نامراتلىقنى «يېشىل» يۆلەپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ياردەم بېرىش

日期:2020年04月23日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى:4-ئاينىڭ 7-كۈنى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار دۆڭقوتان يېزىسى چوڭكۆل كەنتىدىكى قوشماقلاشقان تۇغقىنى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپكارتا بىجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرگە 1400 تاختا كۆكتات مايسىسى ۋە 150 توننا ئورگانىك ئوغۇت يەتكۈزۈپ بەردى.

قوشماقلاشقان تۇغقانلار ياپيېشىل كۆكتات مايسىلىرى، ماشىنىغا بېسىلغان ئورگانىك ئوغۇتلارنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. «ئوغۇت سېتىۋالالماي بېشىم قېتىپ تۇرغان ئىدى، تۇغقىنىم ماڭا ھەقسىز ئورگانىك ئوغۇت ئەكىلىپ بېرىپ، چوڭ ياردەم قىلدى. مەن چوقۇم ياخشى ئىشلەپ، ئۆز قولۇمغا تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا قاراپ ماڭىمەن» دېدى ھۈسەن مەتنىياز.

چوڭكۆل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مېڭ چىڭجىن مۇنداق دېدى: «لوپنۇر ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىدىكى تۇغقانلاشقان كادىرلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپكارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي يۈكىنى يېنىكلىتىپ، كەنتىمىزگە مول ھوسۇل ئېلىش ئۈمىدى ئېلىپ كەلدى».

(ئىختىيارىي مۇخبىر لى يۈشيۇ)

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى