ئامىنەنىڭ 800 پارچە سۈرەت ساقلانغان ئالبومى بار

日期:2024年01月23日
来源:天山网
【字体:

1 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، قىشتىكى ئىللىق قۇياش نۇرى دەرەخ شاخلىرى ئارىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، يول ـ يول نۇر تارقىتىپ، ئامىنە ئەمەتنىڭ ئۆيىدىكى پولغا چۈشۈپ تۇراتتى. ئاشخانا ئۆينى يىغىشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئامىنە بىر ئىستاكان قەھۋەنى كۆتۈرگىنىچە مېھمانخانا ئۆيىگە كىرىپ، دېرىزە يېنىدىكى سافادا ئولتۇرۇپ، ئاپتاپ سىنغاچ، ئەتىرگۈل مۇقاۋىلىق ئالبومنى ئېلىپ ۋاراقلاپ كۆرۈشكە باشلىدى.

ئامىنە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى يەنئەن يولى كوچا باشقارمىسى فۇچۈەن كوچىسى مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى. ئۇنىڭ قولىدىكى ئالبومدا 800 پارچىغا يېقىن سۈرەت ساقلانغان بولۇپ، ئائىلىسىدىكى تۆت ئەۋلاد كىشىنىڭ ئەسلىمىسى ئىدى، بۇنىڭدا ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەر مىللەت دوستلىرى بىلەن بىللە ئۆتكەن چاغلاردىكى كۈندىلىك ئىشلار خاتىرىلەنگەن بولۇپ، گەرچە كىچىك ئىشلار بولسىمۇ، لېكىن ناھايىتى قىممەتلىك ئىدى.

ئامىنە ئالبومنى بىر ـ بىرلەپ ئالدىرىماي ۋاراقلاپ كۆرۈۋېتىپ، نەزەرى ھەربىر پارچە سۈرەتكە چۈشكەندە، كاللىسىدىكى ئەسلىمىلەرمۇ ئاز ـ ئازدىن جانلىنىپ، كۆزلىرىدىن نۇر چاقنايتتى، گاھىدا چىرايىدا تەبەسسۇم جىلۋىلەنسە، گاھىدا چوڭقۇر ئويغا چۆمەتتى. ئۇ بۇ ئالبومنى قانچە قېتىملاپ ۋاراقلاپ كۆرگەنلىكىنى ئەسلىيەلمىسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم ۋاراقلاپ كۆرگەندە، ئۇ ئۇزاققىچە قاراپ كېتەتتى...

70 يىل بۇرۇنقى كونا سۈرەتلەر

ئالبومدىكى بىر پارچە رەڭسىز سۈرەتنى ئامىنە ھەر قېتىم كۆرەتتى. «سۈرەتنىڭ قەغىزى سارغىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئەڭ قىممەتلىك بىر پارچە سۈرەت.» ئامىنە قولى بىلەن سۈرەتنى يېنىك سىلىغاچ، مۇخبىرغا سۈرەتنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى.

بۇ سۈرەت 20 ـ ئەسىرنىڭ 50 ـ يىللىرىدا تارتىلغان بولۇپ، ئامىنەنىڭ دادىسى ئەمەت مەمەت بىرنەچچە خىزمەتدىشى بىلەن بىرلىكتە چۈشكەن سۈرەت ئىدى.

«بۇ مېنىڭ دادام، بۇ دادامنىڭ خىزمەتدىشى يې كەيچىڭ تاغام.» ئامىنە سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «دادام چۆچەكتە تۇغۇلغان بولۇپ، يېتىم بالا ئىكەن. 1951 ـ يىلى دادام ساۋەن ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنىپ، يې تاغام بىلەن تونۇشۇپتۇ، دادام ئۇنىڭ يېتەكلىشىدە قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلىپ، 20 يېشىدىلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپتۇ».

«ئاتا ـ ئانامدىن ئاڭلىشىمچە، ئۇلار توي قىلغاندا توي ئىشلىرىنى يې تاغام بىلەن ئۇنىڭ خوتۇنى قىلىپ بەرگەن ئىكەن.» ئامىنە مۇنداق دېدى: ئانام يې تاغام ۋە خىزمەتداشلىرى سوۋغا قىلغان قىزىل يىپەكنى ھازىرغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كەلمەكتە.

