شىنجاڭ قەشقەر: ئاق كەپتەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا باشلىدى

日期:2019年08月29日
来源:天山网
【字体:

پاتىگۈل ياسىن ئائىلىسىدىكى كەپتەر قەپىزىدە كەپتەرلەرنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. (8-ئاينىڭ 14-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان)

كىچىككىنە ئاق كەپتەرشىنجاڭ قەشقەر شەھىرى يېڭىئۆستەڭ يېزىسى ئەلەمباغ كەنتىدىكى دېھقان پاتىگۈل ياسىن ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىش يولىغا باشلىدى. پاتىگۈل ياسىن بۇ يىل 36 ياش، ئىككىنچى قىزى ئېغىر كېسەل بولغاچقا، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە ئىدى. پاتىگۈل بىلەن ئېرى بىر بىر تەرەپتىن، ۋاقىتلىق ئىش قىلغاچ، بىر تەرەپتىن، كىچىك بالىلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانبولسىمۇ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدى. 2017-يىلى، شىنجاڭ سېلىنما تەرەققىيات (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆزى تۇرۇۋاتقان ئالتەكەنتتە «ئۆز جايىدا تەربىيەلەش، نەسىللىك كەپتەر تارقىتىش، مەبلەغياردىمى بېرىش، يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، بىر تۇتاش سېتىۋېلىش» تىن ئىبارەت كەپتەرچىلىك كەسپىباقمىچىلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، 617 نامرات ئائىلە ئۈچۈن كەپتەر بېقىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئېچىپ، ئۇلارنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى. پاتىگۈل تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشقاندىن كېيىن، قەشقەر «شىنتوۋ» كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كېلىپ ئىشلىدى، ئۇ تېخنىكىنى ئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، نامراتلارنى يۆلەش كەپتىرىدىنيەنە 24 جۈپ ئېلىپ، كەپتەر باقمىچىلىقىنى باشلىدى.

  بۈگۈنگە كەلگەندە، پاتىگۈل بىلەن ئېرى قەشقەر «شىنتوۋ» كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئىشلەۋاتىدۇ، ئىش ئۇقىدىغان چوڭ قىزى قىشلىق، يازلىق تەتىل ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، كەپتەرچىلىك شىركىتىدە ئىشلىدى، بۇنىڭغا ئائىلىسىدە ئەسلىي بېقىلىۋاتقان گۆش كەپتىرىنى قوشقاندا، بۇ يىل 8-ئايدا پاتىگۈل بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كىرىمى ئالتە - يەتتەمىڭ يۈەنگە يەتتى. پاتىگۈل مۇنداق دېدى:كەپتەر بېقىش ئارقىلىقمۇ بۇنچىلىك كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىكەنمەن، بۇ يىل ئائىلەمدە گۆش كەپتىرىنى تېخىمۇ كۆپ بېقىپ، تۇرمۇشىمنى تېخىمۇ ياخشىلاشنى ئويلاۋاتىمەن.»

پاتىگۈل ياسىن ئۆيىدىكى كەپتەر قەپىزىدە كەپتەرلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

قەشقەر «شىنتوۋ» كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىق زاۋۇتى بىناسىدا، پاتىگۈل ياسىن (ئوڭدا) قىزى ئىلمىنۇر ھەزرىتىئۆمەر بىلەن كەپتەرلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.

قەشقەر «شىنتوۋ» چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىق زاۋۇتى بىناسىدا، پاتىگۈل ياسىن (ئوڭدا) قىزى ئىلمىنۇر ھەزرىتىئۆمەر بىلەن كەپتەرلەرگە دان بەرمەكتە.

    پاتىگۈل ياسىن (سولدا) قىزى ئىلمىنۇر ھەزرىتىئۆمەر بىلەن قەشقەر «شىنتوۋ» كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى نەسىللىك كەپتەر باقمىچىلىق زاۋۇتى بىناسى ھويلىسىدا ماڭماقتا.

    پاتىگۈل ياسىن (ئوڭدا) ئېرى ھەزرىتىئۆمەر ئوبۇل بىلەن قەشقەر «شىنتوۋ» كەپتەرچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى زاۋۇتى ھويلىسىداكەپتەر يېمى ھەققىدە پاراڭلاشقاچماڭماقتا.

    قەشقەر «شىنتوۋ» چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىكى تېخنىك ئەلىجان ياسىن (ئوڭدا) بىلەن قۇربانجان ياسىن پاتىگۈل ئائىلىسى بېقىۋاتقان كەپتەرلەرگە ۋاكسىنا ئەملىمەكتە.

پاتىگۈل ياسىن ئىشقا مېڭىشنىڭ ئالدىدا ئەينەككە قاراپ گىرىم قىلماقتا.

پاتىگۈل ياسىن (سولدىن 2 - كىشى) بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۆزلىرىنىڭئەمىن تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ھويلىسىدا سۈرەتكە چۈشمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېي فوتوسى))