«تاغام مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولۇمنى يورۇتقۇچى ماياك»

日期:2024年02月23日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىمۇخبىرىبەي سۇجۈن

«بەختىمگە يارىشا تاغام مېنىڭ ئوقۇشۇمغا ئىقتىسادىي جەھەتتىنياردەم قىلدى، ئۇ ئائىلىمىزنىڭ ئەزىز كىشىمىز، شۇنداقلا مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىمنى يورۇتقۇچىماياك.» يېقىندا، كۈيتۇن شەھىرى دۇڭخۇييۇەن ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق گۈلنار خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ئالتە يىلدىن بۇيان، ۋاڭ جياڭ تاغام ئوقۇشۇمغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ئاپامنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمغاياردەملەشتى». گۈلنارنىڭ ئاپىسى نۇلمار مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: 2017-يىلى، مەن شىنجاڭ بەيجېڭ توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا پارچە ئىش قىلاتتىم، ئىدارىمىز «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزگەندە، شىنجاڭ رۇنشېڭ مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ جياڭ بىلەن تونۇشۇپ، ئىككىمىز تۇغقان بولدۇق.

ۋاڭ جياڭنىڭ پەيدا بولۇشى، نۇلمار ۋە قىزىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتتى. «ئۆيدىن سۇ ئۆتۈپ كەتسە، توك توختاپ قالسا، پار ئىسسىماي رېمونت قىلىشقا توغرا كەلسە، قىزىنىڭ ئوقۇش پۇلى يېتىشمىسە، مەيلى قانداق قىيىنچىلىققا يولۇقسۇن، بىر تېلېفون قىلسىلا، ۋاڭ جياڭ بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەملىشىپ ھەل قىلىشىپ بېرىدۇ» دېدى نۇلمار. «قىزىم ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، يولدىشىم بىلەن ئاجرىشىپ كەتتىم، كېيىن رېماتىزم كېسىلىم ۋە قان قەنتىتۆۋەنلىك كېسىلىم ئېغىرلىشىپ كەتتى، پەقەتلا توختىمايئىش قىلىشقا توغرا كەلدى، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالدىم. ھازىر بۇ ياخشى تۇغقىنىم بولغاچقا، تۇرمۇشۇم خېلى ياخشىلاندى، ئۇ قىزىمنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ئۈستىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كېسىلىمنى داۋالىتىپ قويدى.» نۇلمار مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم دوختۇرخانىدا ياتقاندا، ۋاڭ جياڭ ئائىلىسىدىكىلەرپۇل ۋە كۈچ چىقىرىدۇ، يەنە ساۋاقداشلىرى ۋە دوستلىرىنى تەشكىللەپ «مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك ئەترىتى» قۇرۇپ ئائىلەمنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى.

«مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كىچىك ئەترىتى»دە جەمئىي بەش ئادەم بار، ئۇلار ئوخشاش بولمىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەت بىلەن دەم ئېلىش ۋاقتىغا ئاساسەن، نۆۋەتلىشىپ نۇلمارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

ۋاڭ جياڭنىڭ يېقىن دوستى لى زوپېڭ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە، بىز ئانا-بالىنىڭ تاماق، ياتاق، قاتناش ئىشلىرىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرىمىز، بەزىلەر ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى رېمونت قىلىدۇ، بەزىلەر تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، نۇلمار دوختۇرخانىدا ياتقاندا نۆۋەتلىشىپ ھالىدىن خەۋەر ئالىمىز، ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىمىز».

نۇلمار مۇنداق دېدى: قىزىم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىققا چىققاندا، ئېغىر دەرىجىدە ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى پەيدا بولدى، ھېلىمۇ ياخشى ۋاڭ جياڭ ۋاقتىدا ياردەم بەردى، «ئۇ چاغلاردا، قىزىم دائىم ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇرۇشاتتى، ۋاڭ جياڭ ئوغلىنى ئېلىپ ئۆيگە كېلىپ، قىزىمغا ھەمراھ بولۇپ ئۆگىنىش قىلاتتى، سىردىشاتتى، ھەپتە ئاخىرىدا دالا تامىقى يېگۈزگىلى ئاپىراتتى، تاغقا ئېلىپ چىقاتتى، يەنە پات-پات سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىنى چاقىرىپ مەززىلىك تائاملارنى يېگۈزۈپ بېسىمنى يېنىكلىتەتتى. كېيىن، قىزىم ئوچۇق-يورۇق بولۇپ كەتتى، ئۆگىنىش نەتىجىسىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى».

2022-يىلى، گۈلنار شىنجاڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بېرىپ كىردى، نەتىجىسى ئەلا بولغاچقا مەكتەپنىڭ 4400 يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى.

گۈلنار مۇنداق دېدى: ئاپام ئىككىمىز بۇرۇنلا ۋاڭ جياڭ تاغامنى تۇغقىنىمىزدەك كۆرۈپ كەتتۇق، بۇ يىللاردا، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى دائىم يوقلىشىپ تۇردۇق، يىغىلىپ بىللە تاماق يېدۇق، بايراملاردا بىللە مەززىلىك تائاملارنى تەييارلىدۇق، «بىز بىر ئۆمۈر تۇغقان بولۇشقا پۈتۈشتۇق».