مۇيەسسەرنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئەسلىگە كەلدى

日期:2019年09月04日
来源:天山网
【字体:

«يېقىندا ئۈرۈمچىگە بېرىپ تەكشۈرتۈپ كەلدۇق، بالىنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى 0.6 غا چىقىپتۇ،جاڭ شۇجىغا كۆپ رەھمەت!» دېدى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى قىزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ تېزىملىتىپ بولۇپلا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن بۈگۈر ناھىيەسى قاراباغ يېزىسى كۆكسېغىز كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى رىزۋانگۈل مەمەت ھاياجانلانغان ھالدا.

2017-يىلى 5-ئايدا،بۈگۈر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ساڭجۇ شەھىرىشىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى جاۋ جىڭجيەن رىزۋانگۈل بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، جاڭ جىڭجيەننىڭ ئەس-يادى رىزۋانگۈلنىڭ تۇغما گلاۋكوما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان يەتتە ياشلىق قىزى مۇيەسسەردە بولدى.

«بالا بەك كىچىك، ئىلگىرى بىر قانچە قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان بولسىمۇ، ئۈنۈمى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي ئەكسىچە تېخىمۇ ناچارلىشىپ، ئوڭ كۆزى پۈتۈنلەي كۆرمەس بولۇپ قاپتۇ.دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، بالىنىڭ سول كۆزىمۇ بىرەر يىلغا قالماي كۆرمەس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن»دېدى جاڭ جىڭجيەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر شىنجاڭدا بالىنىڭ كېلىسىنى داۋالىيالايدىغان دوختۇرخانا يوق بولۇپ، دوختۇر ئۇلارغابېيجىڭدىكى دوختۇرخانىلارغا ئاپىرىپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلغان.

جاڭ جىڭجيەنھويلىدا تەمتىرەپ مېڭىپكالا-قويلارغا يەم – خەشەك بېرىپ يۈرگەن كىچىككىنەمۇيەسسەرگەقاراپ،خىزمەتداشلىرى بىلەن گەرچە ئۈمىد ناھايىتى كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭ كۆزىنى داۋالىتىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىپ، ئۇنىڭغاپارلاق كېلەچەك بېغىشلاشنى مەسلىھەت قىلدى.

ساۋاقدىشىنىڭ ياردىمىدە، جاڭ جىڭجيەن بېيجىڭ تۇڭرېن دوختۇرخانىسىنىڭ بىر كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى بىلەن ئالاقىلەشتىھەمدە رىزۋانگۈل بىلەن مۇيەسسەرنى بېيجىڭغا ئېلىپ باردى، لېكىن ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىدەك چىقمىدى، بالا بەك كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى كۆپ قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنغان، شۇڭا يەنە ئوپېراتسىيە قىلسا، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسبىتىناھايىتى تۆۋەن ئىدى، بۇ سەۋەبلىك مۇيەسسەرنىڭ كۆزىئەنئەنىۋى ئۇسۇلدا داۋالاشقا ماس كېلەتتى.

رىزۋانگۈل بىر ئائىلە كىشىلىرى داۋالاشتىن ۋاز كەچمەكچى بولۇپ تۇرغاندا،بېيجىڭ تۇڭرېن دوختۇرخانىسى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىڭجيەنگە «ئەگەر نوپۇزلۇق كۆز كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، بېيجىڭ تۇڭرېن دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى ۋاڭ نىڭلىمۇيەسسەرنىڭ كۆزىنى يېڭى تىپتىكى ئۇسۇلدا ئوپېراتسىيە قىلسا،بالىنىڭ سول كۆزى ساقلىنىپ قېلىنىشى مۇمكىن. لېكىن، ۋاڭ نىڭلىنىڭ ئوپېراتسىيەسى بەك كۆپ، ھازىر نومۇر ئېلىپ ئۆچىرەت ساقلىساڭلارمۇ، بالىنىڭ سول كۆزى ئوپېراتسىيە كۈنىگىچە بەرداشلىق بېرەلىشى ناتايىن» دېدى.

جاڭ جىڭجيەن بۇ ئاخىرقى ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەيكۆپ تىرىشتى، ئۇنىڭ قايتا-قايتا ئىزدىشى نەتىجىسىدە، بالىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى نەزەردە تۇتۇپ،ۋاڭ نىڭلىۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپمۇيەسسەرنىڭ كۆزىنى تېزدىن ئوپېراتسىيە قىلىشقا قوشۇلدى.

2018-يىلى 12-ئايدا، جاڭ جىڭجيەن بالىنىڭ كۆزىنى ئوپىراتىسيە قىلدۇرۇشئۈچۈن، رىزۋانگۈل بىلەن مۇيەسسەرنى يەنە بېيجىڭغا ئېلىپ كەلدى. بېيجىڭدا، جاڭ جىڭجيەن يېنىدىن 3000 يۈەن ئاجرىتىپ، رىزۋانگۈلگە تۇتقۇزدى، يەنە پىدائىيلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، رىزۋانگۈل ئانا-بالىنىڭ بېيجىڭدا كېسەل داۋالىتىش جەريانىدىكى تاماق، ياتاق قاتارلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلدى.

بىر ئايدىن كېيىن، مۇيەسسەر بالنىتسىدىن چىقتى. ھازىر ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ. مۇيەسسەرنىڭ كىتاب ئوقۇشقا ئامراقلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جاڭ جىڭجيەن مۇيەسسەرگە ماس كېلىدىغان نۇرغۇن ھېكايە كىتابلىرىنى ئېلىپ بەردى؛ مۇيەسسەرنىڭ كارۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ،يەنە ئۇنىڭغا بىر يۈرۈش ئۈستەل-ئورۇندۇق ئېلىپ بەردى.

«قىزىم ھازىر بەك ئاكتىپ، خۇشخۇي بولۇپ كەتتى» دېدى رىزۋانگۈل.

«‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغان، ھىسسىياتنىچوڭقۇرلاشتۇرىدىغان، ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك ۋە رىشتە، بىز ھەر بىر كىچىككىنە ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭقۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، بىر قېتىم تۇغقان بولۇپ، ئۆمۈرلۈك رىشتە باغلاشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى جاڭ جىڭجيەن ھاياجانلانغان ھالدا.