ئىككى جۈپ قېرىنداشنىڭ ئوخشاش ئىتتىپاقلىق مۇھەببىتى

日期:2019年09月12日
来源:天山网
【字体:

«جۇڭچيۇ بايرىمىنى قېرىنداشلار بىلەن بىللە ئۆتكۈزسە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولىدۇ.» 9- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن-دۇڭسەن رايونى شېڭدا شەرقىي يولى تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى رۈيتەي مەھەللىسى ئۆتكۈزگەن «ئۇرۇق-تۇغقانلار بىللە جۇڭچيۇ بايرىمىنى تەبرىكلەش» پائالىيىتىدە، 45 ياشلىق ۋاڭ لۇشېڭ تۇغقىنى بىلەن بىللە يۆبىڭ پىشۇردى.

مەھەللە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بىللە يۆبىڭ پىشۇرۇش، يۆبىڭ يېيىشكە تەكلىپ قىلدى. ئىككى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەكىلى ئۆزىنىڭ تۇغقىنى بىلەن بولغان ھېكايىسىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

رۇيتەي مەھەللىسى كارخانا رايونى بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى سىرتتىن كەلگەن ئىشلەمچىلەر. ۋاڭ لۇشېڭ ئۆز تەۋەلىك رايونىدا سىلىقلاش مېيى ساتىدىغان كىچىك بىر دۇكان ئېچىۋالغان بولۇپ، بۇلتۇر 6-ئايدا مىچۈەن-دۇڭسەن رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مەھەللىدەتۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى مۇختەر ئابلىز بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان. تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، مۇختەر پات-پات ۋاڭ لۇشىڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى يوقلاپ تۇردى. ھېيت-بايراملاردا ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ۋاڭ لۇشېڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە تاماق يېدى.

«خۇتۇن-بالىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىز بىلەن ئارىلاشتى، بىزنى يات كۆرمىدى» دېدى ۋاڭ لۇشېڭ. ئۇ مۇختەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىنى تۇغقان دەپ بىلىپ، بىرەر ئىشقا يولۇقسىلا، مۇختەر بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان بولدى.

بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا، ۋاڭ لۇشېڭنىڭ خۇتۇنىنىڭ مىجەزى يوق بولۇپ قالدى. مۇختۇر ۋاڭ لۇشىڭ ۋە خوتۇنىنى بىر قانچە دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتى، نەتىجىدە ئاشقازان راكى دەپ دىياگنوز قويۇلدى. ۋاڭ لۇشېڭ خوتۇنىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ داۋالانماقچى بولغاندا، مۇختەرنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

ۋاڭ لۇشېڭنىڭ خوتۇنى ئۆيىدە داۋالىنىۋاتقان مەزگىلدە، مۇختەر پات-پات تېلېفون قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ تۇردى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ۋاڭ لۇشېڭنىڭ خوتۇنىنىڭ كېسىلى تۇراقلىشىپ، ئۇلار يەنە شىنجاڭغا قايتىپ كەلدى، مۇختەر خوتۇنىنى ئېلىپ بىرىنچى بولۇپ ۋاڭ لۇشېڭ ئەر-خوتۇننى يوقلاپ باردى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، مۇختەر ۋاڭ لۇشېڭنىڭ بىر شېرىكىنىڭ ئۇنىڭغا 15 مىڭ يۈەن قەرز بولۇپ قالغانلىقىنى، ۋاڭ لۇشېڭنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن پەقەت ئالاقىلىشەلمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن بۇ قەرزنى قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى.

مۇختەر خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاخىرى قەرز ئالغۇچىنىڭ مەھەللىسىدىكى خىزمەت ئەترىتى بىلەن ئالاقىلەشتى، ئىككى تەرەپ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، قەرز ئالغۇچىنىڭ ئائىلىسى قەرزنى قايتۇرۇشقا قوشۇلدى. ھازىر 5000 يۈەن قايتۇرۇلدى.

بۇ پۇل ۋاڭ لۇشېڭنىڭ جىددىي ئىشلىرىغا ئەسقاتقانىدى. ۋاڭ لۇشېڭ مۇنداق دېدى: ئېغىر كۈنلەردە ئەسقاتقان قېرىنداش قەدىناس بولۇشقا ئەرزىيدۇ.

كارخانا خىزمەتچىسى نۇرمەمەت ئابدۇرسۇلمۇ ئۆزىنىڭ ليۇ تىڭتىڭ بىلەن بولغان ھېكايىسىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

نۇرمەمەت 2014-يىلى ئۈرۈمچىگە كېلىپ، ئىزچىل كارخانىدا ئىشلەپ كەلدى، ئۇ بۇلتۇر يىل بېشىدا ليۇ تىڭتىڭ بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى.

ليۇ تىڭتىڭ نۇرمەمەتتىن ئون نەچچە ياش چوڭ بولسىمۇ، ئىككەيلەن بىر يەرگە كەلسىلا مۇڭدىشالايتتى، ئۇلار دائىم بىللە تاماق يېگەچ پاراڭلىشاتتى، نۇرمەمەت يەنە ئۆزىنىڭ دوستلىرىنى ليۇ تىڭتىڭگە تونۇشتۇردى.

بىر قېتىملىق پاراڭدا، ليۇ تىڭتىڭ نۇرمەمەتنىڭ 2017-يىلى زاۋۇتتا ئىشلەۋاتقاندا، بۇرنىنىڭ زەخمىلىنىپ،توققۇز يىپ تىككەنلىكىنى، داۋالىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن خىراجەت كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.

بەلگىلىمە بويىچە، نۇرمەمەت ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۆلىمىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن، لېكىن نۇرمەمەت قانداق ئىلتىماس قىلىشنى بىلمىگەن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ليۇ تىڭتىڭ نۇرمەمەتكە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە تۆلەم بېرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ بېرىشكە ياردەم قىلدى.

ماتېرىيال تەييارلاش، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن تېپىش، سۇغۇرتا شىركىتىگە بېرىپ ئىلتىماس قىلىش... ليۇ تىڭتىڭ نۇرمەمەتنى ئېلىپ توختىماي مېڭىپ، ئۈچ ئايدىن كېيىن 50 مىڭ يۈەنلىك تۆلەم پۇلىنى ئوڭۇشلۇق قولىغا ئالدى.

نۇرمەمەت بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئۈرۈمچىدە ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ، ليۇ تىڭتىڭ بىلەن ئىزچىل ئاكا-ئۇكا بولۇشنى قارار قىلدى.