«شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق ئىنكاس قوزغىدى −

بىز قان قېرىنداش بىر ئائىلە كىشىلىرى

日期:2019年07月25日
来源:新疆日报
【字体:

«شىنجاڭغا دائىر بىرقانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى قوينىدا يېتىلىپ تەرەققىي قىلغان، بىز قان قېرىنداش بىر ئائىلە كىشىلىرى!

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيمىز

ئاق تاشلىق كىتابتا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگونىڭ بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى ئورتاق بەرپا قىلدى، دېيىلدى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دىن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، كاندىدات تەتقىقاتچى يۈ شاڭپىڭ مۇنداق دېدى: «ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنى تەپسىلىي ۋە ئېنىق بولۇپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي پاكىتلىرى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك يالغان - ياۋىداق سۆزلەر ئېچىپ تاشلانغان، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور تارىخىي مەسىلىلەر تولۇق شەرھلەنگەن بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك قاراتمىلىققا ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتا ئەھمىيىتى مۇھىم، زور».

«ئاق تاشلىق كىتاب شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شىنجاڭنىڭ تارىخ، مىللەت، مەدەنىيەت، دىن قاتارلىقلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىزى ھەم ئۇلارنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېنىق تونۇشى ھەمدە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى مىللەت، دىن نەزەرىيەسى ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت گو يىخەي.

«ئاق تاشلىق كىتابتا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىش، راۋاجلىنىش مەزگىلىگە كىردى، دېيىلدى. ئاساسىي قاتلامدا 30 يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن دەل بۇنىڭ ئەڭ ياخشى گۇۋاھچىسى.» نىيە ناھىيەسى روكىيا يېزىسى مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سۈبھىنۇر مەخمۇت مۇخبىرغا مۇنۇلارنى ئېيتتى: ھازىر دېھقانلار كەڭرى، ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆيلەرگە سۇ تۇرۇبىسى، ئەۋرەز يولى تۇتاشتۇرۇلدى، توك، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈلدى، ئاسفالت يول ئىشىك ئالدىغىچە ياسالدى. كۆپچىلىكنىڭ بەخت تۇيغۇسى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى كەڭ دائىرىدە تەشۋىق قىلىپ، كۆپچىلىككە پاكىتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېنىق كۆرسىتىپ، بىلدۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدايمىز.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزىمىز

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: كۆپ مىللەتلىك بولۇش جۇڭگونىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىنى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى.

«بىزنىڭ مەھەللىمىز خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق 14 مىللەتتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپچىلىك خۇددى ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللاردەك بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز مەھەللە كادىرلىرى ئاھالىلەر بىلەن يەنە داۋاملىق قوشماقلىشىپ، پات - پات زىيارەت قىلىپ، دائىم جەم بولۇپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىش، غەمخورلۇق قىلىش، ياردەم بېرىش - يۆلەش داۋامىدا، ئارغامچىدەك چىڭ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغدايمىز» دېدى چۆچەك شەھىرى شىنچېڭ كوچا باشقارمىسى قارادۆڭ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى باھارگۈل.

«<شىنجاڭدىكى مىللەتلەر ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر - بىرىدىن ئايرىلماي، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، ئورتاق تىرىكچىلىك قىلماقتا، ئورتاق ياشىماقتا...> مانا بۇ مېنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ ئەينەن كارتىنىسى.» 7 - ئاينىڭ 23- كۈنى، ئاق تاشلىق كىتابتىكى بۇ ئابزاس سۆز شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى ھايۋانات ئىلمى شۆيۈەنىنىڭ ئاسپىرانتى ئېرشات دىلشاتنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. «كىچىك ۋاقتىمدا، مەن كۇچا ناھىيەسى لىنجىلۇ باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇپ، ھەر مىللەت كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئۆگەندىم، ئۆسۈپ يېتىلدىم. ھازىر مەن خېنەن، خېبېي، شەندۇڭدىن كەلگەن ساۋاقداشلار بىلەن بىر ياتاقتا يېتىپ، ئورتاق ئۆگىنىش، ئورتاق ياشاش جەريانىدا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇم، ئورتاق ئىلگىرىلىدىم. بىز ياش ئوقۇغۇچىلار چوقۇم مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز كېرەك» دېدى ئېرشات.

«بىز قوشماقلىشىش، تۇغقان بولۇشتا، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئارقىلىق ھېسسىياتنى كۈچەيتىشىمىز، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز ھەر مىللەت خەلق زىچ ئىتتىپاقلاشساقلا، تۇرمۇشىمىز ئاندىن بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭى ئاندىن بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ!» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات - تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى يەن ۋېي.

مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرىمىز

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتا جەزمەن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئېچىۋېتىش - سىغدۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇشتا، دۇنيادىكى كۆپ مىللەتلەر مەدەنىيىتى بىلەن ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى لياڭ جيەن مۇنداق بىلدۈردى: ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى قۇرۇپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك.

شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى مۇزىكا شىسىنىڭ پىروفېسسورى سەييارە ئابباسوف مۇنداق بىلدۈردى: ئاق تاشلىق كىتابنىڭ مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇتۇش ۋە ئەمەلىيەت داۋامىدا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ئوقۇغۇچىلارنى سوتسىيالىزمنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلگەن قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرىمىز.

«دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللىنىش شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تارىخىي تەجرىبە.» بۇ نۇقتىغا قارىتا، يېڭىسار ناھىيەسى ئوچار بازارلىق 2- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى نۇرئەخمەت ئوسمانجان چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، «دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ يەنە بىر جۈپ كۆزى كۆپەيدى. ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، تۈرلۈك بىلىملەرگە ئېرىشىش يولىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.»