«بىز ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى»

日期:2019年05月27日
来源:新疆日报
【字体:

قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قۇبۇقسار بازىرى بايىنشىرگ مەھەللىسىدە 46 بىنا، 1385 ئائىلە، 3815 ئادەم بار، ئۇلار خەنزۇ، موڭغۇل قاتارلىق توققۇز مىللەتتىن تەركىب تاپقان. 5- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىر بۇ يەرگە كەلگەندە، مەھەللە «ۋەتەننى سۆيۈش. پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە نومۇر تەييارلاۋاتقان ئىكەن. نومۇر تەييارلاۋاتقان مەھەللە ئاھالىسى جياڭ ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ يەردە تۇرۇۋاتقىلى ئالتە يىل بولدى، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما سېنىڭ - مېنىڭ دېيىشمەي ئىناق ئۆتىدۇ، بىز ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى».

بايىنشىرگ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ لىپىڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇ يەر كەپىلىك مەھەللە بولۇپ، كونا ئۆي، كېسەك ئۆي كۆپ ئىدى. 2012- يىلى ناھىيەدە كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى باشلاندى. 2013- يىلى تۇنجى تۈركۈمدە 500 نەچچە ئائىلە مەھەللىگە كۆچۈپ كىرىپ، يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى.

ئاھالىلەرنىڭ چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەھەللە دائىم بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «چاغاندا مەھەللە كادىرلىرى ئاھالىلەرنى جياۋزى تۈگۈشكە تەشكىللىدى، قۇربان ھېيتتا كۆپچىلىكنى بىرلىكتە پولۇ ئېتىشكە تەشكىللىدى ھەم بەزى قىزىقارلىق مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى» دېدى مەھەللە كادىرى جايىڭ ئايوۋ.

2016- يىلى 10- ئايدا، ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ بايىنشىرگ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر، مەھەللىدىكى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەھەللىدىكى ئاھالىلەر بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يېقىنلاشتى.

5- ئاينىڭ 15- كۈنى چۈشتە، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى ما خۇڭخۇڭ ئىشخانىدا ئالدىراش ئىدى، ئۇنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى ۋاڭ مىجۈن تاماق قاچىسىنى كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كەلدى.

«ئاچا، ئالدىراشمۇ؟ نەچچە كۈن بولدى سىزنى كۆرمىدىم، ياخشى تاماق ئېتىپ سىزگە ئېلىپ كەلدىم!» ۋاڭ مىجۈن قىزغىنلىق بىلەن ما خۇڭخۇڭنىڭ قولىنى تۇتتى.

«بىرمەھەل مېنى كۆرمىسە ياكى ئۆيىدە ئوبدانراق تاماق ئەتسىلا، سىڭلىم ماڭا ئېلىپ كېلىدۇ، شۇ ئارىلىقتا ئىككىمىز ئىشخانىدا مۇڭدىشىۋالىمىز.» ما خۇڭخۇڭ مۇنداق دېدى: «سىڭلىمنىڭ ئەتكەن تامىقى ماڭا بەكمۇ تېتىيدۇ، مەن بەك ياقتۇرۇپ يەيمەن».

ما خۇڭخۇڭ تۇنجى قېتىم ۋاڭ مىجۈننىڭ ئۆيىگە زىيارەتكە بارغاندا، ئۇنىڭ ئېرىنىڭ ئېلېكتىر سايمانلىرى رېمونتخانىسى ئاچقان بولسىمۇ، تىجارەتنى ياخشى قىلالماي، زىيان تارتىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ چۈشكۈنلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. ما خۇڭخۇڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ بىلەن تۇغقانلاشتى. ئەينى چاغدا، يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۇچۇرى ياكى مەھەللىدە ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش بارلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، ئۇ بىرىنچى بولۇپ ۋاڭ مىجۈنگە خەۋەر قىلدى. بەزىدە يەنە ما خۇڭخۇڭ ۋاقىت چىقىرىپ، ۋاڭ مىجۈن بىلەن بىللە ناھىيە تەشكىللىگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش بويىچە ماھارەت تەربىيەسىگە قاتناشتى، سىڭلىسىنى مەھەللىنىڭ مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئەر - خوتۇن ئىككىيلەننىڭ چۈشكۈنلۈكتىن تېزرەك قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

ما خۇڭخۇڭنىڭ ياردىمىدە، ۋاڭ مىجۈن بىلەن ئېرى قايتىدىن ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، يان تېلېفون دۇكىنى ئاچتى. «كىرىمىمىز ئىلگىرى ئېلېكتىر سايمانلىرى رېمونتخانىسى ئاچقاندىكىدىن خېلىلا ياخشى» دېدى ۋاڭ مىجۈن خۇشال ھالدا.

تۆت يىل ئىلگىرى، موڭغۇل ئاھالە پۇرۋا بۇلغۇن بۇ مەھەللىگە كۆچۈپ كەلدى. ئېرىنىڭ سالامەتلىكى ناچار، ئوغلى كېسەلچان بولغاچقا، ئۇ ھەر كۈنى ناھايىتى چارچاپ كېتەتتى.

خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى يۈ ۋېنچيەن بۇ ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، پۇرۋا بۇلغۇن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقانلاشتى. بېرىش - كېلىش قىلىش جەريانىدا، پۇرۋا بۇلغۇننىڭ سەمىمىي مىجەزى يۈ ۋېنچيەننى تەسىرلەندۈردى، يۈ ۋېنچيەننىڭ خوتۇنى ۋە قىزىنىمۇ تەسىرلەندۈردى.

«مېنىڭچە قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئەڭ مۇھىمى پىكىر ئالماشتۇرۇشى، بىر - بىرىنى ھەقىقىي ئۇرۇق - تۇغقىنىدەك، ھەقىقىي قېرىندىشىدەك كۆرۈشى كېرەك. ھازىر ۋاقتىم بولسىلا ئۇلارغا كۆپرەك ياردەملىشىمەن، ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلارغا ھەمراھ بولىمەن، مەن بوۋاينىڭ ئوغلى بولۇشنى بەكمۇ خالايمەن!» دېدى يۈ ۋېنچيەن.

مۇخبىر مەھەللىدە بىنالار ئارىسىدا يۈرۈش جەريانىدا، ھەر مىللەت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن سالاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ بىرلىكتە خۇشال - خۇرام ئويناۋاتقانلىقىنى كۆردى ... «بىزنىڭ مەھەللە بىر چوڭ ئائىلە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بۇ چوڭ ئائىلىدە خۇشال - خۇرام خىزمەت قىلىدۇ، تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئالاقىلىشىدۇ، ئالماشتۇرىدۇ، ئارىلىشىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھېسسىياتى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى» دېدى خۇاڭ لىپىڭ.