ئويۇن كۆرۈپ، پاراڭلىشىپ، ھېسسىياتنى كۈچەيتىپ، قۇربان ھېيتنى بىللە ئۆتكۈزۈش

日期:2019年08月15日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ليۇ يىمىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىزجاڭ فېڭرۇڭ،جاڭ ۋېي فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 11-كۈنىقۇربان ھېيت، قەشقەر ۋىلايىتى كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ ئېرىق بېشى كەنتىدە خۇش پۇراق ئەتراپقا تارقالدى، ھەممە يەر ئىناق بايرام كەيپىياتىغا تولدى. بۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقانكادىرلار ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە «مەن ۋەتەن بىلەن بىللە ئۆسۈپ يېتىلىمەن» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى.

«بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي-قانۇن كومىتېتى بىزنى ئېكسكۇرسىيە ئۆگىنىشىگە تەشكىللىدى. بىز يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە باغچىسى، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش سېخىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇق، يەنە 3D لىق كىنو كۆردۇق، نەزەر دائىرەم خېلىلا كېڭەيدى.»پائالىيەت مەيدانىدا، بۇ كەنتتىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى ئابدۇللا ئەلى، تۇرغۇن ئوسمان قاتارلىقلار يۇرتداشلارغا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى، بەخت ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى تەسۋىرلەپ بەردى.

بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى «مەن ۋە مېنىڭ ۋەتىنىم» ناملىق خور بىلەن ئاخىرلاشتى، يېقىملىق مېلودىيەئېرىق بېشى كەنتىدە ئۇزاققىچە ياڭرىدى.