[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش . بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى] چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىپ-يۆلەپ، تۇغقىنىنىڭ كۈنلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزۈشىگە ياردەم بېرىش

日期:2020年04月30日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (بايىغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىنياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلارخۇڭ جېن،ۋاڭ شىچىڭ): باھار كۈنلىرىدىكى بايىنغولىندا، تۇغقانلاشقان كادىرلار تۇغقىنى بىلەن بىرلىكتە ھويلا-ئاران يىغىشتۇردى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بىلەن ئالدىراش بولدى، كىرىمنى ئاشۇرۇشنىڭ «ياخشى چارىسى»نى، بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى بىرلىكتە پىلانلىدى ...

4-ئاي دەل چوڭ پارنىكتا كۆچەت يېتىشتۈرىدىغان مەزگىل بولۇپ، خېجىڭ ناھىيەسى بارۇن خارمۇدۇن بازىرى قارسۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېتىشتۈرگەن لازا مايسىلىرىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولسىمۇ، ئەمما ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولغاچقا، لازا مايسىسىنى كۆچۈرۈشخىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئاستا بولدى.بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، خېجىڭ ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى ۋە ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ تۇغقانلاشقان كادىرلىرىتۇغقانلىرىنىڭئۆيىگە بېرىپ،ئۇلارنىڭلازا مايسىسى كۆچۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ،قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لازا مايسىسىنى كۆچۈرۈش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تۇغقانلاشقان كادىرلارقارسۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن لازا ئۆستۈرۈش ھەمكارلىق گۇرۇپپىسىدىن سەككىزنى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لازا ئىشلەپچىقىرىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، ئۇلارنىڭلازا مايسىسىنى ئۆز قەرەلىدە كۆچۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

چەرچەن ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسىدىكى تۇغقانلاشقان كادىر ما جۈن قوشماقلاشقان تۇغقىنى ___ئارال بازىرىياقا ئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى چېن يوۋلىڭنىڭ تېرىغان ئەتلىك ئۆسۈملۈكلىرىنىڭتۈرى كۆپ، ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولسىمۇ، سېتىش يولى ئىزچىل ئېچىلمىغانلىقتەك ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، ئىدارىدىكى خىزمەتداشلىرى ۋە ئەتراپتىكى دوستلىرىنى چېن يوۋلىڭغاياردەملىشىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا سەپەرۋەر قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن،«ئەتلىك ئۆسۈملۈكلەر چەمبىرىكى»دەچېن يوۋلىڭنىڭئاستا-ئاستا نامى چىقىپ، داڭقىنى ئاڭلاپ كەلگەن سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. چېن يوۋلىڭ خۇشال ھالدا: «تۇغقىنىمنىڭ ياردىمىدە، مەن ئۆستۈرگەن ئەتلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سېتىلىش مىقدارى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ، ئىككى ھەپتىدىلا 2000 يۈەن كىرىم قىلدىم» دېدى.

چاقىلىق ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار تىكەنلىك بازىرى يىڭسۇ چارۋىچىلىق كەنتىدە ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلغاندا، بىر قىسىم تۇغقانلىرىنىڭ ھويلا-ئارانىدا پەقەت بىر نەچچە تۈپ چىلان تىكىلگەنلىكىنى، مېۋە بېرىش نىسبىتى يۇقىرى بولمىغاچقا، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلمىغانلىقىنى بايقىدى. تۇغقانلاشقان كادىرلار قوشماقلاشقان تۇغقىنىدىن تولۇق پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، چەيزە، لازا، شوخلا قاتارلىق كۆكتات مايسىلىرىنى ئالاقىلىشىپ سېتىۋېلىپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى تەكلىپ قىلىپ، تېرىقچىلىق شارائىتى بار تۇغقانلىرىغا كىرىمنى ئاشۇرىدىغان «چوڭ سوۋغات» بەردى.

تۇغقانلاشقان كادىرلار چىن قەلبى، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق قوشماقلاشقانتۇغقانلىرىنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئۇلارنىڭ تولۇق غەيرەتكە كېلىپ، تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىغا ياردەم بەردى.