كۆكتوقاي ناھىيەسى: خىزمەت ئەترىتى «ئېرتىش دەرياسى 1-كەنتى» گە ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچى بولدى

日期:2019年08月06日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: تاراتى كەنتى كۆكتوقاي ناھىيەسى كۆكتوقاي بازىرىنىڭ شەرقىدىنيەتتە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدا بولۇپ،5Aدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى كۆكتوقاي دۆلەت گېئولوگىيەلىكباغچىسى بىلەن بىر دەريا ئارقىلىق ئارىلىپ تۇرىدۇ، بۇ يەرنىڭ «ئېرتىش دەرياسى 1-كەنتى» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات بولۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش كەنتى»، دۆلەت3Aدەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قاتارلىق ناملارغا ئېرىشكەن، تەبىئىي ئېكولوگىيە ئاساسى ياخشى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.

  «ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى <ساياھەت تامىقى> يىيەلەيدىغان بولدى،پۇقراۋى تۇرالغۇ تىجارىتى، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، قارىقات مەھسۇلاتلىرى، سۈت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىدى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.» دېدى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسى جېڭ دۇڭچيەن.

(ماقالىنى ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن نۇراش سىراش، جانپولات داۋلەت تەمىنلىگەن)