باي ناھىيەسى: مېھىر-شەپقەت ياردىمى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىغا قانات چىقاردى

日期:2019年08月28日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باي ناھىيەسى ياقائېرىق بازىرى چاقچى كەنتى لەۋھە تاختىسىغا ئىسىمى چىققان 12 ئوقۇغۇچى ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى تەقدىرلىدى.

تىيانشان تورى خەۋىرى: ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ۋاڭ جىچاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىدىن، ھەمدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بىلىم ئارقىلىق ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، جەمئىيەت ئۈچۈن تۆھپە قوشىدىغان ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

12 ئوقۇغۇچى سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

ئائىلە باشلىقى نۇرمەمەت نىياز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسى چىققاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئارزۇ تولدۇرۇشقا ياردەم بەردى. ھازىر بالىلار مەكتەپكە كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ساياھەت چامادىنى سوۋغا قىلىپ، بىزنى بەك تەسىرلەندۈردى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت.

(ماقالىنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىن خۇرشىدە تەمىنلىگەن)