بىز ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى

日期:2024年04月11日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ

«كېلىڭلار، كېلىڭلار، تېز كىرىڭلار، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، ئازراق سوغۇقھە!» «ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن! يامغۇر ھەرقانچە قاتتىق ياغسىمۇ بىزنىڭ بىللە ھېيت ئۆتكۈزۈشىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ»، «ھا-ھا، بىرگە بولسۇن، بىرگە بولسۇن، خۇشاللىق ھەممەيلەنگە تەڭ بولسۇن...» 4-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونىنىڭ شۇيتاشەن كوچا باشقارمىسى ۋېيخۇجۇاڭ مەھەللىسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى چوڭ قورۇسى 7-نومۇرلۇق بىنا خۇشال كۈلكە سادالىرىغا چۆمگەنىدى.

سىرتتا سىم-سىم يامغۇريېغىۋاتاتتى، رابىيەم تۇردىھاشىمنىڭكىچىك ئۆيى مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى، كۆپچىلىك شىرەنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، پېچىنە-پىرەنىك ۋە مېۋىلەرنى تېتىدى، مۇڭداشتى.

رابىيەمنىڭ ئېرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇ قىزى ۋە ئوغلىنى ئېلىپ قورغاس ناھىيەسىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇرمۇش كەچۈردى، بۇ يەردە يەتتە يىل تۇردى، ھازىر قىزى خىزمەتكە چىقتى، ئوغلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئانا-بالا ئۈچەيلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىدۇ.

«ئاپا، يەنە مېھمان كەلدى...» رابىيەمنىڭ ئوغلى ئەلى ئەخمەت كۈلۈمسىرىگەن ھالدا ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ كەلگەن مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. كىچىك ئۆسمۈر ناھايىتى قىزغىن بولۇپ، كەلگەنلەرنى ئالدىراپئىچكىرىئۆيگە باشلىدى، ئاچىسى بىلەن بىللە مېھمانلارغا چاي قۇيدى.

«ئىنىم ھېيت-بايرامنى ياخشى كۆرىدۇ، مېھمانلار كۆپ بولسا قىزىيدۇ، ئادەتتە كۆپچىلىك ئائىلىمىزگە ناھايىتى كۆپ ياردەم قىلىدۇ، كىچىك بالىلارمۇ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆپچىلىككە رەھمەت ئېيتىشنى ئويلايدۇ»، ئەلىنىڭ ئاچىسى تاجىنۇر ئەخمەت مۇنداق دېدى: مۇشۇ يىللاردا ئاپامنىڭ بىزنى بېقىپ تۇرمۇش كەچۈرۈشى ئاسانغا توختىمىدى، ئەتراپتىكى قوشنىلار دائىم غەمخورلۇق قىلدى.

«بۇ بالا بەك ئىش ئۇقىدۇ، ھەر ھەپتىدە ئاپىسى بىلەن كارىدورنى بىر قېتىم تازىلايدۇ، بىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمىز. بۇ يەردىكىلەرنىڭ ھەممىسى بەك ئىشچان، بىرمۇ ئادەم ئۆيدە بىكار تۇرمايدۇ» دېدى مېھمان بولۇپ كەلگەن لى خۇڭ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا يېنىدىكى قوشنىسى غۇلام ھەسەننىڭ مۈرىسىنى قېقىپ تۇرۇپ.

«مەن ئىزچىل ۋېيخۇجۇاڭدا كاۋاپچىلىق قىلىپ كېلىۋاتىمەن، ھازىر سودام ناھايىتى ياخشى، بىر ئايدا 10 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل تاپالايمەن». غۇلام مۇنداق دېدى: ئايالىم بىر كارخانىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەيدۇ، ئىككىيلەن بوش ۋاقىتلىرىمىزدا قوشنىلارغا كۆپرەك ياردەم بېرىمىز، كۆپچىلىك ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتىمىز.

