جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش

日期:2019年09月10日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 8- كۈنى، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خېنەن جېڭجوۋدا باشلاندى، 56 مىللەتتىكى ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك زېمىنىدا خۇشال جەم بولۇپ، تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مەرىكىسىدە ئورتاق ئۇچراشتى. قالتىس نەتىجىلەر نامايان قىلىنغان 66 يىلدا، مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى «باراۋەر بولۇش، ئىتتىپاق بولۇش، جان تىكىپ ئېلىشىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» ئاساسىي مەقسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ، جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئۇلۇغ مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى. جېڭجوۋدىكى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن باشلىنىش مۇراسىمىدا، ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ شاد - خۇراملىقى مۇنداق بىر جۈملە سۆزگە مۇجەسسەملەندى: جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋرگە قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىمىز.

«پەلەك شاھى» ئادىلنىڭ ئون نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئۇدا قاتنىشىشىدىن تارتىپ 20دىن ئارتۇق مىللىيچە ئۇسسۇل ئامىلى يۇغۇرۇلغان مىللىيچە ساغلاملىق گىمناستىكىسىنىڭ زور ئالقىشقا ئېرىشىشىگىچە، يەنە شەرقىي شىمالدىكى مانجۇ خەلقى قىزغىن سۆيىدىغان مەرۋايىت توپ تۈرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي رايونلاردا يىلتىز تارتىشىغىچە... تەسىرلىك ھېكايىلەر، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەر مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى.

مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تەنتەربىيە خىسلىتىنى نامايان قىلىدىغان يارقىن سەھنىگە ھەم ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىدىغان، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ۋاسىتىگە ئايلاندى. ھەر مىللەت قېرىنداشلار مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت بۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئورتاق سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، ئورتاق مەيداندا بىللە كۆڭۈل ئېچىپ، رەڭدار، مول تەنتەربىيە ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىش داۋامىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن مول مەدەنىيەت مەزمۇنىنى تولۇق نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى.

نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان، دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جايلىشىش جەھەتتە ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزئارا قوبۇل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئۆزئارا تايىنىپ، ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئارا يېقىنلاشتى. ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئۇزاق مەزگىللىك كۈرەش قىلىش جەريانىدا، ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، پەرققە ھۆرمەت قىلىپ، كۆپ خىللىقنى سىغدۇرۇپ، خەنزۇلار ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئايرىلالمايدىغان، ئاز سانلىق مىللەتلەر خەنزۇلاردىن ئايرىلالمايدىغان، ھەرقايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرمۇ ئۆزئارا بىر - بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان قويۇق مۇناسىۋەتنى شەكىللەندۈرۈپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

«بىزنىڭ مۇسابىقە مەيدانىمىز ئېگىز تاغلاردا، دېڭىزلاردا، يايلاقلاردا، ئورتاق ئارزۇيىمىز جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ يالقۇنىنى لاۋىلدىتىش، ئورتاق كۈرەش قىلىش، بىز دادىل قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلەيمىز...» جۇڭگو ئارزۇسى 56 مىللەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، 11- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەۋاتقان ئارزۇ» ناملىق بۇ باش تېما ناخشىسىدا ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئۈمىدى كۈيلەندى.

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى دەۋردە، بىر ئاز سانلىق مىللەتمۇ سەپتىن چۈشۈپ قالسا بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ تەرەققىي قىلىش يولى ئۈستىدە ئورتاق سۆھبەتلەشتى، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، گۈللەپ راۋاجلىنىش تەدبىرىنى ئورتاق پىلانلىدى؛ ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتۈپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، بىرلىكتە كۈچەپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق كۈرەش قىلىپ، بىر نىيەتتە ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ چەكسىز پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.