چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن تۇغقانلارغا ياردەم بېرىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش

日期:2020年04月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز سۈن فاڭتىڭ، لۈ يىخەن، يىن تۇڭيۈەن فوتوسى ۋە خەۋىرى)3-ئاينىڭ 26-كۈنى، يېرىم كۈنلۈكئېتىز ئەمگىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇشگۇرۇھى شىنجاڭ قۇرۇلۇش (گۇرۇھى) چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يەن جيەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى خالىق ئابدۇراخمان ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى باشلاپ چۈشلۈك تاماق يېگىلى باردى. قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىيەر يېزىسىدىكى بىر ئاشخانىدا بالىلار ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان پولو يېدى.

بىرلىكتە قول سېلىپ، ئۆينى ئۆيدەك قىلىش

بالىلارنىڭ تاماق يېگەن ھالىتىنى كۆرۈپ، يەن جيەنئىككى يىل بۇرۇنقى ۋاقىتنى ئەسلىدى.

2018-يىلى، يەن جيەن تۇنجى قېتىم يېڭىسار ناھىيەسى يېڭىيەر يېزىسى دوستلۇق كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى خالىقنىڭ ئۆيىگە كەلدى. خالىق ئايالى، ئۈچ بالىسى بىلەن بىللە تاماق يەۋاتاتتى. پاكار كاڭنىڭ يېنىدا ئوچاق بار بولۇپ، ئەمدىلا تاماق ئېتىلگەن ئۆي بۇس بولۇپ كەتكەنىدى.

ئۆي ئۆيدەك بولۇشى كېرەك. يەن جيەن خالىقنى قايىل قىلىپ، ئىككەيلەن بىرلىكتە ھويلا-ئارانلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولدى.

سايىۋەن ياساش جەريانىدا، خالىقياغاچتىن ياسالغان سايىۋەننىڭ ئاسان چىرىپ، قارىدايدىغانلىقىنى، چىداملىق بولمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى. بۇنى قانداق ھەل قىلىش كېرەك؟ يەن جيەن بىلەن خالىق بىرلىكتە بازار ئايلىنىپ، رەڭلىك پولات تاختىنى ياغاچنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

بىر كېسەك، بىر كاھىش، بىر تام، بىر ھاجەتخانىدىن پۈتۈپ، خەلقنى بېيىتىپ ئەمىن تاپقۇزۇش ئۆيى سېلىنىشقا باشلىدى.

ئۆز قولى بىلەن لايىھەلەپ ياساپ پۈتكۈزگەن بۇ ئۆيگە قاراپ، خالىق مۇخبىرنى باشلاپ ھەممە يەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇردى. «قاراڭ، ھازىر مېنىڭ ئۆيۈم نېمىدېگەن چىرايلىق» دېدى خالىق.

بىكار يۈرۈشكە بولمايدۇ، دادا چوقۇم دادىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك

قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتىن ئىلگىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرى خالىقنىڭ كۈندىلىك ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، بىر ئايدا 800 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلاتتى، ئادەتتە ئۆيدە بالا بېقىۋاتقان ئايالىمۇ كېۋەز تېرىش پەسلىدە كېۋەز تېرىپ پۇل تېپىپ، ئۆيگە ئىشلىتەتتى.

يەن جيەننىڭ ياردىمىدە خالىق ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇپ ئېيىغا 1800 يۈەن مائاش ئالدى. گەرچە خىزمەت بىر قەدەر جاپالىق بولسىمۇ، لېكىن كىرىمى ياخشى ئىدى، خالىق بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولدى.

خالىقنىڭ ئۈچ مو يېرى بولۇپ، ئىلگىرىكى يىللىق ھوسۇلى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. يەن جيەن ناھىيە بازىرىدىن ئوغۇت سېتىۋېلىپ، دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، خالىقنىڭ ئىلمىي تېرىقچىلىق قىلىشىغا ياردەم بەردى.

2019-يىلى، خالىق ئائىلىسى بۇغداي ۋە كۆممىقوناقتىن مول ھوسۇل ئالدى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدى.

يەن جيەننىڭ ياردىمىدە خالىقنىڭ ئايالى ئىشىك ئالدىدىنلا كۈنلۈك ئىش تاپتى. بۇنداق بولغاندائۆيدە بالا باققاچ، پۇل تېپىشقا تەسىر يەتمەيىتتى.

خالىق بىلەن يەن جيەن ھويلىدا ئاپتاپتىن ھۇزۇرلانغاچ ئولتۇردى، ئاسانلىقچە كۈلمەيدىغان خالىقنىڭ چىرايىدا پات-پات خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.