مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى ھەممىلا جايدا ئېچىلدى

日期:2019年05月30日
来源:新疆日报
【字体:

5- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى ئەرداۋچياۋ تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى فۇشوۋشياڭ مەھەللىسىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قوروسىدا ھەر مىللەت ئاھالە خۇشال - خۇرام جەم بولۇپ، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغان بەش يىلدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈزبەرگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە بەھۇزۇر پاراڭلاشتى.(مۇخبىرىمىزئۆتكۈر نىجاتفوتوسى)

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ھەربىر مىللەت، ھەربىر پۇقرانى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشقۇزۇپ، ۋەتەننىڭ گۈللىنىش، تەرەققىيات نەتىجىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلىش كېرەك. مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، ئۆزئارا زوقلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشى كېرەك.

                                                  − شى جىنپىڭ

5- ئاي ئانار چېچەكلەيدىغان پەسىل بولۇپ، قىپقىزىل گۈللەر يېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا پورەكلەپ ئېچىلغانىدى. كېرىيە ناھىيە بازىرىدىن غەربكە قاراپ ئاپتوموبىللىق 20 مىنۇتچە مېڭىپ، قۇربان تاغىنىڭ يۇرتى − كېرىيە ناھىيەسىنىڭ توغراغاز يېزىسى يول ئېغىزىغا كەلدۇق، يول بويىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان «رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ قۇربان تاغىنى قوبۇل قىلىشى» ھەيكىلى ئادەتتىن تاشقىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى، بىز داۋاملىق مېڭىپ قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىغا كەلدۇق.

5- ئاينىڭ 16- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقانىدى. «خاتىرە سارايغا نۇرغۇن قىممەتلىك تارىخىي سۈرەتلەر، ھۆججەتلەر ۋە ئەمەلىي بۇيۇملار قويۇلغان، بۇ جايدا ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى پائالىيىتى ئىزچىل قانات يايدۇرۇلۇپ كەلدى، ئېكسكۇرسىيەگە كېلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ» دېدى قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى، خاتىرە ساراينىڭ باشقۇرغۇچىسى ياسىن مەمتىمىن.

مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى بارغانسېرى كۆركەم ئېچىلدۇردى. ھەر مىللەت ئامما مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

■ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى

2017- يىلى 1- ئاينىڭ 11- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ قىزى توختىخان قۇربانغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەم يۇرتداشلارغا بەخت تىلەپ، ئۇلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

«مەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۇلۇغ بوۋامنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىمەن، كۆپچىلىكنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتۈپ، ئىناق راۋاجلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن». قۇربان تۇلۇمنىڭ قىز ئەۋرىسى رۇقىيەم مەتسەيدى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنىڭ چۈشەندۈرگۈچىسى، ئۇ مۇنداق دېدى: «يۇرتىمىزدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئائىلىمىز ھەر ئايدا ئائىلە يىغىنى ئاچىمىز، ئەتراپىمىزدىكى قوشنىلار ۋە دوستلارمۇ قاتنىشىدۇ، بىز ھەربىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا چاقىرىمىز».

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمەلىيەتتە، ھەربىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىدە.

يوۋ لياڭيىڭ ئون نەچچە يىل ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلماي، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى، ئۇ تەشكىللەپ قۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى 1800گە يەتتى؛ قۇربان نىياز ئون نەچچە يىلنى بىر كۈندەك ئۆتكۈزۈپ، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىش توغرىسىدا تەربىيە بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئۇنىڭغا «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» دەپ نام بېرىپ، ئۇنى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى» دەپ ئاتىدى؛ لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتىدە، ھەر مىللەت كەنت ئاھالىلىرى «بىر نان تاپسا تەڭ يېدى»، بىرلىكتە جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بىرلىكتە ئىگىلىك تىكلەپ بېيىپ، قان - تەرى بىلەن ئەسلىدىكى قاقاس شورلۇق يەردە پۈتۈن شىنجاڭغا داڭلىق باي كەنتنى قۇردى...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى» دېگەن سەمىمىي ئۈمىدى شىنجاڭدا رېئاللىققا ئايلانماقتا. ۋۇ دېڭيۈن، جۈماتاي ئاۋبەكىر، جۇاڭ شىخۇا، ھەنىپە ئالىماخۇن... بۇ ئىسىملارغا ئالاقىدار ھەربىر مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى تاغ - دەريالارنى تەسىرلەندۈرۈپ، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىپ، ھەربىر شىنجاڭلىقنىڭ قەلبىدىكى مەنىۋى كوردىناتقا، تېخىمۇ مۇھىمى، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قېرىنداشلاردەك ئىناق ئۆتۈپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ كەتكەنلىكىنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشىغا ئايلاندى.

■قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشتىن چىن ھېسسىيات ئۇرغۇدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھاۋاغا ۋە قۇياش نۇرىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگىنىمىزنى تۇيمايمىز، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالساق ياشىيالمايمىز.

بەش يىلدىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باشتىن - ئاخىر دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئومۇمىي ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چىڭىتقانلىقتىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى كۈندىن - كۈنگە قويۇقلاشتى.

«ئانا، يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟» «سالامەتلىكىم ياخشى». 5- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ بايىنشىرگ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى يۈ ۋېنچيەن موڭغۇل مىللىتىدىن قوشماقلاشقان تۇغقىنى پۈربە بۇلغۇن بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆزئارا ئەھۋال سوراشتى.

«ئۇ مېنىڭ ئوغلۇمغا ئوخشاش، بېجىرەلمىگەن ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بۇ ئوغلۇمغا تاپشۇرىمەن» دېدى پۈربە بۇلغۇن خۇشال ھالدا مۇخبىرغا بۇ ئوغلىنى تونۇشتۇرۇپ.

تۆت يىل ئىلگىرى، پۈربە بۇلغۇن ئائىلىسىدىكىلەر بايىنشىرگ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەنىدى. ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ پېنسىيەگە چىققىنىغا خېلى بولغان، ئېرىنىڭ تېنى ئاجىز، كېسىلى كۆپ، بالىنىڭ ئەقلى ئاجىز بولغانلىقتىن، ياشىنىپ قالغان پۈربە بۇلغۇن ئائىلىدىكى بىردىنبىر ئەمگەك كۈچى بولۇپ قالغانىدى.

يۈ ۋېنچيەن بۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پۈربە بۇلغۇن بىلەن تۇغقانلىشىپ، دائىم ئۇنىڭغا ياردەم قىلدى. «نەچچە يىلدىن بۇيان بەختىمگە يارىشا ھېلىمۇ بۇ ئوغلۇم تەرەپ - تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ، ماڭا ياردەملىشىپ ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلدى» دېدى پۈربە بۇلغۇن مىننەتدار بولۇپ.

«مەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان شۇ كۈندىن باشلاپ، مېنىڭ غېمىنى يەيدىغان تۇغقىنىمدىن بىرسى كۆپەيدى.» بۇ بىر ئاددىي كادىرنىڭ قەلب ساداسى، شۇنداقلا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىگە قاتناشقان كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى.

بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئەڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈشكە ئايلاندى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا 1 مىليون 120 مىڭدىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى - خىزمەتچى ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىپ، كۆڭۈل بىلەن كۆڭۈلنى ئۇتۇپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئاممىغا ياردەملىشىپ، ئامما بېجىرىلىشىنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، ئەڭ جىددىي بېجىرىشكە تېگىشلىك، ھازىر بېجىرگىلى بولىدىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەردى؛ قوشماقلاشقان تۇغقىنى بىلەن تاماقتا، يېتىپ - قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى ھەممە ئائىلىگىچە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشەنچنى چىڭىتىپ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەپ، كۈچ توپلىدى.

■تەرەققىياتنىڭ تولۇپ تاشقان ئېنېرگىيەسى مۇجەسسەملەندى

بەش يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ئىلگىرى سۈردى.

2016- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپلا قالماي، يەنە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم، زور تەدبىر بولدى.

بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون چوڭ ئىشلارنى كۆزلەپ، كىچىك ئىشلاردىن قول سېلىپ، قوش تىل مائارىپى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا تىل ئۆگىنىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشىنى ئۈن - تىنسىز ئەمەلگە ئاشۇردى. خوتەن سىفەن ئالىي تېخنىكومىدا، ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلار بىر ياتاقتا يېتىپ، ئۆزئارا تىل ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئاكا - ئىنى، ئاچا - سىڭىللاردەك ئۆتتى.

ئاپتونوم رايون ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە مەھەللە مۇھىتىغا مۇقىم تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئامما ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قۇبۇقسار بازىرى بايىنبۇلاق مەھەللىسى موڭغۇل، ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان، مەھەللە نۆل ئارىلىق مۇلازىمەت، پىدائىيلار مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، مېھىر - شەپقەت مىكرو ھەرىكىتى قاتارلىق سەككىز سۇپا قۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

بەش يىلدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار مول مەزمۇنلۇق، رەڭگارەڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەشۋىقات تەربىيەسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى، ھەر مىللەت ئامما ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن ئورتاق ھەمبەھرىلەندى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بىر قاتار جانلىق ئەمەلىيەتلەر ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەممىلا جايدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگىلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئىناقلىق مېلودىيەسىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارزۇسى بارغانسېرى كۈچەيدى، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ ئۇرغۇتۇلۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى.