ئۈرۈمچى شەھىرى: رەڭدار پائالىيەتلەر بىلەن چاغاننى كۈتۈۋېلىش، شاد-خۇرام بىر ئائىلە كىشىلىرى

日期:2020年01月21日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكوم ئىشتات ئىشخانىسىنىڭ شۈيموگوۋ رايونى ليۇداۋان تارماق رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تيەنپىڭمەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى مەھەللە بىلەن بىرلىشىپ، «شاد-خۇراملىق ئىچىدەچاغاننى تەبرىكلەش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. مەھەللىدىكىپارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، تەۋەلىكتىكىئاھالىلەر، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، سەنئەت نومۇرلىرىنىكۆردى، بىر-بىرىگە بەخت تىلىدى، سىرداشتى، 2020-يىللىق چاغاننى كۈتۈۋالدى.

پائالىيەتشوخ «شىياڭياڭ» ناملىق مۇزىكا بىلەن باشلاندى، يالغۇز كىشىلىك ناخشا، ئۇسسۇل، سېھرىگەرلىك قاتارلىق نومۇرلارنۆۋەتلىشىپ ئورۇندالدى، پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى مول، شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، قويۇق چاغان تۈسىگە تولدى.

پائالىيەتتە، 73 ياشلىق ھۆسنخەت ۋە رەسىم ھەۋەسكارى ما جىجيې بوۋاي قولىغا رەسىم قەلىمىنى ئېلىپ، ئەركىن قىياپەتتە رەسىم سىزىشقا باشلىدى،ئۇزاق ئۆتمەي بىر خورازنىڭ باھارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىۋاتقانرەسىمى تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى، كۆپچىلىكقىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

68 ياشلىق خوۋ يوڭشېڭ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بىز نۇرغۇن ئېسىل نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندۇق،پۇخادىن چىقتۇق. خەتتاتلار بىزگەچۈنليەن يېزىپ بېرىپ، بىزگەقويۇق چاغان تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇردى. چاغاننى كۈتۈۋېلىش كېچىلىكى ناھايىتى ياخشى ئۆتكۈزۈلدى، بىز ناھايىتى خۇشال بولدۇق».

مەھەللىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى قاسىم توختى مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى چاغانيېتىپ كېلىش ئالدىدا، خىزمەت ئەترىتىمىز ۋە مەھەللە بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى خوشال-خورام بايرام ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».