ئانارگۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | «ياخشى ئاكام بار بولغاندىن بۇيان، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ»

日期:2024年03月21日
来源:天山网
【字体:

​ تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

«ياخشى ئاكام بار بولغاندىن بۇيان، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا تىرىشىمەن». 3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەمەتئېلى مەمەتتوختى شېن جيەنخەينى بوينىدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ، خۇشال ھالدا ئاتا-ئانىسى بىلەن سىنلىق تېلېفونلىشىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى پىلانى توغرىسىدا ئۇلار بىلەن ئورتاقلاشتى.

26 ياشلىق مەمەتئېلىخوتەن ۋىلايىتى گۇما ناھىيەسى زاڭگۇي يېزىسى يار كەنتىدىن. شېن جيەنخەينى ئۇچرىتىشتىن بۇرۇن، ئۇ ئايالى گۈزەلنۇر ئابلىمىت بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ غۇلجا شەھىرى، ئالاتاۋ شەھىرىدە ئىشلەمچىلىك قىلدى. 2022-يىلى، ئۇلار بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئارشاڭ ناھىيەسىدىكى بىر ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقاندا، شېن جيەنخەي بىلەن تونۇشۇپ قالدى.

44 ياشلىق شېن جيەنخەي ئارشاڭ ناھىيەسى چاغانتوڭگى يېزىسى چاغانتوڭگى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى، ئۇنىڭ ئۈچ كۆكتات پارنىكى بار، ئۇ يەنە «خەيتاڭ قورۇقى» دېھقانلار ئارامگاھى ئاچقان. «ئەينى چاغدا، مەندېھقانلار ئارامگاھىمنى كېڭەيتىۋاتاتتىم، مەمەتئېلى مەندىن تېخنىكا ئۆگەنمەكچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەن ماقۇل بولدۇم»دېدى شېن جيەنخەي.

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەمەتئېلى بىلەن شېن جيەنخەي ئۆزلىرى بىللە پىشۇرغان خۇاجۈەننى كۆرسەتمەكتە. مۇخبىر بەي سۇجۈن فوتوسى

مەمەتئېلى شېن جيەنخەي بىلەن ناھايىتى تېزلا چىقىشىپ كەتتى، ئىككىيلەننىڭ مىجەزى بىر يەردىن چىققاچقا، بىر-بىرىنىئاكا-ئۇكا دەپ ئاتاشتى. «ئاكامنىڭ مىجەزى تۈز، ئۇمېنى كۆپرەك تېخنىكا ئۆگىنىۋالسۇن دەپ، ماڭا تاماق ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەندە بەك قاتتىق تەلەپ قوياتتى،لېكىن تۇرمۇشتا ماڭا بەك سىلىق مۇئامىلە قىلاتتى، كۆكتات پارنىكىدىكى ساۋمېيلار ئەمدىلا قىزارغاندا، ھېچكىمگە ئۈزدۈرمەي، تۇنجىسنى چوقۇم قىزىمغا قالدۇرۇپ قوياتتى، پارنىكتىكى كۆكتاتلار ئۆسكەندە، دائىم ماڭا بىر نەچچە خالتا ئۈزۈپ ئۆيگە ئاپىرىپ يېيىشىمگەبېرەتتى»دېدى مەمەتئېلى.

3-ئاينىڭ 17-كۈنى، مەمەتئېلى بىلەن شېن جيەنخەي ئاشخانىنىڭ ئارقا زالىدا بىللە كۆكتات توغرىغاچ پاراڭلاشماقتا. مۇخبىر بەي سۇجۈن فوتوسى

مەمەتئېلى دېھقانلار ئارامگاھىغا شاگىرتلىققا كىرگەن تۇنجى ئايدا، ھەر كۈنى قىزىغا تېلېفون قىلاتتى، شېن جيەنخەي بۇنى بىلگەندىن كېيىن، باشقىلارغا مەمەتئېلىنىڭ خوتۇنى بىلەن قىزىنى ئېلىپ كېلىشنى ھاۋالە قىلىپ، ئۇلارغا تۇرار جاي ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى ھەمگۈزەلنۇرنى دېھقانلار ئارامگاھىدا مۇلازىمەتچى قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، «بىر ئائىلە كىشىلىرى بىللە بولغاندىلا خاتىرجەم ئىشلەپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ»دېدى شېن جيەنخەي.

مەمەتئېلى مۇنداق دېدى: ئايالىم بىلەن سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ، قاتناشقا ئىشلىتىدىغان پۇل ۋە ئاتا-ئانامغا بېرىدىغان پارچە پۇللارنى چىقىرىۋەتكەندە، تۇرمۇشىمىز غورىگىل ئۆتكەن ئىدى، ئىككىمىز تېجەشلىك بىلەن يەپ-ئىچسەكمۇ، ئامانەت قويغان پۇلىمىز 10 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمىگەنىدى، شېن ئاكىنىڭ ياردەم قىلغاندىن بۇيان، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلاندى. «شېن ئاكامنىڭ ئۆيىدە ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللىرى كۆپ، دائىم بىزگە كىيىم-كېچەك، ئاياغ سوۋغا قىلىدۇ، ھېيت-بايراملاردا، قىزىم يەنە ئويۇنچۇق ۋە يېڭى كىيىملەرنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. تاماق، ياتاق ھەقسىز بولغاچقا، ئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ كۆپ قىسىم مائاشىمىزيىغىلىپ قالدى».

«مەنئىككى يىل ئىچىدىلا150 مىڭ يۈەن ئامانەت پۇلىمىز بار بولىدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇئويلاپ باقمىغانىدىم». گۈزەلنۇر مۇنداق دېدى: ئاتا-ئانام بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، بىزنى تېخىمۇ ياخشىئىشلەشكە ئىلھاملاندۇردى. «ئاكام بىلەن يەڭگەم بىزگە بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، ئېرىمگە تاماق ئېتىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپلا قالماي، دۇكاندا يېتىشەلمەي قالغان ۋاقتىمىزدا، يەنە ئۆزىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى بىزگە ياردەملەشتۈرۈپ بالىمىزغا قاراپ بېرىشكە چاقىرىپ كېلىدۇ». گۈزەلنۇر ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: شېن ئاكىنى ئۇچرىتىشئەر-خوتۇن ئىككىمىزنىڭ بەختى.

بۇلتۇر 1-ئايدا، مەمەتئېلى ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ بىلىكى سۇنۇپ كەتتى، ئۇ چۈشكۈنلىشىپ ياردەمسىز قالغاندا، شېن جيەنخەي ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك ئەترىتى» دەل ۋاقتىدا پەيدا بولدى، ئۇلار ئىككى ئادەمبىر گۇرۇپپا بولۇپ، ھەر كۈنى نۆۋەتلىشىپ دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. بىر ئايدىن كېيىن، مەمەتئېلى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقتى.

«ھازىر مەن ئېتەلەيدىغان تاماقلارنىڭ تۈرى بارغانسېرى كۆپەيدى، تېخنىكاممۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى، شېن ئاكاممېنىكېيىنئۆزۈمنىڭ ئاشخانىسىنى ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى، مەن چوقۇمتىرىشىپ، ئۇنىڭ ئۈمىدىنى ھەرگىز يەردە قويمايمەن». مەمەتئېلىنىڭ ئېيتىشىچە، كېلەر يىلى ئۇ بىر ئاپتوموبىل سېتىۋېلىپ، شېن جيەنخەي ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ خوتەندىكى ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلىدىكەن.