كۆكتوقاي ناھىيەسى: پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى خەلقنى غەمدىن خالاس قىلدى

日期:2020年04月02日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرى مەدەنىيەت غەربىي يولى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ئېرجان خالىبېكنىڭ ناۋايخانىسىدا، «پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» ئېرجان خالىبېكنىڭ نان يېقىشىغا ياردەملەشتى.

ھەر ساھە، ھەر كەسىپتە تىجارەت ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكتىن، ئېرجاننىڭ نان زاكاز تالونى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ، بىر مەھەل ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كۆكتوقاي ناھىيەلىك باج ئىدارىسى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، «پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى»قۇرۇپ ئېرجاننىڭ زاكازنى تاماملىشىغا ياردەملىشىپ، ئۇنى غەمدىن خالاس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناننى يېقىپ بولغاندىن كېيىن، «پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى» ئېرجان بىلەن بىللە ناننى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ، زاكاز بۇيرۇتقانلارغا يەتكۈزۈپ بەردى.

«خىزمەت ئەترىتىگە كۆپ رەھمەت، ئۇلار بولمىغان بولسا، زاكازنى ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلالمايتتىم، خىزمەت ئەترىتى ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ غەمگۇزارىمىز.» دېدى ئېرجان تەسىرلەنگەن ھالدا.

(ماقالىنى كۆكتوقاي ناھىيەلىك باج ئىدارىسى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكى جاۋ جياشى، نۇرلاش سىلاش تەمىنلىدى)