بۇرچىن ناھىيەسى: چۈجە يېتىشتۈرۈش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش ئارزۇسىغا تىرەك بولدى

日期:2019年06月03日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر خې خاۋۋېي): يېقىندا، ئاپتور شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسى دولايتى يېزىسى قۇمجىرا كەنتىگە بېرىپ، چۈجىلەرنىڭ چۇرۇلدىغان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. كەنت ئاھالىلىرى تولۇپ تاشقان خۇشاللىق بىلەن چۈجە ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرۇۋاتاتتى، كۆپچىلىك ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ، ئىمزا قويۇۋاتقانلار، چۈجە ساناۋاتقانلار، چۈجىلەرنى قاچىلاۋاتقانلار بار ئىدى، ھەربىر كەنت ئاھالىسىنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى. بۇ قۇمجىرا كەنتىنىڭ تۇنجى قېتىم كەڭ كۆلەمدە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىشى ئىدى.

قۇمجىرا كەنتى بۇرچىن ناھىيە بازىرىغا 17 كىلومېتىر كېلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ كەنت دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نەسىللىك كالا بورداش ئارقىلىق دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دېھقان-چارۋىچىلارنى سىياسەت يۆلىكىدىن پايدىلىنىپ كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «قان ئىشلەش» ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈردى، 2018-يىلى پۈتۈن كەنتتىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 15 مىڭ 600 يۈەنگە يەتتى.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتە، كەسىپ تەرەققىياتى مۇھىم ھالقا. شۇڭا، بۇ ناھىيەنىڭ مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - رادىيو - تېلېۋېزىيە - ساياھەت ئىدارىسىنىڭ قۇمجىرا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى نامراتلارنى يۆلەش كارخانىلىرى بىلەن پائال ماسلىشىپ 10 مىڭ چۈجە كىرگۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى چۈجە بېقىشنى چوڭ كەسىپكە ئايلاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بېيىش ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇردى. نۆۋەتتە، تۇنجى تۈركۈمدىكى 5000 چۈجە 32 ئائىلىگە تارقىتىپ بېرىلدى، «ئاڭلىسام، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى چۈجە تارقىتىپ، يۇرتداشلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش يوللىرىنى كېڭەيتىشنى قوللىماقچى بوپتۇ، مەن بۇنىڭدىن بىر كېچە ھاياجانلاندىم.» دېدى كەنت ئاھالىسى يۈ جەنچۈەن كۈلۈپ تۇرۇپ.

چۈجىلەر ئېلىپ كېلىنىشتىن بۇرۇن، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى لى تاۋ «ئۈچ رايونغا ئايرىش» بويىچە ھەربىر ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ، «بىر ئائىلىگە بىر ئىسخېما» سىزىپ، «بىر ئائىلىگە بىر لايىھە» تۈزۈپ، ھويلا-ئارانلارنى تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىغا ئايرىدى ھەمدە باقمىچىلىق رايونىدىكى تاشلاندۇق قوتانلارنى ئۆزگەرتىپ، بىرتۇتاش ئۆلچەم ، بىرتۇتاش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تۇتام يەم-خەشەك سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرماقچى بولدى.

ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەردىن ياشىنىپ قالغان چىن يوۋجىنىڭ ئۆيىدە، لى تاۋ بىلەن خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى قوتاننى دېزىنفېكسىيەلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى. «ھازىر يېشىم چوڭىيىپ قالدى، نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىش قولايسىز، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ھەقسىز چۈجە تارقىتىپ بەردى، يەنە ماڭا ياردەملىشىپ ئۆينىڭ ئالدى-كەينىدىكى بوش يەرنى تۈزلەپ بەردى، بەكمۇ تەسىرلەندىم، بۇ <ئالتۇن تۈگۈنچەك>لەر بولىدىكەن، بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىدىن ئۈمىد بار بولدى!» چىن يوۋجى كۈلۈپ تۇرۇپ شۇنداق دېدى.

لى تاۋ مۇنداق دېدى: «چۈجە تارقىتىپ بېرىش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باقمىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ئىككى تۈركۈمدىكى چۈجىلەرنى ھەربىر ئائىلىلىككە تەخمىنەن 100دىن بۆلۈپ بېرىپ، پۈتۈن كەنت ئاھالىسىگە نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ، كاتەكتىن چىققاندا، بىر توخۇنى 100 يۈەن ئەتراپىدا ساتقىلى بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىسەك، باقمىچىلىقنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان زىيان ۋە بېقىش تەننەرخىنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەربىر ئائىلىنىڭ كىرىمى ئاز دېگەندە 5000 يۈەندىن ئاشىدۇ. چۈجىلەر ئەي بولغاندا، بىز يەنە سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىشقا ياردەملىشىپ، <قان بېرىش>نى پۈتۈنلەي <قان ئىشلەش>كە ئايلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش ئىشەنچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىمىز.»

شەھەر ئەتراپى بولۇشتەك ئەۋزەللىككە تايىنىپ، قۇمجىرا كەنتى بۇرچىن ناھىيە بازىرىنىڭ «كۆكتات سېۋىتى» قۇرۇشنى نىشانلاپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى ۋە دېھقانچىلىق رايونلىرىنىڭ چارۋىچىلىق كەسپى تەرەققىياتىغا تايىنىپ، خاس ئۆي قۇشلىرى، خاس مېۋە-كۆكتات، كالا-قوي بورداش، سۈت بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق كەسىپلەرنى زورايتىپ، ناھىيەنىڭ ساياھەت بازىرىنى كۆكتات، ئۆي قۇشلىرى، كالا-قوي گۆشى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان-چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.