قارماي شەھىرى: كارخانىلارنىڭ قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى

日期:2020年04月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، قاراماي شەھەرلىكئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ جەرەنبۇلاق رايونى (قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىياترايونى) يۈەنجىڭ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى تەۋەلىك رايوندىكى 30دىن ئارتۇقكارخانىنى تەشكىللەپ، ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۆگىنىش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى لى مىن مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىمىز تەۋەلىك رايوندىكى كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۆي-ئىجارە ھەققىنى كېمەيتىش قاتارلىقياردەم بېرىش تەدبىرلىرى ئارقىلىق قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قېيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە ياردەم بەردۇق.»

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىزمەت ئەترىتى ئۈندىدار توپى، QQ توپى ئارقىلىق، كارخانىلارغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن كارخانا ئىشچىلىرىنىڭ يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ۋە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى.