سىڭلىسىنى باشلاپ ئارزۇغا ئىنتىلىش

日期:2019年07月21日
来源:新疆日报
【字体:

«سىڭلىم، بۇ قېتىمقى مەۋسۇملۇق ئىمتىھان نەتىجىڭىز قانداقراق؟ تەتىلدە قانداق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىز؟»

«ئىمتىھانلارنى خېلى ياخشى بەردىم، لېكىن ئىنگلىز تىلى نەتىجەم كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. تەتىلدە مەن داۋاملىق سەن تەۋسىيە قىلغان APPغا ئەگىشىپ ئۆگىنىپ، كېلەر مەۋسۇمدا تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمەن».

...

7- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى ۋېيخۇلياڭ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى لىجىڭ شىمالىي مەھەللىسىدىكى ئاھالە زىبارە پانادىجاننىڭ ئۆيىگە ئاچىسى شياۋ شياۋيۈنىڭ يېتىپ كېلىشى زىبارەنى بەك خۇشال قىلىۋەتتى، ئىككىسى ناھايىتى تېزلا قىزىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.

بۇ يەتتە يىل داۋاملاشقان ئاچا - سىڭىللىق مېھرى ئىدى.

2012- يىلى، ئۈرۈمچى 1- ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا 1- يىللىق سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان شياۋ شياۋيۈ ئۇزاقتىن بېرى پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتقان دادىسى شياۋ شىننىڭ تەسىرىدە، ئاممىۋى پاراۋانلىققىمۇ ناھايىتى قىزىقىپ قالدى. يازلىق تەتىلنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، دادىسى بىر پارچە قەغەزنى ئېلىپ كېلىپ، شياۋ شياۋيۈنىڭ ئالدىغا قويۇپ: «سەن كۆرۈپ باق، ئەگەر خالىساڭ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرسەڭ بولىدۇ» دېدى.

قەغەزدە زىبارە ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغانىدى، بۇ يەتتە ياشلىق قىزچاقنىڭ دادىسى يېقىندىلا تۈگەپ كەتكەن بولۇپ، يەنە بىر ياشقا توشمىغان سىڭلىسى بار ئىدى. مەھەللىدە تازىلىق قىلىدىغان ئاپىسى ياشىنىپ قالغان قېيىنئانىسى بىلەن زىبارە ئاچا - سىڭىل ئىككىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىكەن.

«مەن بۇ سىڭلىمغا ياردەم قىلاي دەيمەن» دېدى شياۋ شياۋيۈ دادىسىغا. ئۇ ئۆزىنىڭ ساقلاپ قويغان چاغانلىق پۇللىرىغا كىتاب، دەپتەر، قەلەم قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، دادىسى بىلەن بىرلىكتە زىبارەنىڭ ئۆيىگە كەلدى.

زىبارە چىرايلىق، تارتىنچاق بولۇپ، كۆزلىرىدىن بىر خىل زېرەكلىك چىقىپ تۇراتتى. بۇ زىبارەنىڭ شياۋ شياۋيۈگە قالدۇرغان تۇنجى تەسىراتى ئىدى. ئاچا - سىڭىل ئىككىسىنىڭ مىجەزى كېلىشكەچكە، ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتى.

يەتتە يىلدىن بۇيان، ۋاقتى چىقسىلا، شياۋ شياۋيۈ ئۆزى يىغقان پارچە پۇللىرىنى ئېلىپ، يەنە بەزى كىتاب، ئوقۇش قوراللىرى قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، دادىسى بىلەن بىرلىكتە زىبارەنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ تۇردى. ھەر يىلى «1- ئىيۇن» بالىلار بايرىمىدا، شياۋ شياۋيۈ ئالدىنئالا زىبارەگە بايراملىق سوۋغات تەييارلىدى. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، زىبارە يېقىملىق ھالدا شياۋ شىننى «ئاتاق دادا»، شياۋ شياۋيۈنى «ئاچا» دەپ ئاتايدىغان بولدى.

«سەن زىبارەگە تۇرمۇشتىلا ياردەم بېرىپ قالماستىن، يەنە ئۇنى غايە تىكلەپ، غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا يېتەكلىشىڭ كېرەك.» شياۋ شىن قىزىغا مۇنداق دېدى: «سەن ئۆزۈڭمۇ ياخشى ئۆگىنىپ، زىبارەگە ئۈلگە بولۇشۇڭ كېرەك».

ئەلا نەتىجە بىلەن شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىگە ئۆتۈش، مەكتەپنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق «چولپان»ى بولۇش، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ باھالىنىش... كۆپ يىلدىن بۇيان، شياۋ شياۋيۈ بىلىم ئېلىش يولىدىكى ھەربىر قەدىمىنى ياخشى بېسىشقا تىرىشتى. زىبارە ئاچىسىنى ئۈلگە قىلىپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، نەتىجىسى سىنىپتا ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

شياۋ شياۋيۈ يەنە دائىم زىبارەگە ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىلىرىنى ئۆگەتتى. زىبارەنىڭ ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىشتە قىينىلىپ قالغانلىقىنى بىلگەندە، ئۇ زىبارەگە ئىنگلىز تىلىنى ئۆگىنىدىغان بىرAPPنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۇنىڭغا ھەر كۈنى يېرىم سائەت ئىنگلىز تىلىنى ئوقۇتتى. دەرۋەقە بۇ ئۇسۇل ئۈنۈم بېرىپ، بىر مەۋسۇم توشمايلا، زىبارەنىڭ ئىنگلىز تىلى نەتىجىسىدە ئىلگىرىلەش بولدى.

زىبارە 5- سىنىپقا چىققاندا، ئالاقىلىشىشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن ئانىسى زىبارەگە بىر يان تېلېفون ئېلىپ بەردى. ئويلىمىغان يەردىن ئۇزاق ئۆتمەيلا زىبارە يان تېلېفون ئويناشقا بېرىلىپ كېتىپ، ئۆگىنىشتە خېلىلا چېكىنىپ كەتتى. شياۋ شياۋيۈ بۇنى بىلگەندىن كېيىن، يېنىدىكى ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلارنى مىسال كەلتۈرۈش ئارقىلىق، زىبارەگە ئەمدى يەنە يان تېلېفون ئويناشقا بېرىلىپ كەتمەي، ياخشى ئۆگىنىش توغرىسىدا نەسىھەت قىلدى. ئاچىسىنىڭ سۆزلىرى زىبارەنى ئويغاتتى، ئۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆگىنىشكە كىرىشىپ، نەتىجىسى ناھايىتى تېز ئۆرلىدى.

شياۋ شياۋيۈ دائىم زىبارە بىلەن تېلېفوندا پاراڭلىشىپ تۇرىدىغان بولۇپ، ئىككىسى ئۆگىنىش، ئارزۇ، ئارزۇ ئۈچۈن قانداق تىرىشىش توغرىسىدا پاراڭلىشىدۇ.

ھازىر، شياۋ شياۋيۈ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، پات ئارىدا خىزمەت ئورنىغا چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر ئوي بار. «سىز چوقۇم ياخشى ئۆگىنىڭ، مەن پات ئارىدا خىزمەتكە چۈشەي دەۋاتىمەن، مائاشلىق بولىمەن، مەن سىزگە ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگىچە ياردەم قىلماقچى.» بۇ قېتىم زىبارەنى يوقلاپ كەلگەندە، شياۋ شياۋيۈ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى ئېيتتى.

ئاچىسىنىڭ ئىللىق تەبەسسۇم قىلغان چىرايىغا قاراپ، زىبارە قاتتىق ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئارزۇيۇم ياخشى ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ، بىر شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى بولۇش. ئاچامنىڭ ياردىمى بولسىلا، مەن چوقۇم ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرالايمەن. چوڭ بولغاندىن كېيىن، مەنمۇ ئاچامغا ئوخشاش قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە ياردەم بېرىمەن».