چىن مېھىر - مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە سۆزلىشىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا يېڭى كەيپىيات يارىتىش

日期:2020年03月26日
来源:新疆日报
【字体:

ھال - ئەھۋال سوراپ، ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنى غەم - ئەندىشىدىن خالاس قىلىش؛ ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا پاراڭلىشىپ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئېتىزدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇ بىلەن ئالدىراش بولۇش؛ تەرەققىياتنى كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ «ياخشى چارىسى»نى يەتكۈزۈش... باھاردىكى 3 - ئاي، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر جەنۇبىي، شىمالىي شىنجاڭدىكى يېزا - كەنتلەرگە بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى يوقلىدى، تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى تېخىمۇ ئېجىل بولۇپ، قەلبلەر بارغانسېرى يېقىنلاشتى.

ئۈمىد ئۇرۇقىنى ئورتاق تېرىش

3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سەھەردىلا، كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ زەمىن يېزىسى ئېرىقبېشى كەنتىدە ئېتىز بېشى قىزىپ كەتتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە يەڭ تۈرۈپ ئىشلەشكە باشلىدى. بۇ دەل ياڭيۇ تېرىشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى، بۇ يىل بۇ كەنتتىكى 51 ئائىلىلىك كەنت ئاھالىسى 120 مو يەرگە ياڭيۇ تېرىماقچى.

«مېنىڭ ئېرىمنىڭ كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى خىزمىتى بىرقەدەر ئالدىراش، ئائىلىمىزدە ئالتە مو يەرگە ياڭيۇ تېرىماقچى، ئەمگەك كۈچىمىز يېتىشمەيدۇ. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە تۇغقىنىم كېلىپ، ھەقىقەتەن مېنىڭ قىيىن مەسىلەمنى ھەل قىلدى» دېدى كەنت ئاھالىسى نۇربىيە ھامۇت خۇشال ھالدا.

ياڭيۇ تېرىش قارىماققا ئاددىي كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە تېخنىكىلىق ئىش ئىدى. «ياڭيۇ تېرىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى بار، بىر خىلى، ئۈندۈرمىنى كېسىپ بىۋاسىتە تېرىش، يەنە بىر خىلى، ياڭيۇ چېچەكلىگەندە يىغىۋالغان ئۇرۇقنى تېرىش...» مانا بۇ يەردە، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق تەجرىبىسى مول بولغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىسى جاڭ شيۇچېڭ بىر تەرەپتىن، ياشلارغا پەننى ئومۇملاشتۇرغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن، نەق مەيداندا ئۈلگە كۆرسىتىۋاتاتتى.

«كولاش، تىندۇرۇش، چىڭداش، ئۇرۇقنىڭ ئۈستىگە كۆمۈلگەن توپىنى چىڭداپ، ئۇرۇقنىڭ ئېچىلىپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەن بۇ قېتىم ھەقىقەتەن كۆپ ھاسىلاتقا ئېرىشتىم» دېدى 90 - يىللاردا تۇغۇلغان كادىر جاۋ شۇنىڭ. كېسىپ پارچىلاش، ئورەك كولاش، تېرىش، توپا تاشلاش، تىندۇرۇپ كۆمۈش... كادىرلار ئىش تەقسىملىۋېلىپ ھەمكارلىشىپ، تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈمىد ئۇرۇقىنى تېرىدى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى دېھقانلارنىڭ ھويلىلىرىدا، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىدا، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنى كۆپ خىل شەكىلدە زىيارەت قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىر گەۋدە بولۇپ يۇغۇرۇلۇپ، ئىچقويۇن - تاشقويۇن بولۇپ، باھاردىكى سالىمى ۋە غەمخورلۇقىنى يەتكۈزدى.

مەدەنىي يېڭى ئىستىل قەلبلەرنى ئىللىتىش

بۇغدايلار غول تارتىپ، ئۆرۈك چېچىكى خۇش پۇراق چاچتى، رەتلىك، پاكىز كوچا بويلىرى گۈزەل تۈسكە كىردى. 3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى يۈرچى يېزىسى ئارا ئايماق كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ كادىرلىرى قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىكى خۇشال كۈلكە سادالىرىدىن باھار ناخشىسى ياڭرىدى.

گۈلبانۇ ئىسھاق قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئەلى مامۇتنىڭ ئۆيىگە كېلىپلا، كۆكتات پارنىكىنى سۇغىرىش، ئۆينىڭ ئالدى - كەينىدىكى ھويلا - ئارانلارنى تازىلاش، كالا - قوي قوتىنىنى تازىلاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. «ھازىر كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، كۈنلىرىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى، ھويلا - ئاران تازىلىقىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ. تۇرمۇشىمىز باياشات، ئۆيلىرىمىز پاكىز، تېنىمىز ساغلام بولسا، كۆڭلىمىزمۇ يورۇق تۇرىدۇ» دېدى گۈلبانۇ تۇغقىنىغا.

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەزگىلىدە، گۈلبانۇ كۈن ئارىلاپ تۇغقىنىغا تېلېفون بېرىپ، ئۇلارغا مۇداپىئەگە دىققەت قىلىشنى، ماسكا تاقاشنى، قولىنى يۇيۇپ تۇرۇشنى، توپلىشىۋالماسلىقنى، يىغىلىۋالماسلىقنى تاپىلىدى. بۇ قېتىم جەم بولغاندا، گۈلبانۇ يۇيۇش - ئاسراش بۇيۇملىرى، ماسكا ئېلىپ كەلدى، يەنە بالىلارغا يېڭى كىيىم تەييارلىدى. «كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭىز، ھازىر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ياخشىلاندى، تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشىمىز، ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك» دېدى ئەلى كۈلۈپ تۇرۇپ.

