بۇيا: مىللەتلەر خىزمىتىنى چىن دىلىمدىن ياخشى ئىشلەيمەن

日期:2019年11月16日
来源:新疆日报
【字体:

«مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە بېيجىڭغا بېرىپ تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشقانلىقىمدىن تولىمۇ شەرەپ ھېس قىلدىم ۋە ئىپتىخارلاندىم.» 10 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق مىللەت، دىن ئىشلىرى ئىدارىسى مىللەتلەر ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى بۇيا مۇخبىرغا بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە ساقلاپ، شەرەپنى قەدىرلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋاملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتكە ھۆرمەت بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن، شۇغۇللىنىۋاتقان ئىشىمغا ئالغا ئىنتىلىش روھى بىلەن مۇئامىلە قىلىمەن.» بۇ بۇيانىڭ خىزمەت ئەقىدىسى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇيا بارلىق زېھنىنى مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە قويۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت سىياسىتى، قانۇن - نىزاملىرى ۋە «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» تەشۋىق تەربىيەسىنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى، ئالاقىدار تارماقلارغا ئاكتىپلىق بىلەن ماسلىشىپ تاراتقۇلاردا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى مەخسۇس ئىستونى تەسىس قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقاتى ئاسما رەسىمى، كىتابچىسى، يانچۇق كىتابى، ئوپتىك دىسكا قاتارلىقلارنى تۈزۈپ باستۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.

مىللىي سودا ۋە مىللىي بۇيۇملارغا مەسئۇل بولۇپ خىزمەت قىلغان ئون يىلدا، بۇيا كارخانا باشقۇرۇش ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مىللىي سودىغا بولغان سىياسەت يېتەكچىلىكى، كەسپىي تەربىيەلەش، ئۇچۇر مەسلىھەتچىلىك مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، مىللىي سودا سىياسىتى تەربىيەلەش كۇرسىدىن ئالتە قارار تەشكىللىدى، ئۇيۇشتۇردى ھەم قاتناشتى، مىللىي سودا كارخانىلىرى ۋەكىللىرىنى ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈش، ئۆگىنىشكە كۆپ قېتىم تەشكىللەپ، بېيجىڭ، شېنجېن، شىئەن قاتارلىق جايلارنىڭ داڭلىق، ئەلا، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى سودا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى.

بۇيا نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش ئاساسىي تەدبىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەربىر ياردەم بېرىش - يۆلەش مەبلىغىنى، ھەربىر ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈرىنى نامرات يېزا - بازارلارنىڭ تەرەققىي قىلىپ بېيىشىدىكى قان تومۇرىغا ئايلاندۇرۇپ، نامرات يېزا - بازار ۋە نامرات ئاھالىلەرنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. 2015 - يىلىدىن 2018 - يىلىغىچە، ئۇ ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىيات مەبلىغى تۈرىدىن 140نى، 71 مىليون 292 مىڭ يۈەن مەبلەغنى پائال قولغا كەلتۈردى.

بۇيا 36 قېتىم «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىدى، تەشكىللىدى، ئۇيۇشتۇردى، دائىم ھال سوراش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي قاتلامنى خاتىرجەم قىلىشى، ئاممىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئارقا تىرەك بولدى.

بۇيا قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇش پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن پائال قانات يايدۇردى، قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىر ئائىلىدىن ئالتە ئائىلىگە كۆپەيدى. ئۇ ئۇزاق مۇددەت مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنى تەتقىق قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، 100 پارچىدىن ئارتۇق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى، مەخسۇس تېمىلىق ماقالە يېزىپ، 300 پارچىدىن ئارتۇق تەدبىر، تەكلىپ قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەشتە پايدىلىنىشىغا سۇندى.

كۆپ يىللاردىن بۇيان، بۇيا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، ئاپتونوم رايون بويىچە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدىكى ئىلغار شەخس قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.