سادەتخان: «خۇاخۇا ماڭا قىزىمدىنمۇ بەكرەك ۋاپادار ھەم كۆيۈمچان»

日期:2024年04月23日
来源:天山网
【字体:

4-ئاينىڭ 17-كۈنى، سادەتخان گۇ جىنخۇاغا تېلېفون بېرىپ، ئۇنى ئۆيىدىكى ئائىلە يىغىلىشىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

سادەتخان بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن بولۇپ، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يەنجى بازىرىدا ئولتۇرىدۇ. ئۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: گۇ جىنخۇا بىلەن بىللە ئۆتكەنيەتتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، ئانا-بالىدەك بولۇپ كەتتۇق، «مەيلى تۇرمۇش جەھەتەبولسۇن ياكى بىر-بىرىمىزگە بولغان مېھرىمىز جەھەتتەبولسۇن، خۇا خۇا ماڭا قىزىمدىنمۇ بەكرەك ۋاپادار، كۆيۈمچان، مەن ئۇنىڭغا بەك تايىنىمەن، ئۆيىمىزدە ئوبدانراق تاماق ئەتكەن كۈنى، مەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا خەۋەر قىلىمەن».

سادەتخان مۇنداق دېدى:مەن 2017-يىلى 10-ئايدا، مەھەللىدە قانات يايدۇرۇلغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىدە يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى گۇ جىنخۇا بىلەن تونۇشۇپ قالدىم.

سادەتخاننىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭبىر ئوغلى، بىر قىزى بولۇپ،ئوغلى ھەر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە تىجارىتى بىلەن ئالدىراش بولىدىكەن،قىزى سەككىز يىل ئىلگىرى باشقايۇرتقا ياتلىق بولۇپ كەتكەن بولۇپ،ھېيت-بايراملاردىلا ئۇنى يوقلاپ كېلەلەيدىكەن. ئۇنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆزۈمگە ئاق چۈشكەن بولغاچقا،ئادەتتە سىرتلارغا چىقىشنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيدىكەن، شۇنىڭدەك بىرەر قىزىقىشىممۇ يوق ئىكەن،شۇڭا يالغۇزلۇق ھەم زېرىكىشلىك ھېس قىلىدىكەن.

گۇ جىنخۇانىڭ پەيدا بولۇشىسادەتخاننىڭ تۇرمۇشىنى بىردىنلا جانلاندۇرۇۋەتتى. ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنى گۇ جىنخۇا ئېرى، ئوغلى بىلەن بىللە گۆش ۋە مېۋە-چېۋىلەرنىسېتىۋېلىپ، سادەتخاننىڭ ئۆيىدە تاماقتا بىللە بولىدىغان ياكى كاۋاپ پىشۇرۇپ يەيدىغان بولدى، چوڭلار ئاشخانىدا ئالدىراش بولسا، ئىككى ئائىلىنىڭ بالىلىرى قوغلىشىپ ئوينىشاتتى، ئۆي كۈلكە سادالىرىغاتولاتتى.

سادەتخان گۇ جىنخۇانى ئەركىلىتىپ «خۇاخۇا» دەپ چاقىرىشنى ياخشى كۆرەتتى، ئىككىيلەن بىر-بىرىنىڭ مىجەزى ۋە قىزىقىشىنى چۈشىنەتتى. «ئەتىيازدا ئوقۇش باشلانماي تۇرۇپلا، ئۇ نەۋرەمگە يېڭى كىيىم-كېچەك ۋە ئوقۇش قوراللىرىنى ئالدىن ئېلىپ بېرىدۇ. يازدا، ئۇ ماشىنا ھەيدەپ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنى دالا تامىقى يېيىشكە ئېلىپ بارىدۇ. كۈزدە، بىز ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە تۇزلانغان سەي چىلايمىز. قىش كەلگەندە، يەنە بىر يەرگە يىغىلىپ پولۇ يەپ، قوي گۆشى شورپىسى قىلىمىز، كۈنلىرىمىز ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتۈۋاتىدۇ»، دېدى سادەتخان.

سادەتخاننىڭ ئوغلى مەمەت نۇر مۇنداق دېدى: «ئاپامنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان بىر ئادەم كۆپەيدى، روھىي ھالىتىمۇ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتتى. گۇ جىنخۇا ھەر قېتىم ئۆيىمىزگە كەلگەندە ئاپامنىڭ دېرىزە پەردىلىرىنى يۇيۇپ، يوتقان كىرلىكلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئەينەكلەرنى سۈرتۈپ، ئۆيلەرنى پاكىزتازىلاپ بېرىدۇ. بەزىدە ئاپام دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتمەكچى بولسا، ئۇمۇ بىللە بېرىپ، ھەممە ئىشقا چېپىپ، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ نومۇر ئالىدۇ، بىزگە خۇددى يېقىن تۇغقىنىمىزدەكلا مۇئامىلە قىلىدۇ».

بۇلتۇر 10-ئايدا، سادەتخانكۆزىگەچۈشكەن ئاقنى ئالدۇرۇۋېتىشئوپېراتسىيەسى قىلدۇرۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان مەزگىلدە، گۇ جىنخۇا ھەر كۈنى ئۇنى يوقلاپ تۇردى، سادەتخاننىڭسالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ دوختۇرخانىدىن چىققۇچە ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. «خۇاخۇامېنىڭ گۆشى ئۇششاق توغرالغان پولۇغا ئامراقلىقىمنى بىلەتتى، شۇڭا كېسەلخانىغا ئالايىتەن پولۇ ئېتىپ ئەكەپتۇ، ئۇ يەنە مەن بىلەن مۇڭدىشىپ، ماڭايۇمۇرلارنى سۆزلەپ بېرىپ، قىزىمدەكلا ئىنچىكىلىك بىلەن ھالىمدىن خەۋەر ئالدى، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىم مېنىڭ بەختىم»دېدى سادەتخان ھاياجانلانغان ھالدا.

​سادەتخان زېرىكىپ قالسىلا، گۇ جىنخۇاغا تېلېفون بېرىدۇ. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، سادەتخان گۇ جىنخۇاغا بىر شارپا توقۇپ بەردى، بىر نەچچە جۈپ پېتەك تىكىپ بەردى، «ئوغلۇم بىلەن قىزىم دائىم يېنىمدا تۇرۇپ بولالمايدۇ، ھەر قېتىم ئۆيدە چوڭ-كىچىك ئىشلارغا يولۇقسام، خۇاخۇا ھەل قىلىپ بېرىدۇ، ئۇ ماڭا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە كەيپىياتىمدىكى ئۆزگىرىشلەرگىمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ، شۇنچە يىللاردىن بۇيان، مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم»دېدى سادەتخان.

«خۇاخۇانىڭ خىزمىتى ئالدىراش، بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان مەن ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىنى سەرپ قىلدى، ئۇ ئەزەلدىن جاۋاب تەلەپ قىلمىدى، مەن بەك تەسىرلەندىمھەم خىجىللىق ھېس قىلدىم.ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق مۇشۇنداق ئانا-بالىلاردەك ئۆتسەم دەيمەن»دېدى سادەتخان.