ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | 34 ياشلىق چىن ساقچى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى

日期:2024年02月27日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت/شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرى ۋاڭ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرلى دېڭباڭ

2-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى تۇمشۇق بازىرى تۆۋەنكى سىرىم كەنتىدە، ئاچىسى شياۋمى ئىككى ئىنىسى بىلەن يېپيېڭى سومكىسىنى ئېسىپ مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرغىلى ماڭدى. تۆت يىلدىن بۇيان، بۇ ئاچا-ئىنىلەرنىڭئەڭ دەسلەپكى غەمكىن چىرايىدابۈگۈنكىكۈندە تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغانلىقىدا، «ياڭجۈن تاغا»نىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسى بار ئىدى.

«ياڭجۈن تاغا»نىڭ ئىسمى چىن ياڭجۈن بولۇپ، بۇ يىل 34 ياش، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى ئاقسۇ چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تۇمشۇق چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۇ تۆت يىل ئىلگىرى، تۆۋەنكى سىرىم كەنتىدىكى ساقچى ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ۋاقتىدا، شياۋمى ئۈچ ئاچا-ئىنى بىلەن تونۇشقان ئىدى.

چىن ياڭجۈن(سولدىن 1-كىشى) خىزمەتداشلىرى بىلەن شياۋمىنىڭ ئىككى ئىنىسىگە يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ باقماقتا. چى تيەنسىفوتوسى

ئۆز تەۋەلىكىنىڭ ئەھۋالىنى پىششىق ئىگىلەپ، خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن، چىن ياڭجۈن ھەر كۈنى كەنتنى ئايلىنىپ، ئائىلىلەرگە كىرىپ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىشىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇردى، يۇرتداشلار ئۇنى يېقىملىق قىلىپ «شياۋچىن ساقچى» دەپ ئاتىدى.

زىيارەت جەريانىدا چىن ياڭجۈن تۇرسۇنجان ھەسەن ئائىلىسىنىڭ بەش بالىنى بېقىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدى، ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق ئىككى بالىنىڭ تۇرسۇنجاننىڭ، قالغان ئۈچىسىنىڭتۇرسۇنجاننىڭ ئاكىسىنىڭ بالىلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدى، بۇ ئۈچ بالا دەل شياۋمى ئاچا-ئىنىلەر ئىدى.

ئەسلىدە تۇرسۇنجاننىڭ ئاكىسىنىڭ ئائىلىسىدە كېلىشمەسلىكيۈز بېرىپ، شياۋمى ئۈچ ئاچا-ئىنى تۇرسۇنجان ئەر-خوتۇننىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا ھاۋالە قىلىنغان ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەر-خوتۇن ئىككىسى يەر تېرىش، پارچە ئىش قىلىش ئارقىلىق ياشىنىپ قالغان ئاپىسى ۋە ئىككى بالىسىنى باقاتتى، بىر ئائىلىدىكى بەش جاننىڭ تۇرمۇشى ھەر ھالدا ياخشى ئىدى. لېكىن، ئاكىسىنىڭ ئۈچ بالىسى قوشۇلغاندىن كېيىن، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ئىقتىسادىي بېسىمى ئېشىپ كەتتى. تۇرسۇنجان ئائىلىسىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، كەنت ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەننى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرگۈزدى، ھېيت-بايراملاردا ئۇلارغا گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى.

چىن ياڭجۈن مۇنداق دېدى: 2020-يىلى، شياۋمى ئەمدىلا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىشىغا، ئىككى ئىنىسىنىڭ بىرى باشلانغۇچ مەكتەپكە، يەنە بىرى يەسلىگە كىردى. ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەن بەكئىش ئۇقىدۇ، ئۇلار ھەر ئايدا ھۆكۈمەت تارقاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى تاغا-ھاممىلىرىنىڭ ساقلاپ بېرىشىگە ھاۋالە قىلىدۇ، زۆرۈر چىقىملاردىن سىرت ئەزەلدىن قالايمىقان پۇل خەجلىمەيدۇ.

