مەكت ناھىيەسى: زاكازلىق يېزا ئىگىلىكى دېھقانلارنى سېتىش قىيىن بولۇش غېمىدىن خالاس قىلدى

日期:2020年04月02日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، مەكىت ناھىيەسى قۇرما يېزىسى قىزىلنۇر كەنتىنىڭھەممىلايېرىدە ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى. تېرىقچىلىق ئائىلىسى ئابدۇغېنى ئابدۇمۇتئېتىزدا خۇشال ھالدا سۇلياۋ يوپۇق يېپىۋاتاتتى.

بۇ بىر نەچچە كۈندە، ئۇ ئۇچراتقان كىشىلەرگەزاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى ماختاپ بەردى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ قىزىلچا تېرىش زاكاز توختامى تۈزگەن بولۇپ، قىزىلچا تېرىشقا كېرەكلىك دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى زاكاز قىلغان شىركەت تەمىنلەيتتى، سېتىشتىنمۇ غەم قىلمايتتى.

  بۇ يىل، بىڭتۇەننىڭ قىزىلنۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرى بىلەن پائال ئالاقە باغلاپ، يېزا ئىگىلىك كارخانىلىرىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش خىزمىتىدىكى يېتەكلەش، باشلامچىلىق قىلىش، تارقىتىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، قەشقەر ئاۋدۇ شېكەرچىلىك چەكلىك شىركىتى بىلەن 2500 موقىزىلچازاكاز توختامى ئىمزالاپ، ئاممىنى قىزىلچا تېرىشقا يېتەكلىدى.

كېلىشىمگە ئاساسەن، قەشقەر ئاۋدۇ شېكەرچىلىك چەكلىك شىركىتى قىزىلنۇر كەنتىدىكى دېھقانلارنى قىزىلچا ئۇرۇقى، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، سۇلياۋ يوپۇق قاتارلىق دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. قىزىلچا يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، شىركەت ھەر مو يەرنىڭ ساپ كىرىمى 2000 يۈەندىن تۆۋەن بولمىغان باھادا تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىدىنسېتىۋېلىپ، ھەقىقىي تۈردە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدىدىكەن.

«بۇنىڭدىن كېيىن، بىز زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ كۆپ كارخانىنى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سېتىۋېلىش زاكاز تالونى ئىمزالاشقا جەلپ قىلىپ، قىزىلنۇر كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجە-ئۈنۈمىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيمىز.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى فېڭ جۈن.

(ماقالىنى بىڭتۇەننىڭ مەكىت ناھىيەسى قۇرما يېزىسى قىزىلنۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى نيې چاۋ تەمىنلىگەن)