مەھەللىدىكى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھېكايىلەر

日期:2019年05月07日
来源:新疆日报
【字体:

«بىز ياخشى دەۋرگە ئۇلاشتۇق، بەخت گۈللىرى توزىمايدۇ...» 5- ئاينىڭ 4- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، مۇخبىرلار قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى قۇبۇقسار بازىرى بايىنشىرگ مەھەللىسىدىكى 20دىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ كەڭرى، يورۇق مەھەللە مەدەنىيەت ئۆيىدە ئۆزلىرى تەييارلىغان ناخشا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قەلبىمىزدە»نى مەشىق قىلىۋاتقانلىقى؛ تالادىكى چېنىقىش مەيدانىدا، ئون نەچچە بوۋاي - موماينىڭ چېنىقىش سايمانلىرىدا بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.

«ھەر مىللەت ئاھالىلەردىن تەشكىللەنگەن <مالەنخۇا تەشۋىق قىلىش ئەترىتى> مەھەللىمىزنىڭ مەدەنىيەت كۇرسلۇق ماركىسى، ھەر ھەپتىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى باش تېما قىلىنغان تۈرلۈك ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ». «مالەنخۇا تەشۋىق قىلىش ئەترىتى»نىڭ 71 ياشلىق ئەترەت باشلىقى جياڭ ۋېنيىڭ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ مەھەللە 2012- يىلى يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر ئولتۇراق رايون. ئاھالىلەر ئارىسىدا شەھەر - بازارلاردىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەر بار، يېزىلاردىن كۆچۈرۈلگەن دېھقان - چارۋىچىلارمۇ بار، ئاز سانلىق مىللەتلەر يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. مەھەللىدە تۇرۇشلۇق <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان ھېكايىلەر كۈندە بولۇپ تۇرىدۇ».

■سەۋلىنىڭ بېشىنى قاتۇرغان ئىش ھەل بولدى

مەھەللىدىكى موڭغۇل كادىر جو. بۇلغۇن مەسئۇل بولغان تەۋەلىك رايوندا ياشانغانلار، مېيىپلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەر بىرقەدەر كۆپ.

«ئامما قانداق مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولسا، بىز شۇنداق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيمىز؛ ئاممىنىڭ قانداق قىيىنچىلىقى بولسا، بىز شۇ قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىمىز.» بۇلغۇن ئامما ئىنكاس قىلغان ھەربىر مەسىلىنى بىر تېما دەپ بىلىپ تەتقىق قىلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىش چارىسىنى ئىزدىدى.

  قازاق ئاھالە سەۋلى جامالقان قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپتىن پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى، ئۇنىڭ ئۆيى چېقىش - كۆچۈرۈش سەۋەبلىك، ئۇ 2013- يىلى بۇ ئولتۇراق رايوندا ئولتۇراقلاشقان. سەۋلىنىڭ ئېرىنىڭ تۈگەپ كەتكىنىگە كۆپ يىل بولغان بولۇپ، ئائىلىدىكى تۆت جان ئادەم سەۋلىنىڭ پېنسىيە مائاشىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى.

سەۋلىنىڭ 34 ياشلىق چوڭ ئوغلى قايرات كامالغازى كېسەلچان بولۇپ، ھەر ئايدا دورا ھەققى ئۈچۈنلا 1000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتەتتى. تەلىيىگە يارىشا ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى ئايبات كامالغازى مەھەللىدىكىلەرنىڭ ياردىمىدە خىزمەت تاپتى.

بۈگۈنكى كۈندە، 26 ياشلىق ئايباتنىڭ قىز دوستى بار بولدى. بۇنىڭدىن سەۋلى ھەم خۇشال بولدى، ھەم بېشى قاتتى. «ئوغلىنىڭ توي قىلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، ئانا بولغۇچى مۇشۇ كۈننى كۈتىدۇ. يەنە بىر ئويلىغاندا، توي قىلغاندا ئۆي لازىم بولىدۇ، ئۆي بولمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟» بۇ ئىش سەۋلىنىڭ بېشىنى بەكلا قاتۇردى. بۇلغۇن سەۋلى ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، يۇقىرى - تۆۋەن قاتراپ يۈرۈپ، ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملەشتى.

