ئۆزئارا كۆيۈنىدىغان ياخشى تۇغقانلار

日期:2019年09月04日
来源:天山网
【字体:

سانىيە بالىلار بىلەن ئوينىماقتا.

8-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەتىگەندە، يې شياۋلى بالىسى بىلەن سانىيە ئابدۇسەمەتنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ، «سانىيە ھەدە، مىڭمىڭ كەلدى!» دەپ توۋلىدى. سانىيە ئالدىغا چىقىپ بالىنى قولىغا ئېلىپ، يې شياڭلىغا: «تېز ئىشىڭىزغا مېڭىۋېرىڭ!» دېدى. بۇ كۆرۈنۈش شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرى تەرەققىيات كوچىسى ئىككىنچى كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق سانىيەنىڭ ئۆيىدە ھەر كۈنى يۈز بېرىپ تۇراتتى.

يې شياۋلى غۇلجا شەھىرى دۆڭمەھەللە كوچا ئىش باشقارمىسى دۆڭمەھەللە مەھەللىسىنىڭ كادىرى، سانىيە بۇ مەھەللە تەۋەلىكىدىكى ئاھالە. مەھەللە ئىش باشقارمىسى قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، يې شياۋلى بىلەن سانىيە قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان. سانىيەنىڭ ئېرى بىر ئىدارىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىسى، چوڭ قىزى شاھىدە مۇھەممەتيۇنۇس تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدا، كىچىك ئوغلى ئابدۇئېزىز مۇھەممەتيۇنۇس باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-يىللىقىدا ئوقۇيدۇ، سانىيەنىڭ خىزمىتى بولمىغاچقا، ئىقتىسادىي ئەھۋالى دېگەندەك ياخشى ئەمەس ئىدى. يې شياۋلىنىڭ ئىككى بالىسى بار، چوڭى تۆت ياش، كىچىكى بىر ياش.

ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بېرىش-كېلىش جەريانىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلدى، يې شياۋلى كۆڭلىدە: خىزمىتىم ئالدىراش، بالىنىڭ ھالىدىن تولۇق خەۋەر ئېلىپ بولالمايمەن، سانىيە سىرتقا چىقىپ ئىشلىيەلمەيدۇ، ئائلىسىدە قىيىنچىلىقى بار، سانىيەنىبالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقاھاۋالە قىلسام، ئۇ ئازراق كىرىم قىلمامدۇ؟» دەپ ئويلىدى.

يې شياۋلى بۇ ئويىنى سانىيەگە ئېيتتى، سانىيە: «بالىنى ماڭا تاپشۇرۇپ، خاتىرجەم خىزمەت قىلىۋېرىڭ» دېدى. شۇنداق قىلىپ يې شياۋلى سانىيەگە ئايدا 1000 يۈەن بېقىش ھەققى بېرىپ، بالىنى ئەتىگەن ئەكىلىپ، كەچكە ئەكېتىدىغان بولدى.

مىڭمىڭ سانىيەنى تۇنجى كۆرگەندە قىلچە يېتىرقىماي ئۇنىڭغا ئېسىلدى، سانىيە بالىنى قولىغا ئېلىپ مەڭزىگەسۆيۈپ قويدى.

ھەش-پەش دېگۈچە يېرىم يىل ئۆتۈپ كەتتى، بىر يېرىم ياشقا كىرگەن مىڭمىڭ بۇ ئۆينىڭ يېڭى ئەزاسىدىن ئائىلە ئەزاسىغا ئايلاندى. سانىيەنىڭ بالىلىرى مەكتەپتىن قايتسىلا، مىڭمىڭ بىلەن بىللە ئوينايدىغان بولدى، مىڭمىڭ بۇ ئائىلىگە نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەنىدى.

بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، يې شياۋلى چوڭ قىزى ياڭياڭنىمۇ سانىيەنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ كىچىككىنە ھويلا تېخىمۇ قىزىپ، ھويلىدا بالىلارنىڭ كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەي ياڭراپ تۇردى. شاھىدە مۇھەممەتيۇنۇس بىلەن ئابدۇئېزىز مۇھەممەتيۇنۇسنازۇنېمەت، ئويۇنچۇقلارنىياڭياڭ بىلەن مىڭمىڭدىن ئايىمىدى.

سانىيەنىڭ ئېرى مۇھەممەتيۇنۇس سابىت مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: مائاشىم يۇقىرى ئەمەس، بىر كىشىلىك مائاش بىلەن بىر ئائىلىنى قامدايمەن، شۇڭا ھال ئەھۋالىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس، ھازىر يې شياۋلىنىڭ بالا بېقىش ھەققى ئۈچۈن ئايدا بېرىۋاتقان 1000 يۈەن پۇلى ئۆيىمىزنىڭ ئاساسىي چىقىمىنى كۆتۈرۈۋاتىدۇ. يې شياۋلىمۇ بالىسىدىن خاتىرجەم خىزمەت قىلىدىغان بولدى.

يې شياۋلى ئىدارىدە دىجورنىلىق قىلغان كۈنلىرى، ئېرىنىڭ بالىنى ئالغىلى ۋاقتى چىقماي قالسا، مۇھەممەتيۇنۇس بالىنى يې شياۋلىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپمۇ بېرەتتى.

يې شياۋلى مۇنداق دېدى: بالىنى سانىيەگە بېرىپ بەك خاتىرجەم بولدۇم، سانىيە ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتى بىر قورساق ئاچا-سىڭىلنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.

ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دائىم كاڭدا ئولتۇرۇپ مۇڭدىشاتتى، ئۇلارنىڭ چېھرىدىن بەخت نۇرى جۇلالىناتتى. بالىلارمۇ خۇددى پورەكلەپ ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان گۈل غۇنچىسىغىلا ئوخشايتتى، بۇ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەڭ گۈزەل گۈلى ئىدى.