خەن ۋېي: ھەقىقىي ھېسسىياتىنى سىڭدۈرۈش مەھەللىنى مۇھەببەتكە تولدۇرۇش

日期:2019年11月14日
来源:新疆日报
【字体:

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەلبتە يىلتىز تارتقۇزۇپ، ھەقىقىي ھېسسىياتنى سىڭدۈرۈپ ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلغاندا، مەھەللە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇياش نۇرىغا تولىدۇ.» دەل مۇشۇنداق ئېتىقادتا چىڭ تۇرغاچقا، خەن ۋېي ئاددىي خىزمەت ئورنىدا ئاددىي بولمىغان نۇرلارنى چاقناتتى.

كۆڭۈل قويۇپ ئاھالىلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش

بۇ يىل خەن ۋېينىڭ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) نېفىت يېڭى كەنتى تەۋەلىكى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ يۆتكىلىپ كەلگىنىگە ئىككى يىل بولدى. گەرچە ئەسلىدىكى باجياخۇ تەۋەلىكى باشقۇرۇش كومىتېتى شىنخې مەھەللىسى بىلەن خۇڭياڭ مەھەللىسىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ ئىككى مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ غېمىنى يېدى، ئۇلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئەزەلدىن ئۈزۈپ قويمىدى.

«ئائىلىمىز ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا خەن ۋېي ياردەم قولىنى سۇندى، بەش يىلدىن بۇيان بىزگە قىلغان ياردىمىنى توختىتىپ قويمىدى. ھازىر قىزىمنىڭ سالامەتلىكى ئاساسەن ئەسلىگە كەلدى، ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىمۇ بارا - بارا ياخشىلاندى.» 10- ئاينىڭ 18- كۈنى، قاراقاش ناھىيەسىدىكى نۇرمەمەت سايىپ يىراقتىن تېلېفوندا مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى بىلدۈردى.

2013- يىلى، خەن ۋېي تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇپ شىنخې مەھەللىسىگە بېرىپ مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولدى. بىر قېتىملىق ئائىلە زىيارىتىدە، ئۇ ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەردىن ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرغان نۇرمەمەتنىڭ ئاغرىق قىزىنى ئۇچراتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ دورا پۇلىنى تېجەش ئۈچۈن، تۇرمۇشتا قىينىلىۋاتقانلىقىغا ناھايىتى ئىچى ئاغرىدى.

ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، خەن ۋېي كۆپ تەرەپكە قاتراپ، نۇرمەمەتنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش پۇلىنى ئىلتىماس قىلىشىغا ياردەملەشتى، مەھەللىدە ئىئانە توپلاپ داۋالىنىش پۇلى غەملەشنى تەشكىللىدى، يەنە نۇرمەمەتنىڭ ئوغلىنى مەھەللە چارلاش ئەترىتىنىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىپ، ئۇنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى.

ئادەتتىكى چاغلاردا، خەن ۋېي دائىم نۇرمەمەتنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يوقلاپ، نۇرمەمەتنىڭ قىزىنىڭ كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم قىلدى، بۇنىڭ بىلەن نۇرمەمەت بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كەلگۈسى تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى تولۇپ تاشتى.

ئىناق مۇھىت بەرپا قىلىش

خەن ۋېي مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر بىلىپ، مەھەللىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەھەللىدىكى كادىرلار، ئاممىنى پائال يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاھالىسى بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان مەھەللە مۇھىتى ياراتتى.

خۇڭياڭ مەھەللىسىدىكى بەزى ئاياللارنىڭ ئىدىيەسى بىرقەدەر مۇتەئەسسىپ ئىدى. خەن ۋېي ئۇلارنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت مەركىزىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەشكىللىدى. ئۇ يەنە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئاھالىلەر ئۈچۈن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سۇپىسى قۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش قارىشىنى يېڭىلىدى.

خەن ۋېي مەھەللە كادىرلىرىنى يېتەكلەپ، مەھەللىدىكى ئوڭغۇل - دوڭغۇل يوللارنى رېمونت قىلدى، يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى مۇكەممەللەشتۈردى، يول چىرىغى ئورناتتى، ئۆزى سېلىۋالغان 13 كورپۇس ئۆينىڭ ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش تورىنى راۋانلاشتۇردى، ئۆزى سېلىۋالغان ئۆيلەر رايونىدىكى ئاھالىلەرنىڭ يول يۈرۈشى قىيىن بولۇش، كېرەكسىز سۇنى چىقىرىۋېتىش قىيىن بولۇش ۋە ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ خاتىرجەم، ئازادە قىلدى.

خەن ۋېي يەنە مەھەللىدىكى كادىرلار، ئاممىنى يېتەكلەپ، «ئۈچنى بەرپا قىلىش»، يەنى «بىر ياخشى ياچېيكا بەنزىسى بەرپا قىلىش، بىر يۈرۈش ياخشى خىزمەت مېخانىزمى بەرپا قىلىش، بىر ياخشى مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەھەللە تەرەققىياتى، ھەر مىللەت ئاھالىسىنىڭ ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق ئاساسىنى قەدەممۇقەدەم مۇستەھكەملىدى.

ئىتتىپاق، ئىناق چوڭ ئائىلە

قانداقلا ئىشقا يولۇقسۇن، خەن ۋېي ھەمىشە ئۆزىگە ئىشەندى، ئۈمىد بىلەن قارىدى. مەھەللە خىزمىتىدە كىچىك ئىشلار كۆپ، ئۇششاق - چۈششەك ئىشلار كۆپ، ئاۋارىچىلىك ئىشلار كۆپ ئىدى، لېكىن خەن ۋېي ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ئاھالىلەرنىڭ قەلب ساداسىنى ئاڭلاپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاھالىلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلدى. مەھەللىدىكى ھەربىر ئاھالىنىڭ قىيىنچىلىقىغا قارىتا، ئۇنىڭ كۆڭلىدە سان بار ئىدى، كۆپچىلىك قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ھەممىسى ئۇنى ئىزدەشنى خالايتتى.

كۆپ قىسىم زېھنىنى مەھەللە خىزمىتىگە قويغاچقا، ھەمىشە «ئۆينىڭ ئالدىدىن دائىم ئۆتۈپ تۇرسىمۇ كىرمەيدىغان» خەن ۋېي ئائىلىسىدىكىلەر ئالدىدا خىجىللىق ھېس قىلاتتى. ئەمما ئۇ مەھەللىنىڭ ئائىلە ھىدىغا تولغانلىقىنى، ئۆزئارا تونۇشمايدىغان ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىپ دوستانە ئۆتۈپ، ئىتتىپاق، ئىناق بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگىنىدە، تۆلىگەن بارلىق بەدىلىنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

بىر ئۈلۈش تەر تۆكسەڭ، بىر ئۈلۈش ھوسۇل ئالىسەن. كۆپ يىللاردىن بۇيان، خەن ۋېي ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھىرى بويىچە 8- مارت قىزىل بايراقدارى قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.