«لى سىڭلىم بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بەخت يۇلتۇزى»

日期:2024年04月19日
来源:天山网
【字体:

«لى سىڭلىم بىزنىڭ ئائىلىنىڭ بەخت يۇلتۇزى»

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىبەي سۇجۈن

«بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بەختىيار ياخشىتۇرمۇشتا ئۆتۈۋاتقانلىمىزنىسىلەرنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ياردىمىڭلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.» 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، باغراش ناھىيەسى باغراش بازىرى لۇخۇا مەھەللىسى بويا ئولتۇراق رايونىدا ئامانگۈل ياسىن ۋە ئۇنىڭ ئېرى خۇشال ھالدا بىر ئۈستەل تاماق تەييارلاپ، لى چۈنمېي ئەر ـ خوتۇننى ئىسسىقىدا يېيىشكە چاقىردى.

ئامانگۈل بۇ يىل 48 ياشقا كىرگەن بولۇپ، 2019 - يىلى 9 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، مەھەللە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندا، ئۇ لى چۈنمېي بىلەن تونۇشقانىدى.

39 ياشلىق لى چۈنمېي يىڭبىن مەھەللىسى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى. پائالىيەتكە قاتناشقاندا ئامانگۈلنىڭ بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش سەۋەبىدىن ئېغىر ئىش قىلالمايدىغانلىقىنى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىق بارلىقىنى بىلىپ، لى چۈنمېي ئامانگۈلگە 2000 يۈەن بېرىپ تۇردى، يەنە قىزىغا يېڭى كىيىم ۋە ئويۇنچۇق ئاپىرىپ بەردى.

«ئادەتتە، ئەر ـ خوتۇن ئىككىيلەن دائىم ئۆيىمىزگە كېلىپ ماڭا ياردەملىشىپ ئىش قىلىشىپ بېرىدۇ، بايراملاردا يەنە ئاپتوموبىلىنىھەيدەپ كېلىپ مېنى ۋە بالامنى ئېلىپ بىللە تاماق يېگىلى ئاپىرىدۇ، يەنە ماڭا دورا ئېلىپ بېرىدۇ.» ئامانگۈل مۇنداق دېدى: بۇ ئىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقىنىغا بىر يىلدىن ئاشتى.

2021 - يىلى، ئامانگۈلنىڭ سالامەتلىكى ياخشىلانغاندىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلىمەكچى بولدى. لى چۈنمېي ئامانگۈل ئەر ـ خوتۇنغا ياردەملىشىپ ئولتۇراق رايون ئەتراپىدىكى كەچلىك بازاردىن بىر يايما ئورنى ئىلتىماس قىلىپ بەردى، ئىككىيلەن كۈندۈزى مېۋە ـ چېۋە، كەچتە كاۋاپ ساتتى.

2022 - يىلى، ئامانگۈل بىلەن ئېرى ئۈچ چاقلىق توكسىكلىت سېتىۋېلىپ، ئىككىيلەن يەنە بىر يايما ئورنى ئېچىپ كۆپرەك پۇل تاپماقچى بولدى. بۇ چاغدا ئۆيدىكىلەردىن تېلېفون كەلدى، ئامانگۈلنىڭ ئاپىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ قالغان بولۇپ، مەخسۇس بىر كىشى ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى كېرەك ئىدى.

ئامانگۈل يەنە لى چۈنمېيدىن ياردەم سورىدى. «چۈنمېي سىڭلىم ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، مەھەللە كادىرلىرى بىلەن نۆۋەتلىشىپ قىزىمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. ئاپام ئالەمدىن ئۆتكەن مەزگىلدە، ماڭا بەك كۆپياردەم قىلدى، ئارىلاپ ـ ئارىلاپ تېلېفون قىلىپ ماڭا تەسەللىي بەردى، يەنە قوي ـ كالا گۆشلىرىنى ئەكىلىپ قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلىنىشىمنى ئېيتتى» دېدى ئامانگۈل.

2023 - يىلى، لى چۈنمېينىڭ ياردىمىدە، ئامانگۈلنىڭ ئېرى باغراش ناھىيەسىدىكى بىر تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكازاۋۇتىغا ئىشقا تونۇشتۇرۇلدى، ئايلىق مائاشى 8000 يۈەن ئىدى، ئامانگۈلمۇ ئامانلىق ساقللىغۇچىلىقخىزمىتىنى تاپتى.

«ئۆي ئىجارىسى ۋە تۇرمۇش چىقىمىنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەر ـ خوتۇن ئىككىمىز بىر يىلدا يەنە ئازراق پۇل يىغدۇق.» ئامانگۈل كېلەر يىلى قېينئاتىسى بىلەن قېينئانىسىنى شەھەرگە ئېلىپ كېلىپ تۇرغۇزۇشنى، يەنە بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

«بۇنداق ياخشى سىڭلىم بىلەن تونۇشۇپ قالغانلىقىمدىن ئۆزۈمنى بەك تەلەيلىك ھېس قىلىمەن، لى سىڭلىم ئائىلىمىزنىڭ بەخت يۇلتۇزى.» ئامانگۈل مۇنداق دېدى: ھازىر ئارىلاپ - ئارىلاپ ئىككى ئائىلە كىشىلىرى يىغىلىپ تاماق يەيمىز، ئىككى ئائىلىنىڭبالىلىرىمۇ ئاچا-سىڭىللاردەك يېقىن ئۆتۈۋاتىدۇ. «بىز بۇ مېھىر ـ شەپقەتنى چوقۇم ئېسىمىزدە ساقلاپ، ياخشى تۇرمۇش كەچۈرىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن قۇربىم يەتسىلا، ياردەمگە ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم قىلىمەن».