ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى | تيەنجىنلىك «ئاكا» خوتەنلىك «ئىنى»سىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى

日期:2024年02月21日
来源:天山网
【字体:

ئۇرۇق-تۇغقان بولمىسىمۇ، ئۇرۇق-تۇغقاندىنمۇ يېقىن ئۆتتى

تيەنجىنلىك ئاكا خوتەنلىك ئىنىسىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ھەمراھ بولدى

«ئاكا، ئىشتىن چۈشۈپ بالدۇرراق قايتىپ كېلىڭ، مەن ئەتكەن قوي گۆشىشورپىسىنى تېتىپ بېقىڭ». ئابدۇۋارىس ئابدۇباسىتنىڭ ئاۋازىدىن پەخىرلىنىش ۋە تەقەززالىق چىقىپ تۇراتتى. 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرى شورباغ يېزىسى يېڭىباغ مەھەللىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۈي يۇەن ئىشخانىسىدا ھۆججەتلەرنى رەتلىگەچ ئابدۇۋارىس بىلەن سىنلىق سۆزلەشتى، يان تېلېفون ئېكرانىدا سەمىمىيكۈلۈمسىرەپ تۇرغان چىراي كۆرۈندى. ئۇلارنىڭ قېرىنداشلارچە دوستلۇقى ئالتە يىل بۇرۇن باشلانغانىدى.

2018-يىلى، لۈي يۇەن يۇرتى تيەنجىندىن ئايرىلىپ، ناتونۇش شىنجاڭ خوتەنگە كېلىپ خىزمەت قىلدى، ئىدارىسى ئۇنى لوپ ناھىيەسىگە بېرىپ 15 كۈنلۈك مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تاماملاشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆزلىرىدىن بىلىمگە بولغان تەشنالىقچاقناپ تۇراتتى، بۇ خىل ساپ ئىنتىلىش لۈي يۇەنگە ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلدۇردى، «مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن تېلېفون نومۇرۇم ۋە خوتەن شەھىرىدىكى ئادرېسىمنى بالىلارغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارنىھەر ۋاقىت مېنى ئىزدەپ كېلىپ ئۆگىنىشىنى قارشى ئالدىغانلىقىمنى ئېيتتىم».

ئۇ يېتەكلىگەن 50 نەچچە بالىنىڭ ئىچىدە ئابدۇۋارىس ئىسىملىك بىربالا لۈي يۇەننىڭ سۆزىنى ئېسىدە چىڭ تۇتتى، ئۇ غەيرەتكە كېلىپ: «مۇئەللىم، سىزنى ئىزدەپ دەرسلەرنى تولۇقلاپ ئۆگەنسەمبولامدۇ؟»دەپ سورىدى. لۈي يۇەننىڭ جاۋابى قەتئىي ھەم شۇنچىلىك ئىللىق ئىدى. ھەر ھەپتە ئاخىرىدا، ئابدۇۋارىس بىر سائەت ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ لۈي يۇەننىڭ ئۆيىگە دەرسلەرنى تولۇقلاپ ئۆگەنگىلى كېلىدىغان بولدى.

قىش كېتىپ باھار كەلدى، لۈي يۇەن بىلەن ئابدۇۋارىس ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، بىر-بىرىنى ئاكا-ئۇكا دەپ ئاتاشقا باشلىدى.

2020-يىلى، ئابدۇۋارىس خوتەن شەھىرىگە كېلىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ، مومىسى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈردى. لۈي يۇەن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلىپ، قىلچە ئىككىلەنمەيلا ئابدۇۋارىسنىڭ ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئالدى، «ئۇياخشى بالا، ئۇنىڭ ئازراق ئىلگىرىلىگەنلىكىنى كۆرسەملا، ناھايىتى خۇشال بولۇپ كېتەتتىم». شۇنداق قىلىپ، ئابدۇۋارىس لۈي يۇەننىڭ ئۆيىدە يېتىپ-قوپتى، ئۇلار بىللە تاماق ئېتىپ، بىللە توپ ئويناپ، خۇشاللىق ۋە غەم-قايغۇدا ئورتاق بولدى.

كۈندىلىك خىزمەت مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولسۇن، بوش ۋاقتى بولسىلا، لۈي يۇەن ئابدۇۋارىسنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، مومىسى خانسايىپخاننى يوقلايتى. «لۈي يۇەن ياخشى بالا، بىز ئۇنىڭ ئابدۇۋارىسقا ياردەم قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، ئۇ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ناھايىتى ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ».موماينىڭ چىرايىدا مېھرىبانلىق كۈلكىسى جىلۋىلىنىپ، تەلەپپۇزىدىن سەمىمىي مىننەتدارلىق چىقىپ تۇراتتى.

ئابدۇۋارىسنىڭ ئەڭ ئېسىدىن چىقمايدىغىنى، ئۇنىڭ 18 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، «ئۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ھامبۇرگ بولكىسى دۇكىنىغا بېرىشىم، ئاكام تېخى ماڭا تورت تەييارلاپتىكەن... ئۇ كۈنى بىز بىرلىكتە تۇغۇلغان كۈن شامىنى پۈۋلىدۇق، ھەممەيلەن كۆز يېشى قىلدۇق، مەن تىلەك تىلىگەندە ئاكامنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى تىلىدىم».

«ئالاھىدە سەۋەبمۇ يوق، بۇ بىر قىسمەت بولسا كېرەك». لۈي يۇەن بۇ قېرىنداشلىق مېھرىنىڭ ئابدۇۋارىسنىڭ ئۆزىگە تەۋە پارلاق داغدام يولدا مېڭىشىغا ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدى، «بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى ئەھمىيەتلىك».

2023-يىلى، ئابدۇۋارىس شىنجاڭ تەنتەربىيە كەسپىي تېخنىكا شۆيۇەنىگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى. يازلىق تەتىلدە، ئۇ تيەنجىنگە كەلدى، لۈي يۇەننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى بېيجىڭ تيەنئەنمېنگەدۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈشكە ئاپاردى، گۇگۇڭ سارىيى ۋە يىخېيۇەن باغچىسىنى سەيلە قىلدۇردى. لۈي يۇەننىڭ خوتۇنى چىن ياۋ مۇنداق دېدى: «ئابدۇۋارىس بىز بىلەن ئىلگىرى سىنلىق پاراڭلىشاتتى، گەرچە تۇنجى قېتىم كۆرۈشىشىمىز بولسىمۇ، ناھايىتى قىزغىن ئىدى، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملەشتى، بىز ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمىز». ئالتە يىلدىن بۇيان، ئابدۇۋارىس لۈي يۇەن ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالدى.

كەلگۈسى توغرىسىدا توختالغاندا، لۈي يۇەن ئابدۇۋارىسنىڭ داۋاملىق بىلىم ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى،ئابدۇۋارىسنىڭ ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ، بىرەر ئىشنىڭ پېشىنى تۇتۇشىنىداۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئابدۇۋارىس تارتىنغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئاكام ئىككىمىز ۋاسكېتبول ئويناشنى ياخشى كۆرىمىز، مەن قىشلىق تەتىلدە قوشۇمچە ئىشلەپ پۇل تېپىپ ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى بېلىتى سېتىۋالماقچى، تەتىلگە قويۇپ بەرگەندە ئاكام بىلەن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئۆز مەيدانىدىكىمۇسابىقىسىنى كۆرگىلى بارىمىز».