تارباغاتاي: يۈليۇشياڭ كوچىسىدىكى «قېرىنداشلىق مېھرى»

日期:2024年02月02日
来源:天山网
【字体:

    باھار بايرىمىنىڭ ئالدىدىكى بۇ مەزگىللىن جۇڭدۇڭ بىلەن قۇرلۇشئوسمان «ئاكا-ئۇكا ئىككىيلەن»نىڭ ئەڭ ئالدىراش بولىدىغان چاغلىرى، مانا، ئەتىگەندىلا ئىككىيلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

    ئىككىيلەن ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ،بىر كالىنى بىردەمدىلا پارچىلىۋەتتى؛بىر سىقىم تۇزنىگۆشكە سۈرتۈپ، قۇرۇتۇش ئۆيىگە ئەكىرىپ، بىر يۈرۈش ھەرىكەتنى بىراقلا تاماملىدى.

بۇ ئىككىيلەن شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسى تاسرقاي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرىبولۇپ، بىرى خەنزۇ مىللىتىدىن، بىرى ئۇيغۇر مىللىتىدىن،ئۇلار ئۇرۇق-تۇغقان بولمىسىمۇ، ئەمما نامى چىققان ياخشى «ئاكا-ئۇكا»لاردىن بولۇپ، شېرىكلىشىپ قىلغان قۇرۇتۇلغان گۆش، قېزىلىرىنىڭ يىراق-يېقىندا داڭقى بار.

«شېرىكلەشكىلى قانچىلىك بولدى؟» ئىككىيلەننىڭ قولىدىكى ئىشنى تۈگىتىشىنى كۈتۈپ تۇرغان مۇخبىر دەرھال گەپ باشلىدى.

«سىلەرنىڭ يېشىڭلاردىنمۇ ئۇزاق بولۇشى مۇمكىن!» لىن جۇڭدۇڭ قولىنى سۈرتۈپكۈلۈمسىرەپتۇرۇپ مۇخبىرغا قارىدى.

«60 يىل ئىلگىرى، دادام بىز بىر ئائىلىدىكى ئون نەچچەيلەننىباشلاپ بۇ يەرگە ماكانلاشقانىدى، بۇ يەر ناتونۇش، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىلنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى..» ئىككى ئائىلىنىڭ ھېكايىسى توغرىسىدا لىن جۇڭدۇڭنىڭ سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز گېپى بار ئىدى، «ھەممىسى <يىراقتىكى تۇغقاندىن يېقىندىكى قوشنا ئەلا، يېقىندىكى قوشنىدىنئۇدۇلدىكى قوشنا ئەلا>» دېيىشىدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىشىمىزنىقۇرلۇشئاكا بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭياردىمىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ...»

«شياۋلىننىڭ مېنى ماختىغىنىنىلا ئاڭلىماڭ، مېنى ئەمەلىيەتتەتىجارەت ئىشلىرىغاشياۋلىنباشلىغان!»قۇرلۇشبىر چەتتە تۇرۇپكۈلۈمسىرگىنىچە گەپ قىستۇردى: «ھەممەيلەن <شېرىك سودا ئۇزاققابارمايدۇ>دېيىشىدۇ، لېكىن بىز ھەمكارلاشقىلى 30 يىل بولدى، ئەزەلدىن پۇلنىڭ ئىشى ئۈچۈن قىزىرىشىپ باقمىدۇق، تاكاللىشىپ باقمىدۇق!»

ئىككى ئاكا-ئۇكابىر-بىرىنى بەس-بەستە ماختاشتى.

بىر قېتىم، لىن جۇڭدۇڭنىڭ ئايالى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى، قىزى ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن بولۇپ، لىن جۇڭدۇڭ ئىككى ياققا تەڭ يېتىشەلمەي، تۇرمۇشى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. «يەڭگەم بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىككىلەنمەيلابىزگە ياردەملىشىپ تاماق ئېتىپ، كىر يۇيۇپ، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى...»

يەنە بىر قېتىم،قۇرلۇشنىڭئوغلى ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى، ئۇ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا كۆپ پۇل كېتىدۇ دەپ ئويلاپ،كالىسىنى ساتماقچى بولدى، لىن جۇڭدۇڭ دەرھال 50 مىڭ يۈەن ئاپىرىپ بەردى. «مېنىڭ بۇ خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان قېرىندىشىم بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنۈم بولمىغان بولاتتى...»

«600 مېتىر كېلىدىغان بۇ كوچىدا، توققۇز مىللەتتىن بولغان 32 ئائىلە بار. ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش بىزنىڭ كونا ئەنئەنىمىز، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولغانھېكايىلىرىمىزنى نەچچە كېچە-كۈندۈز سۆزلەپمۇ تۈگەتكىلى بولمايدۇ! خۇددى كوچىدىكى ئىككى تۈپ قەدىمىي دەرەخكە ئوخشاش، بىر-بىرىمىزگە تايىنىمىز، ھېچكىم ھېچكىمدىن ئايرىلالمايدۇ!» دېدىقۇرلۇشھاياجانلانغان ھالدا.

​بۇ ئاكا-ئۇكىلار بىلەن خوشلىشىپ،كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەنمۇخبىرقارىياغاچ بىلەن سۆگەت بىللە ئۆسكەنبىر جۈپقەدىمىي دەرەخنىڭبىر-بىرىنى چىڭ يۆگىشىپ، ئورتاق يىلتىز تارتقانلىقىنى، شاخ-شۇمبىلىرىنىڭ چىرمىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى...