شايار ناھىيەسى: لازا تېرىقچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا يېتەكلىدى

日期:2020年03月30日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: قۇياش نۇرىغا تولغان 3-ئايدا، بارچە مەۋجۇداتجانلىنىدۇ. 3-ئاينىڭ 22-كۈنى سەھەردە، شايار ناھىيەسى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى مىجىت ھىمىت ئائىلىسىدىكىلەر ئېتىزدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى، «بۇ يىل ئەتىياز بالدۇر كەلدى، تېمپېراتۇرا تېز ئۆرلىدى، مەن لازا ئۇرۇقىنى تېزرەك تېرىپ، بالدۇرراق ھوسۇل ئېلىشىم كېرەك» دېدى مىجىت.

مىجىت كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە بولۇپ، بۇلتۇر تۆت مويەرگە لازا تېرىپ، مو بېشىغا 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان، لازا تېرىش ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، ئۇلارغا بېيىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ ياخشى يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. بۇ يىل مىجىتئالتە مو يېرىنىڭ ھەممىسىگە لازا تېرىغان.

مىجىتنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئوتتۇرىغا قويغان«مىڭ مولۇق لازا ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسى» پىلانىنىڭ نەتىجىسىدۇر.

خىزمەت ئەترىتىيېڭى لازىنىڭ شۇ جاينىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى زۆرۈر قورۇما ماتېرىيالى ئىكەنلىكىنى، لازىنى قۇرۇتۇپ تالقان قىلىش شۇ جايدىكى ئامما ياسايدىغانقوشۇمچە ماتېرىيال ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەرنىڭ لازا تېرىش ئەنئەنىسىبارلىقىنى بايقىغان. بۇنىڭدىن سىرت، لازىنىڭ ئۆسۈش دەۋرىيلىكى قىسقا، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، بازار باھاسى ياخشى بولغاچقا، لازا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يوشۇرۇن ئىستىقبالى زور ئىدى.

نىشان بېكىتىلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى كەسىپ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن خىزمەت ئەترىتىئەزالىرى، پارتىيەلىك كادىرلار ۋە لازا تېرىش چوڭ ئائىلىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمەت ئەترىتىقۇردى. دېھقانچىلىق تېخنىكلىرىنى دەرس ئۆتۈش، لازا تېرىيدىغان چوڭ ئائىلىلەرنى ئۆز تەجرىبىسىنىمىسال قىلىپ سۆزلەش ۋە زىرائەت تېرىش ئۈنۈمىنى سېلىشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، تەۋەلىكتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە پائال يېتەكلەپ، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىش ئارقىلىق بېيىش يولىغا يېتەكلىدى.

خىزمەت ئەترىتى يەنە تەۋەلىكتىكى لازا كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ قېلىپلىشىپيۈرۈشۈشىگە پائال يېتەكچىلىك قىلدىھەمدە ئالاقىدار كارخاناۋەسودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، لازىنىڭ سېتىش يولى مەسىلىسىنى زاكاز قىلىش شەكلى ئارقىلىق ھەل قىلدى.

«بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش يىلى، بىز كەسپىي ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەۋەلىكتىكى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، لازا ئارقىلىقئاممىنىبېيىتىپ كىرىمىنى ئاشۇرىمىز»دېدى كەنتنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭباشلىقى مەخمۇت داۋۇت.

(ماقالىنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن جاڭ چاۋ تەمىنلىگەن)