ئالتاي شەھىرى: نامراتلارنى يۆلەپ قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشتە يېڭى ئىستىل تىكلەندى

日期:2019年06月02日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى: يېقىندا، سىم-سىم يامغۇر ياغقان ئالتاي شەھىرىدە ھاۋا سەل سوغۇق بولسىمۇ، لېكىن سارخۇلسۇن يېزىسى سارخۇلسۇن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى كوشەت بادىكنىڭ ھويلىسى باشقىچە قىزىپ كەتتى.

«ئىككى كۈن ئىلگىرى، خىزمەت ئەترىتى ئائىلە زىيارىتى قىلىپ ئۆيۈمگە كەلگەندە، پاراڭ ئارىلىقىدا مۇنداقلا قىلىپ: ياز كۈنلىرى ئۆي ئىچىدە تاماق ئەتسەك ئۆي بەك ئىسسىپ كېتىدۇ، ھويلىغا بىر كىچىك ئاشخانا سېلىۋالغۇم بار ئىدى، بىراق بۇنىڭغا چامىم يەتمىدى، دېگەن ئىدىم. كىم ئويلىسۇن، بۈگۈن ئەتىگەندە ئۇلار كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرىنى باشلاپ ماڭا ئۆي سېلىپ بەرگىلى كەپتۇ، خىزمەت ئەترىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى كوشەت خۇشال ھالدا.

كوشەتنىڭ پۇت-قولى 2-دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ، ھەرىكىتى قولايسىز ئىدى، ئېرى بۇلتۇر كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان، ئانا-بالا ئىككىيلەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەنىدى. كوشەت ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن،خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېت»ى مەسلىھەتلىشىپ ئۇلارنىڭ ھويلىسىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش ۋە قايتىدىن تۈزەپ رېمونت قىلىشنى قارار قىلدى ھەمدە كەنتتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ مەبلەغ توپلاپ، ئۆي سېلىشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى.

كۆپچىلىكنىڭ ئىككى كۈنلۈك جاپالىق ئەمگىكى نەتىجىسىدە، 30 كىۋادرات مېتىرلىق ئاشخانا پۈتۈپ چىقتى، «ئۈچ رايونغا ئايرىش»مۇ دەسلەپكى كۆلەمگە ئېرىشتى. (ئالتاي ۋىلايەتلىك «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ئىشخانىسىدىن جياۋ خۇيجۈەن، شياۋ جۈ تەمىنلىگەن)