كۇچا شەھىرى ئالاقاغا بازىرى تۈگمەنبېشى كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى تۇغقانلىرىنى يوقلىغاندا، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى ۋە داۋالاش - سەھىيە بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلدى ھەم كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ باردى؛ باي ناھىيەسى سايرام بازىرى يېڭىمەھەللە كەنتىدە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كادىرلىرى تۇغقانلىرى بىلەن بىللە بازاردىكى ئاشخانىغا بېرىپ جەم بولۇش تامىقى يەپ، ئاممىۋى چوكا، ئاممىۋى قوشۇق ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى؛ شىخو شەھىرى گەنخېزا بازىرى خاۋجياجاڭزا كەنتىدە، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك بازارنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كادىرلىرى سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، تۇغقانلىرىغا ياردەملىشىپ ھويلا - ئارانلارنى تازىلىدى، ئېغىل - قوتانلارنى رەتلىدى ھەم چوڭ كاناي، ئۈندىدار توپى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ ساغلام تۇرمۇش قارىشىنى تەشۋىق قىلىپ، سەھىيە يۇقۇم مۇداپىئەسى بىلىملىرىنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى...

ھەميان تومپايدى، كۈلكە كۆپەيدى، روھى كۆتۈرۈلدى، تۇرمۇش شەكلى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتى. قېتىم - قېتىملاپ جەم بولۇش زامانىۋى مەدەنىي يېڭى ئىستىلنى ئاممىنىڭ قەلبىگە ئورناتتى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئۈچۈن ئەمەلىي تەدبىر كۆرسىتىش

«ئاكامنىڭ ئۆيىدىكى نان پۈتۈنلەي قولدا تەييارلىنىدۇ، مەززىلىك ھەم يېيىشلىك، يېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى، <قالتىس> دەپ ماختىشىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ بەس - بەستە زاكاز قىلىپ سېتىۋېلىشىنى قارشى ئالىمىز، بىز مالنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىمىز، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى مۇنداق...» بۇ بىرنەچچە كۈندە، تۇغقىنى نىزامىدىن روزىنىڭ نېنىنى تونۇشتۇرۇپ سېتىش فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازىرىنىڭ كادىرى مېڭ جيەنبىڭ دوستلار چەمبىرىكىدە ئەڭ كۆپ يوللىغان مەزمۇن.

نىزامىدىن ياققان ناننىڭ تەمى ياخشى بولسىمۇ، لېكىن تۈرى بىرلا خىل، سېتىش يولى چەكلىك بولغاچقا، ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. «مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ مېنىڭ نېنىمنى سېتىۋېلىشىنى، شۇنداقلا ناننى تېخىمۇ يىراق جايلارغا سېتىشنى ئويلايمەن.» نىزامىدىن تۇغقىنى مېڭ جيەنبىڭگە ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئېيتتى.

سىناپ بېقىش خىيالى بىلەن، مېڭ جيەنبىڭنىڭ تەكلىپى بويىچە، ئۇلار ئىككىسى ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە ئېلان بېرىشكە باشلىدى، مېڭ جيەنبىڭ يەنە ئەتراپىدىكى خىزمەتداشلىرى، دوستلىرىنى ياردەملىشىپ تەشۋىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى تېزلا سۈرۈشتۈرۈش، زاكاز قىلىش تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. 100، 500، ...1000 ناھايىتى تېزلا، زاكازلار خۇددى قار ئۇچقۇنلىرىدەك ئۇچۇپ كېلىشكە باشلىدى، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىمدا 5000 ناننىڭ زاكىزىنى تاپشۇرۇۋالدى.

«ئىنىمنىڭ <ياخشى چارىسى> مېنىڭ سېتىش يولۇمنى ئاچتى. مەن بۇ يىل تونۇردىن يەنە بىرنى كۆپەيتىمەن، يەنە ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرۇپ، ناننى ئىچكىرى رايونلارغا سېتىشقا تىرىشىمەن» دېدى نىزامىدىن تولۇق ئىشەنچ بىلەن.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى ئېچىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتى «توردا زاكاز قوبۇل قىلىش، تور سىرتىدا مەخسۇس توشۇش، ئائىلىگىچە يەتكۈزۈپ بېرىش»تەك تىجارەت ئەندىزىسىنى قوزغاتتى ھەم «چېڭگۇەن بازارلىق سېتىلماي قالغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بېرىش توپى»نى قۇردى، كادىرلار تۇغقانلىرىنىڭ سېتىلماي قالغان يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تىزىملىغاندىن كېيىن توپتا ئېلان قىلسا بولىدۇ. «مۇشۇنداق قىلىپ، سېتىش تورى كېڭىيىپ، سېتىش يوللىرى راۋانلىشىپ، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى» دېدى فۇكاڭ شەھىرى چېڭگۇەن بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما جيەنمىڭ.

باشقىلارغا بېلىق بەرگەندىن، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن ئەۋزەل. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار چىن مېھىر - مۇھەببەت بىلەن تۇغقانلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئويلىغىنىنى ئويلاپ، ئارزۇ - ئارمانلىرىغا قۇلاق سېلىپ، قىيىنچىلىقلىرىنى چوڭقۇر، ئېنىق، پۇختا ئىگىلەپ، تۇغقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئۈچۈن چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.