«4- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بۇلغۇن ئۆيۈمگە كېلىپ ماڭا: سەۋلى ھەدە، مەن سىياسەتكە ئاساسەن ئوغلىڭىزغا ياردەملىشىپ بىريۈرۈش 60 كىۋادرات مېتىرلىق كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆيگە ئىلتىماس قىلىپ قويدۇم، 5- ئاينىڭ 10- كۈنى ئۆينىڭ ئاچقۇچىنى ئالالايسىز! دېدى.» سەۋلى مۇخبىرلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يەلكەمنى بېسپ تۇرغان تاشنى ئېلىپ تاشلىغاندەك ھېس قىلدىم. ئىككى ئوغلۇمغا سىلەر موڭغۇل ھەدەڭلەر بۇلغۇنغا رەھمەت ئېيتىشىڭلار كېرەك! دېدىم».

«سەۋلى ھەدە، ماڭا رەھمەت ئېيتماڭلار، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم. رەھمەت ئېيتساڭلار پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىڭلار!» دېدى بۇلغۇن سەۋلىگە.

■«يۈگۈر - يېتىم ئىشلارنى قىلىدىغان ئوغۇل» تۇغقىنىغا ئىللىقلىق يەتكۈزدى

«ئاپا، يېقىندىن بۇيان سالامەتلىكىڭىز قانداقراق؟» «سالامەتلىكىم ياخشى.» بۇ، 5- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە بايىنشىرگ مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى يۈ ۋېنچيەن بىلەن مەھەللىدىكى قوشماقلاشقان موڭغۇل تۇغقىنى پۈرۋە بۇلغۇننىڭ دىيالوگى.

«ئۇ مېنىڭ ئوغلۇمغا ئوخشاش، قىلالمىغان ئىشلىرىمنى مۇشۇ <ئوغلۇم> قىلىشىپ بېرىدۇ.» بۇلغۇن خۇشال ھالدا مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ بۇ «ئوغلى»نى تونۇشتۇردى.

تۆت يىل ئىلگىرى، بۇلغۇن ئائىلىسى بايىنشىرگ مەھەللىسىگە كۆچۈپ كەلگەن. ئەر - خوتۇن ئىككىسى بالدۇر پېنسىيەگە چىققان، ئېرىنىڭ تېنى ئاجىز، كېسەلچان، ئوغلىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلىقتىن، ياشىنىپ قالغان بۇلغۇن ئائىلىدىكى بىردىنبىر ئەمگەك كۈچى ئىدى.

يۈ ۋېنچيەن بۇ ئەھۋاللارنى ئۇققاندىن كېيىن، بۇلغۇن بىلەن تۇغقانلاشتى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ ئالاقىلىشىپ تۇردى.

«راستنى ئېيتقاندا، <ئاپام>نىڭ ئۆيىدە يۈگۈر - يېتىم ئىش قىلىدىغان بىر ئادەم كەم، مەن ئۇنىڭ <يۈگۈر - يېتىم ئىشلىرىنى قىلىدىغان ئوغلى> بولۇشنى خالايمەن!» دېدى يۈ ۋېنچيەن كۈلۈپ تۇرۇپ مۇخبىرلارغا.

ھەر ھەپتىدە، يۈ ۋېنچيەن بىر ئائىلە كىشىلىرى بوۋاي - موماينى بىر - ئىككى قېتىم يوقلاپ كېلىدۇ، كۆكتات، گۆش سېتىۋالىدۇ، چوڭلارغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بېرىدۇ، يەنە بىر ۋاق مەززىلىك تاماق ئېتىدۇ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى خۇشاللىققا چۆمىدۇ.

يۈ ۋېنچيەننىڭ بەزىدە خىزمىتى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، نەچچە كۈنگىچە بۇلغۇننىڭ ئۆيىگە بارالمىسا، بۇلغۇن تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال سورايدۇ. ياخشىراق تاماق ئەتسىلا، بۇلغۇن ھەمىشە بىرىنچى بولۇپ «يۈگۈر - يېتىم ئىش قىلىدىغان» بۇ ئوغلىنى ئويلايدۇ. «بىرقانچە يىلدىن بۇيان، بۇ <ئوغلۇم> يۇقىرى - تۆۋەن قاتراپ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىشىمغا ياردەملەشتى» دېدى بۇلغۇن مىننەتدار بولغان ھالدا.

«ئوغلى»نىڭ ئۆيگە كىرىشىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بۇلغۇن يەنە ئۆيىنىڭ بىر تال ئاچقۇچىنى يۈ ۋېنچيەنگە بەردى. يۈ ۋېنچيەن: «بوۋاينىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە، ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، مەنمۇ ئاچقۇچنى ئالدىم» دېدى.

■مەھەللە كادىرلىرىنىڭ «قەلبلەرگە كىرىش» مۇلازىمىتى مول مېۋە بەردى

سۈن يۈەن بايىنشىرگ مەھەللىسى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئۇنىڭ «تۇغقان»ى مەھەللىدىكى قازاق ئاھالە گۈلزات باغداش. گۈلزات بۇ ناھىيەنىڭ مۆتگې يېزىسى توۋاچ كەنتىدىن، 2014- يىلى بۇ مەھەللىدىن بىنا ئۆي سېتىۋالغان. كەنتتە، گۈلزات ۋە ئېرىنىڭ يەنە 60 مو تېرىلغۇ يېرى بار.

«سۈن ئاكا، مەن بۇ يىل سىلوس قونىقى كۆلىمىنى بۇلتۇرقى 20 مودىن 40 موغا كېڭەيتمەكچى» دېدى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى چۈشتىن كېيىن گۈلزات سۈن يۈەننى كۆرۈپ.

«ياخشىغۇ، سىزنىڭ سىلوس قونىقى كۆلىمىنى كېڭەيتىشىڭىز مەركەزنىڭ بۇ يىلقى 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ روھىغا ئۇيغۇن.» سۈن يۈەن مۇنداق دېدى: «مەركەزنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئاشلىق، ئىقتىسادىي زىرائەت، يەم - خەشەك قۇرۇلمىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەپ، سىلوس قونىقى، بېدە قاتارلىق سۈپەتلىك يەم - خەشەك ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، دېيىلگەن».

«كالىڭىزغا ۋاكسىنا ئۇرغۇزدىڭىزمۇ؟» سۈن يۈەن يەنە گۈلزات ئائىلىسىنىڭ 18 تۇياق كالىسىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئەھۋالىنى سورىدى.

«ئۈچ يىلدىن بۇيان، سۈن ئاكام بىزنى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق تېرىقچىلىق قىلىش، چارۋا بېقىشقا ئائىت نۇرغۇن بىلىم بىلەن تەمىنلىدى. بىز كەنتتىلا بولساق ئۇ ھەر ئايدا كېلىدۇ. ئۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە قوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى ئىلگىرىكى 500 كىلوگىرامدىن ھازىرقى 800 كىلوگىرامغا يەتتى؛ كالا بەش - ئالتە تۇياقتىن 18 تۇياققا يەتتى.» گۈلزات مۇخبىرلارغا «سۈن ئاكا»سى توغرىسىدا شۇنداق دېدى.

مەھەللىدىكىلەرنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان «قىشتا شەھەردە، يازدا كەنتتە تۇرىدىغان» «قوش ماكانلاشقان» ئاھالىلەرگە قارىتا، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى تۇغقانلاشقان كادىرلاردىن قىيىنچىلىقىنى سوراپ، دېھقانچىلىق ئىشلىرى ئۈستىدە سۆزلىشىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈستىدە پاراڭلىشىپ، تىرىشىپ رولىنى ئۆزگەرتىپ، دېھقان سالاھىيىتىدە يېزا تۇرمۇشىغا سىڭىشىشنى تەلەپ قىلدى.

«مەھەللە كادىرلىرىمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك. مەسىلەن، تۇغقانلىرىغا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ يوللىرىنى پىلانلاپ بېرىشى، ئاز سوممىلىق قەرز بېجىرىپ بېرىشى، تولۇقلىما ياردەم، تولۇقلىما پۇل قاتارلىقلارغا ئىلتىماس قىلىپ بېرىشى كېرەك.» سۈن يۈەن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «تۇغقىنىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشى دەپ بىلىپ، تۇغقىنىمىزغا يېقىنلاشساقلا <قەلبلەرگە كىرەلەيمىز>، پىكىر ئالماشتۇرساقلا <سىردىشالايمىز>».