[مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش . بەختلىك بىر ئائىلە كىشىلىرى] ھەدەم ماڭا يول ئېچىپ بەردى

日期:2020年04月10日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرمېھرىگۈل غوپۇر، ئىختىيارىي مۇخبىرجاۋ جىيۈەنخەۋىرى): «ھەدە، مان ھازىر ھەر ئايدا 2400 يۈەن مائاش ئالىمەن، يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتسە 3500 يۈەنگە ئۆسىدۇ، كۆپ ئىشلىسەم، كۆپ ئالىمەن.» 3-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتە، فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازىرى لىياڭ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىسى غۇلام خەيرۇل «ھەدە»سى جاڭ خەيپىڭگە تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن يېقىنقى ئەھۋالى توغرىسىدا پاراڭلاشتى.

«ياخشى بوپتۇ ئۇكام، پەقەت سەن تىرىشىپ ئىشلىسەڭ، چوقۇم چاتاق يوق، قىينچىلىق بولسا بىز بىرلىكتە ھەل قىلىمىز، سەن چوقۇم غەيرەت قىل.» فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازىرىنىڭ ئورگان كادىرى جاڭ خەيپىڭ ئۇنىڭغا ئىلھام بېرىپ شۇنداق دېدى.

  ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، جاڭ خەيپىڭ بىلەن غۇلام قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، غۇلامئائىلىسىنىڭ ئىشى جاڭ خەيپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشىغا ئايلاندى. تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندە، قىزغىن، ئوچۇق مىجەزلىك جاڭ خەيپىڭ خۇددى ئۆز ئىنىسىگە مۇئامىلە قىلغاندەك، غۇلام بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. غۇلامنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئادەتتە ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ يەر تېرىيدىغانلىقىنى، بەزىدە ئىشلەمچىلىك قىلىپ ئىشلەپ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكىنى، تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقتا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، جاڭ خەيپىڭ ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، سەن تېخى 27 ياشقا كىردىڭ، ئامال قىلىپ ماھارەت ئۆگىنىپ، ئىشلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپىدىغاننىڭ ئامالىنى قىلغىن.»

جاڭ خەيپىڭنىڭ ئىلھام بېرىشى بىلەنغۇلام دۆلەت ئورتاق تىلىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ھەر خىل تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا ئاكتىپ قاتناشتى. «ئەسلىدە يەر تېرىشمۇ شۇنچە كۆپ بىلىمگە چېتىشلىق بولىدىكەن، ئوت ئوتاش، ئوغۇتلاش ھەممىسىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەككەن، تەربىيەلەش ئارقىلىق مەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. مەن بىر مۇقىم خىزمەت تېپىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىمنى ئاشۇرۇشنى ئويلىشىۋاتىمەن.» دېدىغۇلام.

  كەنتتىكى خادىملارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە تەشكىللەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، غۇلام بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇردى. ئۇ ناھايىتى تېزلا شۇ جايدىكى بىر كارخانىغا كىرىپ، يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى مەشغۇلاتچىسى بولدى.

جاڭ خەيپىڭ دائىم دېگۈدەك غۇلامغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنى ئۇستازى ۋە خىزمەتداشلىرىدىن كەمتەرلىك بىلەن سوراپ ئۆگىنىپ، تېخنىكا مۇھىم نۇقتىلىرىنى پىششىق ئىگىلەپ، تىرىشىپ لاياقەتلىك يۆتكەش-توشۇش ئىشچىسى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. «ھازىر ئىنىم بارغانچە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولدى، پۇتۇڭخۇانىمۇ بارغانچە راۋان سۆزلىيەلەيدىغان بولدى، ئۇنىڭ غەيرەتكە تولغان ھالىتىنى كۆرۈپ، مەن چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولدۇم.» دېدى جاڭ خەيپىڭ خۇشال بولغان ھالدا.

«ھەدەم مېنىڭ ھاياتىمغا يول ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ چىن قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان غەمخورلۇقى قەلبىمنى ئىللىتتى. مەن مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان، غايىلىك ئادەم بولۇپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، بۇ قېرىنداشلىق مېھرىگە، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرىمەن.» دېدىغۇلام.

بۇ يىل، غۇلامدا بىر يېڭى ئوي پەيدا بولدى. غۇلام مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئىش قىلسام ئۇزاق مۇددەتلىك پىلانىم يوق ئىدى، ھازىر مەن ئەستايىدىل خىزمەت قىلىپ، ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈپ، كۆپرەك پۇل تېپىپ، قەرز ئېلىپ ئۆي سېتىۋېلىپ، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تىرىشىمەن.»