«ئەر-خوتۇن ئىككىمىز ئالدىراش بولۇپ كەتسەك بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغانغا ۋاقتىمىز يوق، بىر ئوغۇل، بىر قىزىمنى قوشنىلار ياردەملىشىپ بېقىشىپ بەردى، تۇرۇۋاتقىنىمىزغا ئۇزاق بولدى، بۇ يەردىن ئايرىلالمايمىز». غۇلام مۇنداق دېدى: مەن ئۈرۈمچىدە پۇل تاپتىم، يۇرتۇم قەشقەردە چوڭ ئۆي سالدىم، لېكىن بۇ يەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالدىم، قەشقەرگە ناھايىتى ئاز قايتىمەن.

7-نومۇرلۇق بىنادا 40 نەچچە ئائىلىلىك ئولتۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋېيخۇجۇاڭدا ئاشخانا ئاچىدىغانلار، مېۋە-چىۋە ساتىدىغانلار، يايما يېيىپ كاۋاپ ساتىدىغانلار،يەنە مۇھىت تازىلىقى ئىشچىلىرى بار، ئۇلار ھەر كۈنى ئالدىراش بولۇپ، چاي ئىچىپ پاراڭلىشىدىغان ۋاقىت چىقىرالمايتتى، ھېيتتا كۆپچىلىك بىر يەرگە جەم بولدى، كىچىككىنە ئۆي بىردەمدىلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدى.

كۆپچىلىك ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆزلەپ، خۇشال-خۇرام كەيپىيات يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، كۆپچىلىك يەنە ئەڭ ئۈستى قەۋەتتىكى لى خۇڭنىڭ ئۆيىگە يۆتكىلىپ، خۇشال-خۇرام ئۇسسۇل ئوينىدى.

بۇ يەردە خوشال-خۇرام ئۇسسۇل ئويناۋاتقاندا، يەنە بىر بىنادا ئولتۇرۇشلۇق جاڭ چۇنيەن تېلېفون قىلىپ، كۆپچىلىكنى ئۆيىگە كېلىپ مېھمان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى.

جاڭ چۇنيەننىڭ ئۆيىگە كېلىۋىدىم، بىناغا چىقىپلا مېھمانخانا ئۆيدىكى كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىدىم، «گۈلى، بۇ پىرەنىكنى بەك ياخشى پىشۇرۇپسىز»«ئېلىڭە، گۈلى ساڭزىنى تېخىمۇ ئوخشىتىدۇ...»

«بىز ناھايىتى ياخشى ئۆتىمىز، ھېيت-بايراملاردا ۋاقىتىمىز بولساھۈنىرىمىزنى كۆرسىتىپ، ئۆزىمىز ئەتكەن مەززىلىك تائاملارنى ئېلىپ چىقىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تېتىپ يەيمىز»دېدى جاڭ چۇنيەن.

جاڭ چۇنيەننىڭ مىجەزى خۇشچاقچاق، كۆڭلى تۈز، ئوچۇق-يورۇق بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە مېنىڭ ئىشىم بولسىمۇ كۆپچىلىك ياردەم قىلىدۇ، تۈنۈگۈن ئەلى ماڭا ياردەملىشىپ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى ئورنىتىپ بەردى».

بىر چەتتە مېۋە يەۋاتقان ئەلى ئەركىن مۇنداق دېدى: «چۇنيەن ئاچام مېنىڭ ئۆز ئاچام. مەن توكچى، بالام تۇغۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىن بىز بۇ يەرگە كېلىپ تۇرغان ئىدۇق، ھازىر بالاممۇ چوڭ بولدى، بىز خۇددى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈۋاتىمىز».

سىرتتا يامغۇر توختىماي يېغىۋاتاتتى، ئۆيدە كۈلكە سادالىرى ياڭرىدى، بىر يەرگە جەم بولغان قوشنىلار تاماق يېگەچ پاراڭلاشتى، ھەر بىر ئادەمنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنەتتى.