مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆڭلىگە پۈكۈش

− مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس قەيسەر مەمتىمىن توغرىسىدا

日期:2019年11月27日
来源:新疆日报
【字体:

«مەن شان - شەرەپنى قەدىرلەپ، ئەستايىدىللىق بىلەن ھەربىر ئاددىي ئىشنىمۇ ياخشى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشى مۇستەھكەملەيمەن، يۈكسەلدۈرىمەن.» 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئۆزىنىڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس دېگەن نامغا ئېرىشكەنلىكى ئۈستىدە توختالغاندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللەت - دىن ئىشلىرى ئىدارىسى مىللەتلەر ئىشلىرى 1 - باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى قەيسەر مەمتىمىننىڭ سۆزىدىن مىننەتدارلىق ۋە قەتئىيلىك چىقىپ تۇراتتى.

2005- يىلى، قەيسەر ھەربىي قىسىمدىن كەسىپ ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى غالىبىيەت يولى كوچا باشقارمىسى، بەيگە مەيدانى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىدا مەھەللە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى، خىزمەتتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا ئۈرۈمچى شەھەرلىك مىللەت - دىن ئىشلىرى ئىدارىسىگە يۆتكەپ كېلىندى. قەيسەر قىسىمدىن چېكىنگەن بولسىمۇ، بەرگەن قەسىمىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىدى، مەيلى قانداقلا خىزمەت قىلسۇن، ئۇ ھەممىسىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىدى، ئەستايىدىل مەسئۇل بولدى، ھەرقانچە چوڭ قىيىنچىلىقنىمۇ ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېڭىپ، باشتىن - ئاخىر ئاكتىپ، تەشەببۇسكار، خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدىغان، باتۇر، قەيسەر بولۇشتەك ھەربىيچە ئىستىلىنى ساقلاپ كەلدى.

«كىچىكىمدىن ھازىرغىچە مەن ھەر مىللەت بۇرادەرلىرىم، ساۋاقداشلىرىم، خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئىشلەپ، قېرىنداشلاردىنمۇ يېقىن دوستلۇق مېھرى ئورناتتىم. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، بىز چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىمىزنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلىشىمىز كېرەك.» قەيسەر مۇشۇنداق دېدى ھەم مۇشۇنداق قىلدى. بولۇپمۇ دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بولغان چۈشەنچىسى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

مىللەت، دىن خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتا، مىللەت، دىن خىزمىتىگە نىسبەتەن چوڭقۇر نەزەرىيەۋى بىلىم بولمىسا خىزمەتنى ياخشى قانات يايدۇرغىلى بولمايدۇ. قەيسەر تەپسىلىي ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ - ئادىتى قاتارلىقلارنى كەڭ ئىگىلىدى.

«بىز جەزمەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىم كاللا ئىشلىتىپ، دائىم تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن - ئاخىر مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم، بايرىقىمىزنى روشەن قىلىشىمىز كېرەك، پەقەت مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن ئاچقۇچلۇق پەيتتە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيمىز» دېدى قەيسەر.

2016 - يىلى، قەيسەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»قا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتكە قاتنىشىشقا ئاجرىتىلدى، زىيادە چارچاپ كەتكەنلىكتىن كېسەل بولۇپ ئىش ئورنىدا يىقىلىپ قالدى. 2018 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» نەتىجە - ئۈنۈمىنى باھالاشتا ئۈرۈمچى شەھىرى 1- لىككە ئېرىشتى. خىزمەتداشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياخشى ۋەزىيىتىدە قەيسەرنىڭ ئەجرى ۋە تىرىشچانلىقى بار، دېيىشتى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇياش نۇرىغا، ھاۋاغا ۋە سۇغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن ئايرىلساق ياشىيالمايمىز. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى ھەرىكىتىمىزدە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك، مەن داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەتنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىمەن» دېدى قەيسەر.