تۇغقىنىم كۆكتات دۇكىنى ئېچىشىمغا ياردەملەشتى

日期:2020年04月14日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 13-كۈنى، جىڭ ۋېي (سولدا) بىلىمقاننىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ياردەملەشتى.

4-ئاينىڭ 12-كۈنى، جىڭ ۋېي بىلىمقاننىڭ قىزىغا بىر دۇنيا خەرىتىسىسوۋغا قىلىپ، ئۇنىڭغا جۇغراپىيە بىلىملىرىنى سۆزلەپ بەردى.

جىڭ ۋېينىڭ ۋاقتى چىقسىلا بىلىمقاننىڭ دۇكىنىغا بېرىپ ئۇنى يوقلايدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئېھتىياجلىق بولغان تاۋارلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ (4-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىخەن لياڭخەۋىرى، فوتوسى): «بىلىمقان، سىز دېگەن نەرسىلەرنى ئالغاچ كەلدىم!» 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرى جىڭ ۋېي بورتالا شەھىرى شياۋيىڭپەن بازىرى چىندېل خوتخور كەنتىگە كېلىپ، قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلىمقان زىكىراشنىڭ ئاشلىق-ياغ، كۆكتات دۇكىنىغا كۆكتاتلارنى يەتكۈزۈپ بەردى.

  «مېنىڭ بۇ دۇكاننى ئېچىشىمداجىڭ ئاكامنىڭ ياردىمى زور بولدى.» بىلىمقان مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى كەنتتەئۈچ دۇكان بار ئىدى، جىڭ ئاكام ئاشلىق-ياغ، كۆكتات دۇكىنىنىڭ يوقلىقىنى بايقاپ، ماڭا ئاشلىق-ياغ، كۆكتات دۇكىنى ئېچىش تەكلىپىنى بەرگەندىن كېيىنبۇ دۇكاننى ئاچتىم، ھازىر ھەر ئايدا 1500 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىمەن.»

مال كىرگۈزۈش، ھېسابات تۈزۈش، ئېدىتلاش ... قاتارلىق ئىشلارنى جىڭ ۋېي كۆڭۈل قويۇپ ئۆگەتتى، بىلىمقانمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگەندى. بىلىمقان كەنت ئاھالىلىرى ئېھتىياجلىق بولغان، دۇكانلاردا يوق تاۋارلارنى بىر-بىرلەپ خاتىرىلەپ، يەنە بىر قېتىم مال كىرگۈزگەندە سېتىۋالىدىغان بولدى. «مېنىڭ بۇ سىڭلىمنىڭ قولىدىنئىش كېلىدۇ، كىچىك دۇكىنىنىڭ تىجارىتىمۇ شۇنداق ياخشى، يەنە تېخى مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىدۇ» دېدى جىڭ ۋېي.

چىندېل خوتخور كەنتى چارۋىچىلىق كەنتى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلىسى ناھايىتى چوڭ ئىدى. جىڭ ۋېي بىلىمقانغا ھويلىسىغا كۆكتات تېرىش تەكلىپىنى بېرىپ، ھەم سېتىپ پۇل قىلسا بولىدىغانلىقى، شۇنىڭدەك ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جىڭ ۋېينىڭ ياردىمى بىلەن، بىلىمقان پالەك ۋە يۇمغاقسۈتتېرىدى.

«جىڭ ۋېي ئاكامنىڭ ياردىمى بىلەن، مېنىڭ تۇرمۇشۇم بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدىبىلىمقان.