ئىتتىپاقلىق گۈللىرى قەلبلەرنى شادلاندۇردى

日期:2019年05月11日
来源:新疆日报网
【字体:

بايىنشىرگ مەھەللىسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەجرىبىسى قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى نۇرغۇن مەھەللە ۋە مەمۇرىي كەنتتە كېڭەيتىلدى. قۇبۇقسار بازارلىق يەسلى، بايىنبۇلاق مەھەللىسى ۋە بايىن ئوبا يېزىسىنىڭ كېلىغانات كەنتىدە يۈزبەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرنەچچە دەستە پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل.

بىزنىڭ بۇ كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىدە، ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە غەمخورلۇق قىلىش چىن قەلبتىن ئۇرغۇغان. ئۆزئارا سىڭىشىپ، مىللەتلەر ئۆزئارا ياردەملىشىپ، ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمى سىزىپ چىقىلدى.

بىز قول تۇتۇشۇپ، قەلبداش بولۇپ، ئۆزىمىزنىڭ چىن ھېسسىياتى ۋە ھەرىكىتى بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى سۇغىرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.