[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش . بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى] مۇزلۇق باغرىدىكى تۇغقان يوقلاش يولىدا نۇرمەمەت ماڭغانسېرى روھلاندى

日期:2020年04月22日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

نۇرمەمەت (سولدا)بىلەن ئابدۇقادىر

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلارسۈن فاڭتىڭ،لۈي يىخەن،يىن تۇڭيۇەنخەۋىرى، فوتوسى): ئۈرۈمچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ، ئون نەچچە سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن، 3-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 15:30دا، نۇرمەمەت يۈسۈپ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2800 مېتىر كېلىدىغان قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسى ئويتاغ بازىرى پىلال كەنتىگە يېتىپ كەلدى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئويتاغ مۇزلۇقى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىدى، بۇ تۇغقان يوقلاش يولىدا نۇرمەمەت يۈسۈپ ماڭغانسېرى روھلىنىپ كەتتى.

  «ئابدۇقادىر ئاكا، مەن كەلدىم!» جۇڭگو تېلېگىرافى شىنجاڭ (تۇرپان) شۆبە شىركىتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى نۇرمەمەت يۈسۈپ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئابدۇقادىر يۈسۈپ بىلەن سالاملاشتى. ئابدۇقادىر يۈسۈپنىڭ قارامتۇل يۈزلىرىدە خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋە قىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇكام، مەن ئەتىگەندىن تارتىپ سىزنى ساقلىدىم».

نۇرمەمەت بىر تەرەپتىن ئېلىپ كەلگەن ئۇن، ياغ، گۈرۈچلىرىنى ئاشخانىغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن ئابدۇقادىردىن ئۆيىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.

ئابدۇقادىرنىڭ يېڭىلا يەم-خەشەك ئەكەلگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، نۇرمەمەت بىلەن ئابدۇقادىر بىر كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قوتانغا قاراپ يول ئالدى، نۇرمەمەت ئۇنىڭ يەم-خەشەك چۈشۈرۈشىگە ياردەملەشتى.

2018-يىلى، نۇرمەمەت بىلەن ئابدۇقادىر قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. ھەر قېتىم تۇغقىنىنى يوقلاپ يولغا چىققاندا، نۇرمەمەت ئۈرۈمچىدىن پويىزغا ئولتۇرۇپ قەشقەرگە يېتىپ بېرىپ، ئاپتوموبىلغا ئالمىشىپ ئىككى سائەت يول يۈرگەندىن كېيىن ئويتاغ بازىرىغا يېتىپ كېلىدۇ، يەنە بىر سائەتتىن ئارتۇق پىيادە يول يۈرگەندىن كېيىن ئابدۇقادىرنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كېلىدۇ.

نۇرمەمەت (سولدا) بىلەن ئابدۇقادىر يەم-خەشەكلەرنى رەتلىمەكتە.

«ھەر قېتىم تۇغقىنىم كەلسە مەن بەك خۇش بولۇپ كېتىمەن، لېكىن يول بەك يىراق بولغاچقا ئۇنى جاپا تارتىپ قالغاندەك ھېس قىلىمەن.» ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: «مەن تۇغقىنىم بىلەن ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپقاتارلىق پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى ھەققىدە پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن، تۇغقىنىم ماڭا ھەممىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇپ، مېنى ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىدۇ.» قوتاننىڭ يېنىغا كېلىپ، ئىككىيلەن يەم-خەشەكلەرنى يۈدۈپ، شوتىنى بويلاپ ئۆگزىگە چىقىپ، يەم-خەشەكلەرنى ئۆگزىگە ئاپتاپقا سالدى.

   10 قاپ يەم-خەشەكنى جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، نۇرمەمەت بىلەن ئابدۇقادىر ئۆگزىدە ئولتۇرۇپ ئارام ئالدى، كۆپكۆك ئاسمان، تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارلىق تاغ، يىراقتىن كالا، قويلارنىڭ مۆرىگەن، مەرىگەن ئاۋازلىرى ئاڭلاندى... ۋاقىت گويا بۇ دەقىقىدە توختاپ قالغاندەك ئىدى.

نۇرمەمەت (ئوڭدا) ئابدۇقادىر بىلەن بىللە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ئېلانىنى چاپلىماقتا.

بىر ئاز ئارام ئالغاندىن كېيىن، نۇرمەمەت بىلەن ئابدۇقادىر ئۆيگە قايتتى، نۇرمەمەت بىر پارچە ئېلان ۋەرەقچىسىنى ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ 2019-يىلدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى...» ئابدۇقادىر بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاچ، بىر تەرەپتىن نۇرمەمەت بىلەن ئېلان ۋەرەقچىسىنى تامغا چاپلىدى.

«ئۆيگە كىرىپمۇ تۈزۈك ئارام ئالمىدىڭىز، ئازراق نەرسە يەۋېلىڭ.» ئېلان ۋەرەقچىسىنى چاپلاپ بولغاندىن كېيىن، ئابدۇقادىر ئۆيىدىكى نان، قېتىق ۋە قۇرۇتلارنى ئېلىپ چىقتى.

قېتىق ئىچىپ، قۇرۇتلارغا ئېغىز تېگىپ نۇرمەمەتنىڭ كۆڭلى ۋىللىدە ئىللىپ، «بۇ دەل ئۆينىڭ تەمى، كۆڭلۈم ناھايىتى ئىللىپ كەتتى!» دېدى.