ئۈرۈمچى شەھىرى: جۇڭچيۇنى تەبرىكلەپ ۋەتەنگە مەدھىيە ئوقۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈستىدە ئورتاق سۆزلىشىش

日期:2019年09月16日
来源:天山网
【字体:

ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بەخت تىلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈستىدە ئورتاق سۆزلىشىپ، بايرام تەبرىكلەندى. 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ دۇڭمېن تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى چيەنجىن غەربىي يولى مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى مەھەللە ئاھالە كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە«جۇڭچيۇنى تەبرىكلەش، دۆلەت بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، مەھەللىدىكى پارتىيەلىك كادىرلار، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر، قوشماقلاشقان تۇغقانلار خۇشالجەم بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەققىدە سۆزلىشىپ،بەخت تىلىشىپ، جۇڭچيۇ بايرىمىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

پائالىيەت«مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق خور بىلەن باشلاندى. ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكا قاتارلىق سەرخىل مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كەينى-كەينىدىن ئورۇنلاندى،كۆپچىلىك بىرلىكتە نومۇر كۆرگەچ،يۆبىڭلەرگە ئېغىز تېگىپ، مۇڭدىشىپ، ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى بىلدۈرۈشتى.

ئاھالە خەيرىگۈل مامۇت مۇنداق دېدى: «بۈگۈن ئەتىگەندىلا، مەن يېڭى كىيىملىرىمنى كىيىپ، سىڭلىم شى يەنخۇڭنى ساقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتىغا كېلىپ بىللە بايرام ئۆتكۈزدۈم. خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، سىڭلىم دائىم دېگۈدەك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئېلىپ ئۆيىمىزگە مېنى يوقلاپ كېلىدۇ، ماڭا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، مەن بىلەن مۇڭدىشىدۇ، بىز خۇددى ئاچا-سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتىمىز. خىزمەت ئەترىتى بىلەن مەھەللە ئاھالە كومىتېتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ جۇڭچيۇنى تەبرىكلەش پائالىيىتى سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.