شىخودىن كەلگەن خەت-چەكلەر پات ئارىدا لياۋنىڭ يىڭكوۋغا يېتىپ بارىدۇ، تاپشۇرۇۋالغايسىلەر

日期:2024年03月22日
来源:天山网
【字体:

يېقىندا، شىخو شەھىرى خۇاڭگۇڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسى «كىچىك ئانار دانىلىرى . تىيانشاندىن تارالغان چىن مېھىر-مۇھەببەت» تېمىسىدىكى قول تۇتۇشقان خەت-چەك مەدەنىيەت بايرىمى پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، لياۋنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئىككى جايدىكى ياش-ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ئۆگىنىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى. پائالىيەتتە، خۇاڭگۇڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى خەت-چەك ئارقىلىق يىڭكوۋ شەھىرى بايۈچۈەن رايونى ئەنپىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز يۇرتى، مەكتەپ تۇرمۇشى، قىزىقىشى، ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئەنپىڭ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشقا سەمىمىي تەكلىپ قىلدى. سۈرەتتە: ئوقۇغۇچىلار يازغان خەت، بۇ نېپىز ۋاراقلارغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەكسىز قايناق ھېسسىياتى مۇجەسسملەندى. (ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ گوخۇي، جېڭ شيەنلىڭ)

گۈزەل تىلەكلەر يېزىلغان خەت-چەكلەر ئەنپىڭ مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا پات ئارىدا يېتىپ بارىدۇ.

شىخو شەھىرى خۇاڭگۇڭ بازارلىق مەركىزىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزى يازغان خەتنى كۆرسەتمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى