قەلبداشلار باغچىسىدىكى ئىناقلىق

日期:2019年09月04日
来源:天山网
【字体:


8-ئاينىڭ 28-كۈنى، يېڭىدىن قۇرۇلغان «قەلبداشلار ھويلىسى» كىچىك باغچىسىدا، ئولتۇراق رايوندىكى كىچىك دوستلار يېڭىدىن ئورنىتىلغان لىڭگىرتاقتاقنى ئوينىماقتا.

بالىلار يېڭى ئورنىتىلغان لىڭگىرتاقتاقنى كۆڭۈللۈك ئويناۋاتاتتى، جىڭجۈ تىياتىرى ھەۋەسكارلىرى ئاۋاز مەشىقى قىلىۋاتاتتى. يەنە بىر مەيداندا، ئاھالىلەر شوخ مەشرەپكە چۈشكەن، ياشانغانلار دەرەخ ئاستىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقان ئىدى... بۇ يېقىندا مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى لىجىڭكوچىسىدۇڭخۇلىجىڭ ئولتۇراق رايونىدىكى «قەلبداشلارھويلىسى» كىچىك باغچىسىدا ئۇچراتقان كۆرۈنۈش.

بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرپ قىلىپ قۇرۇپ چىققان بۇ كىچىك باغچىنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 2500 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، ئەتراپىنى دەل-دەرەخلەر ئوراپ تۇرىدۇ، باغچائويۇن قويۇش رايونى، شاھمات ئويناش رايونى، بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى رايونى ۋە مەيدان ئۇسسۇلى تەنھەرىكەت رايونىدىن ئىبارەت تۆت رايونغا ئايرىلغان.

ئاھالە ئايتۆرەم ئابدۇرۇسۇل مۇنداق دېدى: كونا ئولتۇراق رايوندا باغچە قۇرۇلۇپ، ئاھالىلەرنىڭ پائالىيەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىلدى، قوشنىلار ئۆيىدىن چىقىپلا بەدەن چېنىقتۇرۇپ، سەيلە قىلىپ، پاراڭلىشالايمىز.

باغ ئىچىدىكى دەل-دەرەخلەرگە «قەلبداشلار دەرىخى» دەپ تاختا ئېسىلغانىدى. بۇ يىل 78 ياشقا كىرگەن ئاھالە جاڭ يۈسۈي بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقىنى ئادىل ياسىن بىرلىكتە بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىنى پەرۋىش قىلدى، ئانا-بالا ئىككىيلەن قەرەللىك كېلىپ ئۈجمە دەرىخىنى سۇغىرىپ تۇردى.

ئاھالە جاڭ يۈلىن ئادەتتە تەيجى گۇمپىسى، مەشرەپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇ ئولتۇراق رايونغا كۆچۈپ كىرگەن بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ئۇ ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان20 نەچچەدوست تۇتتى.

قوشنىلار ئارا ئالاقىنىڭ قويۇقلىشىشىغا ئەگىشىپ، كۆپچىلىك بىللە ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان دوستلاردىن بارا-بارا دېيىشمەيدىغان گېپى قالمايدىغان يېقىن دوست بولۇشتى، كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، ئۆز ئارا ياردەم قىلىشىپ، ئولتۇراق رايوندىكى ھەر مىللەت ئاھالىلەرئوبدان چىقىشىپ ئۆتىدىغان ھالەت شەكىللەندى.

ئىگىلىنىشىچە، دۇڭخۇلىجىڭ ئولتۇراق رايونى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا ئەسلىدىكى ليۇداۋان كۆمۈر كېنىدىكلەرنىڭ تۇرمۇش رايونى ئىكەن. 2017-يىلى، لىجىڭشىمالىي مەھەللىسى كونا بىنا رايونى ئۈرۈمچىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. بۇ يىل، شىمىگۇ رايونى ئولتۇراق رايوننىڭ كونا ئەسلىھەلىرىگە قارىتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغان ھەمدە يېڭىدىن باغچە ياسىغان.

لىجىڭ شىمالى مەھەللە ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خالمۇرات خالدىن مۇنداق دېدى: بۇ كىچىك باغچىغا «قەلبداشلار ھويلىسى» دەپ ئىسىم قويۇشتا كەڭ ئاھالىلەرنىڭ پىكرىنى ئالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن ئاھالىلەر ياقتۇرىدىغان ھەرخىل ئاممىۋى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ، بۇ باغنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش سۇپىسىغا ئايلاندۇرىمىز.