ياخشى ئاچا - سىڭىل يېقىن سىرداش

日期:2020年04月29日
来源:天山网
【字体:


شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىر گۈليار قادىربېك

«ئاچام ماڭا قېرىنداشلىقنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا ماڭا ئاياللار يېرىم دۇنيا دېگەن داۋلىنى چۈشەندۈردى، تۇرمۇشۇم رەڭدارلاشتى.» 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، ئۆزىنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنىنى تىلغا ئالغاندا، قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى(قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى)نىڭ ئاھالىسى ئايگۈل ھەسەننىڭ چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

ئىككى يىل ئىلگىرى قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى(قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى) ئەۋلادلارغا كۆڭۈل بۆلۈش خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شياۋ چىن بىلەن ئايگۈل قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى، شۇ چاغدىن باشلاپ، ئايگۈل ئائىلىسىنىڭ چوڭ - كىچىك ئىشلىرى شياۋ چىننىڭ ئۆز ئىشى بولۇپ قالدى.

ئايگۈل ئىلگىرى بالىلار پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، پۇتى مېيىپ بولۇپ قالغانىدى، ئېرىنىڭ سالامەتلىكىمۇ تازا ياخشى ئەمەس بولۇپ، ئۆيىدە يەنە ئۈچ بالىسى بار ئىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى جاپالىق ئىدى. ئۇ چاغلاردا ئايگۈل دائىم غەمكىن يۈرەتتى.

«مەن دائىم قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ئۇنىڭغا ياردەم قىلىپ تۇرمۇشىدىكى بەزى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بەردىم. ئەمما، كېيىن مەن بۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.» شياۋ چىن ئايگۈلنىڭ كۈنبويى قازان بېشى ۋە بالىلىرىنىڭ ئەتراپىدىلا يۈرىدىغانلىقىنى، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى ئويلاپ باقمىغانلىقىنى بىلىپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، جەزمەن ئاۋۋال ئۇنىڭ ئىدىيەسىنى ئۆزگەرتىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى.

ئىككىيلەن كۆرۈشكەندە، شياۋ چىن دائىم ئايگۈلگە كۆڭلىدىكى گەپلەرنى قىلىپ، ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەردى، ئۇنىڭغا ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشنى ئۆگىتىپ، چىرايلىق يېڭى كىيىم ئېلىپ بەردى. ئايگۈلنىڭ كۈلكىسى بارا - بارا كۆپەيدى، كۆزلىرىمۇ نۇرلاندى.

«ئاچا، خۇددى سىز دېگەندەك، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىدىغان ئاياللارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇنلىرىنىڭ ئائىلىسىنىڭ تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ، ئىسمى - جىسمىغا لايىق <يېرىم دۇنيا> بولغانلىقىنى بايقىدىم، مېنىڭچە مەنمۇ قىلالايمەن.» بىر كۈنى ئايگۈل شياۋ چىنغا قەلبىدىكى گەپنى قىلدى.

بۇ گەپ شياۋ چىننى خۇشال قىلىۋەتتى. «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ئايگۈل شۇ جايدىكى بىر كارخانىدىن مۇۋاپىق ئىش ئورنى تاپتى. «مەن ئىلگىرى قىيىنچىلىقتىن قورقۇپ، سىناپ باقمايلا ۋاز كەچكەنىدىم، ئاچام ماڭا ئىزچىل نەسىھەت قىلمىغان بولسا، ئۆزۈمنىڭ ئەسلىدە بۇنداق ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىمنى بىلمەس ئىكەنمەن.» ھازىر ئايگۈلنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن ئىپتىخارلىق چىقىپ تۇرىدۇ، ئۇ ھازىر ھەر ئايدا 3000 يۈەنگە يېقىن مۇقىم كىرىم قىلىدۇ، ئىش قىلغاندا دائىم پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچكە تولىدۇ.

لېكىن يەنە بىر ئىش ئايگۈلنىڭ بېشىنى بەك ئاغرىتتى. «ئاچا، يېقىندىن بۇيان بالامنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى سەل تۆۋەنلەپ قالدى، مېنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم تۆۋەن، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلغۇدەك ئىقتىدارىم يوق، قانداق قىلسام بولار؟» قىزى ئەقىدەم مەمەتتۇرسۇننىڭ نەتىجىسىنى كۆتۈرۈۋالغان ئايگۈلنىڭ كۆڭلى غەش ئىدى.

شياۋ چىن تەشەببۇسكار ھالدا بالىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كونكرېت ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەقىدەمگە يېتەكچىلىك پىلانى تۈزۈپ بەردى، ھەر ھەپتە ئاخىرىدا يەنە بالىغا يۈزتۇرا يېتەكچىلىك قىلدى. «مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى ۋە ساۋاقداشلىرىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنىڭ تەكرار قىلىشىمغا ياردەم بەردى، شياۋچىن ئاپام دائىم ماڭا يېتەكچىلىك قىلدى، مەن ئۆزۈممۈ تىرىشتىم» دېدى ئەقىدەم خۇشال ھالدا، ھازىر ئۇنىڭ نەتىجىسىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى.

ئايگۈل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۈلكىسىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، شياۋ چىن چەكسىز مەمنۇنلۇق بىلەن مۇنداق دېدى: «ھەر قېتىم سىڭلىمنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمنى كۆرگىنىمدە، بارلىق ئەجرىمنىڭ زايە كەتمىگەنلىكىنى ھېس قىلىمەن».