كەنت ئاھالىسىنىڭ «كۆك-تاق»ىغا كاپالەتلىك قىلىش

日期:2020年04月26日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: تۆتىنچى ئايدىكى كۆكتوقاي ناھىيەسىدە ئەتىيازنىڭ سوغۇقى تېخى كەتمىگەن بولۇپ، بەزىدە ئىسسىق، بەزىدە سوغۇق ئىدى. كۆكتوقاي ناھىيەلىك ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىنىڭ قارا تۆڭگە يېزىسى قىزىلقۇدۇق كەنتىدىكى كۆكتات پارنىكى قويۇق باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى سامساق مايسىسىنى يىغىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

يېقىندا، كەنت ئاھالىسى فاڭ گوياۋنىڭ كۆكتات پارنىكىدا، ياپيېشىل سامساق مايسىسىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلدى، خىزمەتچى خادىملار ئۈزۈش، تاللاش، باغلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇللۇق مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئىدارىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىدارىسى بىلەن پائال ماسلىشىپ، يىراق مۇساپىلىك دەرسخانا، يېتىشتۈرۈشنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش، ئوغۇتلاش، باشقۇرۇش قاتارلىق تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى يولغا قويۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

«پارنىك كۆكتىتى كەنت ئاھالىسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادى كىرىم مەنبەسىنىڭ بىرى، خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ئۇرۇق، ئورگانىك ئوغۇت سېتىۋېلىپ، كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىشقا ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئەتىيازلىق كۆكتات تېرىشنى چىڭ تۇتۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «كۆك-تاق»ىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت» ناھىيە-شەھەردىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يولىنى ئېچىشىغا ياردەملىشىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى ئەن جيەنگاڭ.