چىن ياڭجۈن(ئىككىنچى رەتتىكى كىشى) شياۋمى ئۈچ ئاچا-ئىنىنى ئېلىپ ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ۋە ئويۇنچۇق سېتىۋالدى. چى تيەنسى فوتوسى

«ساقچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەۋەلىكىمىزدىكى ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.» چىن ياڭجۈن شياۋمى ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەننىڭ كەچۈرمىشلىرىگە ناھايىتى ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارغا ئۇزاق مۇددەت ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن، چىن ياڭجۈن دائىم ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەننى يوقلاپ، ئۇلارغا ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئېلىپ بەردى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشتىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم قىلدى، ئۇلارنى ئۆز بالىسىدەك كۆردى.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى يېقىنلاشقاندا، شياۋمى تۇيۇقسىز چىن ياڭجۈنگە ئوقۇشتىن توختاپ ئىشلەپ، تاغىسى بىلەن ھاممىسىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللەتمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. چىن ياڭجۈن پاراڭلىشىش جەريانىدا شياۋمىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغۇسى بارلىقىنى چۈشەندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا مۇنداق نەسىھەت قىلدى: «سىز تېخى كىچىك، ئوقۇش تارىخىڭىزمۇ يوق، بۇنداقتا چوقۇم ياخشى خىزمەت تاپالمايسىز، ئوقۇشنى تاماملىغاندا، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپىيىدۇ، شۇ چاغدا تاغا-ھاممىڭىزغا جاۋاب قايتۇرسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز. ئۆگىنىش خىراجىتىڭىزنى مەن ئۈستۈمگە ئالاي».

شۇنىڭدىن كېيىن، چىن ياڭجۈن شياۋمىغا قەرەللىك تۇرمۇش پۇلى بېرىپ تۇردى، ھەر يىلى باھار بايرىمىدا ۋە بايراملاردا يەنە ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەن بىلەن جەم بولدى، ئۇلارغا ئۆگىنىش بۇيۇملىرى ۋە كۈندىلىك كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە كۆپ قېتىم مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش، ئىئانە قىلىش-ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ئىئانە قىلغان كىيىم-كېچەكلەرنى يىغىپ، ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەنگە ۋە تەۋەلىكتىكى باشقا قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا تارقىتىپ بەردى.

چىن ياڭجۈننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە مەدەت بېرىشىدە، شياۋمى ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئۆتۈپ، ئۆزى قىزغىن سۆيىدىغان مۇزىكا كەسپىنى ئۆگەندى. بۇلتۇر 10-ئايدا، شياۋمىنىڭ 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە، چىن ياڭجۈن ۋەزىپە ئىجرا قىلىش سەۋەبىدىن نەق مەيدانغا بېرىپ تەبرىكلەشكە ئامالسىز قالدى، لېكىن ئۇ ئالاھىتەن ئالدىن ئورۇن زاكاز قىلىپ، شياۋمىنى ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇنتۇلغۇسىز قۇرامىغا يېتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەن ئوقۇش باشلاش ئالدىدا، چىن ياڭجۈن يەنە ئۇلارنى سومكا، ئويۇنچۇق ئالغىلى، ئېسىل تائاملارنى يېگىلى، كىنو كۆرگىلى باشلاپ باردى. ئۆيگە قايتىش يولىدا، بالىلار كۈلكە-چاقچاق قىلىشتى. چىن ياڭجۈن ئاچا-ئىنى ئۈچەيلەننىڭ ئەڭ دەسلەپكى غەمكىن چىرايىدا بۈگۈنكى كۈندە كۈلكە يېغىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قىلغان ھەممە ئىشلىرىنىڭ ناھايىتى ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى.

بالىلارنىڭ قانداق ئارزۇسى بارلىقىنى سورىغاندا، ئۇلار ياڭجۈن تاغىغا ئوخشاش ئادەم بولىمىز، دەپ جاۋاب بەردى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى