پات يىن شيۇلىننىڭ ئۆيىگە بارىدىغان بولدى، مېۋە-چېۋە، پېچىنە، ناندىن تارتىپ ئۆز قولىدا تۈگكەن مانتا، جياۋزىغىچە، نازۇنېمەتلەرنى توشۇش ئىزچىل توختاپ قالمىدى. «ئاتا-ئانام بۇرۇنلا ئالەمدىن ئۆتكەن، يىن شيۇلىن ئاپام بىلەن بېرىش-كېلىش قىلغاندىن بۇيان تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كەتتىم» دېدى ئۇ.

2016-يىلى ئامىنەمنىڭ نەۋرە قىزى ت‍‍ۇغۇلدى، ي‍‍ىن شي‍‍ۇلىن ئ‍‍ۆز ق‍‍ولى ب‍‍ىلەن ئىككى جۈپ لاتا خەي تىكىپ ئاپىرىپ بەردى، «لاتا خەينى تۇتقىنىمدا كۆز ياشلىرىم تۆكۈلۈپ كەتتى، ئۇ ئاغرىقنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن ئالدىراش تۇرۇقلۇق، يەنە نەۋرەمگە ئاياق تىكىپ بېرىشكە ۋاقىت ئاجرىتىپتۇ، مەن راستتىنلا بەك تەسىرلەندىم.» دېدى ئامىنەم.

شۇنىڭدىن كېيىن، كىچىك نەۋرىسىنىڭ ھەر قېتىمقى تۇغۇلغان كۈنىدە، ئامىنەم يىن شيۇلىننىڭ سوۋغىتىنى تاپشۇرۇۋالاتتى. «ئۇنىڭغا نېمە سوۋغا قىلسام، ئۇ ھەممىنى ماڭا قايتۇرۇپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن مەن بالىغا نەرسە-كېرەك سېتىۋالدىم، ئۇبۇنىڭغائامال قىلالماي، قوبۇل قىلدى» دېدى يىن شيۇلىن.

ئوغلۇم ئالەمدىن ئۆتتى، بىراق بىر قىزىم كۆپەيدى

2019-يىلنىڭ بېشىدا، ئامىنەم پ‍‍ېنسىيەگە چ‍‍ىقتى، ئ‍‍ۇنىڭ ي‍‍ىن شي‍‍ۇلىن ئ‍‍انا-ب‍‍الىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان تېخىمۇ كۆپ ۋاق‍‍تى بار بولدى، «مېنىڭ كىچىك نەۋرەممۇ ئۇدۇل بىنادىكى موماينىڭ بىزنىڭ تۇغقىنىمىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، دائىم مېنى تارتقىنىچەمومامنىڭئۆيىگە بارىمىز، دەيدۇ» دېدى ئامىنەم.

مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قوشنىلارنىڭ ھەممىسى ئامىنەم بولمىغان بولسا موماي تۈگىشىپ كېتەتتى، دېيىشتى.

2019-يىلى 11-ئايدا، يىن شيۇلىننىڭ ئوغلى ئۆلۈپ كەتتى، ئامىنەم نەۋرە قىزىنى دوستىغا ھاۋالە قىلىپ، ھەر كۈنى يىن شيۇلىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.

«ھەر كۈنى ئۇنى يوقلاپ بارغاندا، ئۇ بىر ھازا يىغلايتتى، مەن: ئاپا، سىز ئۇنىڭ ھالىدىن شۇنچە يىل خەۋەر ئالدىڭىز، ئۇنىڭ سىزدىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتۈشى ئۇنىڭ بەختى، سىز ئەمدى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ياخشى ياشاڭ، دەيتىم.» دېدى ئامىنەم.

شۇنىڭ بىلەن، كۈندۈزى موماينىڭ ھالىدىنئامىنەمخەۋەر ئالسا، كەچتە موماينىڭ قىزى ئىشتىن قايتىپ كېلىپ مومايغا ھەمراھ بولدى، ئىككى ئايدىن كېيىن، موماي بىنادىن چۈشۈشنى خالايدىغانبولدى، كەيپىياتىمۇ بارا-بارا ياخشىلاندى.

يۇقۇم مەزگىلىدە، ئامىنەم مەھەللىدىكى پىدائىي بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر كۈنى موماينىڭ ئۆيىگە تاماق، كۆكتات توشۇدى. «ئوغلۇم ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئامىنەم مېنى ئاپا دەپ چاقىرىشقا باشلىدى، گەرچە ئوغلۇمدىن ئايرىلغان بولساممۇ، ئەمما بىر قىزىم كۆپەيدى» دېدى يىن شيۇلىن.

ئ‍‍ىۋىرغول راي‍‍ونىشىخې كوچىسى خۇيكاڭ جەنۇبىي مەھەللىسىنىڭم‍‍ۇدىرى ئ‍‍ايجامال ئەمەت تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئامىنەم پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، ئۇ ناھايىتى مېھرىبان، يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئۇ ھەر ئايدا ئ‍‍ائىلە ق‍‍ىيىنچىلىقى ب‍‍ار ئ‍‍الىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 200 ي‍‍ۈەن ي‍‍اردەم پۇلى بېرىشنىئىزچىل دۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. «ئامىنەم بىلەن يىن شيۇلىننىڭ ئالتە يىلدىن بۇيانقى ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بەرگەن ئىش ئىزلىرى مەھەللىمىزدەكەڭ تارقالدى، مەھەللە ئاھالىلىرىمۇ ئۇلارنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ ئىناق، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان بولدى» دېدى ئۇ.