مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدا قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى

日期:2019年07月26日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە، پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللىتىگە مەنسۇپ... «شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈرۈشتى: تارىخنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، ئاڭلىق ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل يۇرت - ماكاننى ئورتاق قۇرۇشىمىز كېرەك.

ئىتتىپاق - دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش يېڭى يۇقىرى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تارىخ ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭ رايونىدا كۆپ خىل تىل تەڭ قوللىنىلغان، ئالماشتۇرۇشى قويۇقلاشقانلىكى مەزگىل مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن، جەمئىيەت ئالغا باسقان مەزگىل بولغان.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، كادىرلار ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا - كەنتلەر، مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، نامراتلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقى بارلارنى يۆلەپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئىتتىپاق - دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشنىڭ يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى كۆتۈردى.

«نەچچە يىلدىن بېرى، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ھەر مىللەت ئامما بىلەن ئېجىل - ئىناق ئۆتۈش داۋامىدا ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئىشەنچكە ئېرىشتى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭىنىڭ يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ سىتلى يېزىسى قالجاق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى گۇ خۇاشياڭ مۇنداق دېدى: «خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر <كەنتتە تۇرۇش>تىن <ئائىلىلەردە تۇرۇش>، <قەلبكە ئورناش>قىچە بولغان ئۆزگىرىشلەرنى ئىشقا ئاشۇردى».

«ئاق تاشلىق كىتاب ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىيات ئىزنالىرى ھەم قانۇنىيىتىنى ئېنىق تونۇشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، بىز ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەنگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئېڭى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز كېرەك.» بۇرچىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ قوستىق بازىرى قارا دۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1- شۇجى ۋاڭ گاڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز كەنت ئاھالىلىرى بىلەن يەنە داۋاملىق ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئارغامچىدەك چىڭ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قوغداپ، گۈزەل يۇرت - ماكان قۇرۇپ چىقىمىز».

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئورگان پارتكومىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىلىك مۇئاۋىن شۇجىسى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ بىن مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى كەڭ ئورگان كادىرلىرىنى يېتەكلەپ، ئۆگىنىپ ئىگىلەش، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا، دېھقان - چارۋىچىلار ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت ئامما ياقتۇرىدىغان ئۇسۇلنى قوللىنىپ، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ».

ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: تارىخ مەسىلىسى − مۇھىم، زور پىرىنسىپال مەسىلە. تارىخىي ماتېرىيالىزم، دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ۋە ئۇسۇلنى تەتبىقلاپ، دۆلەت، تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىق مەسىلىلەرنى توغرا تونۇپ، شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، مەركەزگە ئىنتىلىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، جۇڭگونىڭ بىرلىكىگە ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك.

«تارىخ بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى، بىر مىللەت ۋە بىر دۆلەتنىڭ ھايات يولىنى تېپىشىنىڭ ئاساسى، تارىخنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، پاكىتنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، ئاق تاشلىق كىتابتا دەل شىنجاڭ تارىخى توغرا شەرھلەنگەن بولۇپ، مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش - باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ئەسقەر ئابباس مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، مەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىنى داۋاملىق ياخشى ئادا قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىن سۆز ئېچىپ، تارىختىن سۆز ئېچىپ، يامانغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىغا مەدەت بېرىپ، خاتالىقلارنى ئايدىڭلاشتۇرىمەن».

ئىلى سىفەن داشۆسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چەي لىن مۇنداق بىلدۈردى: «ئىلى سىفەن داشۆسى تەشۋىقات ئۆمىكى قۇرىدۇ ھەم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش، ئۆزىنى تەربىيەلەش ئارقىلىق شىنجاڭ تارىخىنى توغرا تونۇپ، <شىنجاڭدا يىلتىز تارتىش، چېگرا رايونغا ئۆزىنى بېغىشلاش، دۆلەتنى سۆيۈش، شىنجاڭنى سۆيۈش، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ تۆھپە قوشۇش>تەك دۆلەتكە، خەلققە بولغان مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يېتىلدۈرىدۇ».

«ئاق تاشلىق كىتابتا تارىخ ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور تارىخىي مەسىلىلەر تولۇق شەرھلىنىپ، بىزنى ئىدېئولوگىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى.» بورتالا شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى قۇرمانجان مۇنداق دېدى: «بورتالا شەھىرىنىڭ تەشۋىقات - ئىدىيە - مەدەنىيەت سېپىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىدۇ».

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشقا كۈچ قوشۇش كېرەك

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئېچىۋېتىش - سىغدۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇشتا، دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى يەن مېي مۇنداق دېدى: «تۇغقانلىشىپ قوشماقلىشىش جەريانىدا، بىز تۇغقانلىرىمىزغا ياردەم بېرىپ شارائىت يارىتىپ بەردۇق، يول كۆرسىتىپ بەردۇق، ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بەردۇق، تۇغقانلىرىمىزمۇ چىن قەلبى، ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن بىزگە جاۋاب قايتۇردى، كۆپچىلىك ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز كۆپ قاتلام، كۆپ تەرەپ، كۆپ شەكىلدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمتۈرتكە بولۇش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق تۇغقانلىرىمىز بىلەن بىللە گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىمىز».

«ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، مەن ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.» شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى دىراما ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ فاڭ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، دىراما ئۆمىكى داۋاملىق ھالدا كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى سەنئەت ئىجادىيىتىگە سىڭدۈرۈپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، سەنئەتتە كامالەتكە يەتكەن، يۆنىلىشى توغرا بولغان مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ چىقىدۇ».

شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى لى يۈخۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئاق تاشلىق كىتابنى تولۇق ياخشى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئېنىق سۆزلەپ، ئەتراپلىق سۆزلەپ، چۈشىنىشلىك سۆزلەپ، پۈتۈن مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئېڭى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا كۈچ قوشىمىز».