كېيىن، ئەمەت يې كەيچىڭغا ئەگىشىپ چۆچەك شەھىرىگە يۆتكىلىپ خىزمەت قىلدى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىر چوڭ قورۇدا تۇردى. كىمنىڭ ئۆيىدە تاماق تەييار بولسا، ھەمىشە بىر ـ بىرىنى ئويلاپ تاماق سۇنۇشۇش دائىملىق ئىشقا ئايلانغانىدى. ئامىنە مۇنداق دېدى: باھار بايرىمىدا، ئاتا ـ ئانام ئۆيدە جۇۋاۋا تۈگۈشنى ئۆگىنەتتى، ھارپا كېچىسى ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىل بەشەيلەن ئەتىسى يې تاغامنىڭ ئۆيىگە بېرىپ باھار بايرىمىنى قانداق مۇبارەكلەش توغرىسىدا مۇزاكىرىلىشەتتۇق.

«كېيىن يې تاغام كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، دادام ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ياردەملىشىپ، ئۈچ كۈنگىچە ئۆيگە قايتمىدى.» ئامىنەنىڭ ئېنىق ئېسىدىكى، شۇ كۈنى دادىسى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە يىغلاپ كەتكەنىدى، بۇ، قەيسەر دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە ياش ئالغانلىقىنى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى.

ئامىنە مۇنداق دېدى: ئاتا ـ ئانام ھەر مىللەت خىزمەتداشلار، دوستلار، قوشنىلار بىلەن يېقىن ئارىلىشىپ ئۆتەتتى، ئۇلار بىر ـ بىرىگە ھەمراھ بولۇپ يېتىلگەنىدى، ئۇلارنىڭ سۆز ـ ھەرىكەت ئارقىلىق ئۆگىتىشى ـ يېتەكلىشىدە ئاكا ـ ئۇكا، ئاچا ـ سىڭىل بەشەيلەننىڭ قەلبىگە ئىتتىپاقلىق، ئالغا ئىلگىرىلەش ئۇرۇقى چېچىلدى.

ئېغىر كۈنلەردە چىن ھېسسىياتنى كۆرگىلى بولىدۇ

«قاراڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم، خەن گۇاڭلى، لى رۇڭخې، خې جېنگاڭ...» ئامىنە بىر پارچە سۈرەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشكەن ھەربىر ساۋاقدىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتىدى.

شۇ دەقىقىدە، ئامىنەمۇ سۈرەتتىكى كىشىلەر بىلەن بىللە ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى چاغلارغا قايتقاندەك بولدى.

2006 ـ يىلى ئەتىيازدا، ئامىنە بېيجىڭدا ئۆگىنىش قىلىۋاتقان مەزگىلدە، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى سىستېمىسىدىكى نۇرغۇن ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشتى. كۆپچىلىك بىرلىكتە ئۆگىنىپ، بىرلىكتە ۋەدىلىشىپ تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئامىنەنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، 2008 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ ئۈرۈمچىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ چۆچەككە قايتقان، ئاپتوموبىل شىخەنزە بىلەن ساۋەن پاسىلىغا كەلگەندە، ئاپتوموبىلدا كاشىلا كۆرۈلگەن. شوپۇر ئۇستام تەكشۈرگەندىن كېيىن، كاشىلىنىڭ ناھايىتى ئېغىرلىقىنى بايقىغان، ئاپتوموبىلنى رېمونتخانىغا ئېلىپ بېرىپ رېمونت قىلدۇرۇشقا توغرا كەلگەن.

«شۇ كۈنى تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 20 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز چۆللۈكتە بولغاچقا، كىم بىزگە ياردەم قىلالىسۇن؟» ئامىنە تېز سۈرئەتتە قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش چارىسىنى ئىزدەپ، يېقىن ئەتراپتىن قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىشكە ئېرىشىشنى سىناپ باقتى. ئاپتوموبىل ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئاستا ـ ئاستا تۆۋەنلىدى، ئامىنە بىلەن شوپۇر ئۇستاممۇ بارغانسېرى تىت ـ تىت بولۇشقا باشلىدى. ئۇ ئالاقىلىشىش خاتىرىسىدىن خەن گۇاڭلىنىڭ ئالاقىلىشىش نومۇرىنى كۆرۈپ، قىلچە ئويلانمايلا دەرھال ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى.

ئامىنە مۇنداق دېدى: خەن گۇاڭلى ئىزچىل باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ئادەم ئىدى. «ئاچا، ھودۇقماڭ، مەن ھازىر شىخەنزىگە يۆتكىلىپ كەلدىم، ئارىلىقىمىز يىراق ئەمەس، ھازىرلا بارىمەن.» يېرىم سائەتتىن كېيىن خەن گۇاڭلى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كېلىپ ئامىنەنى تاپتى، ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدە يەنە بىر قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش سۆرەلمە ئاپتوموبىلى بار ئىدى. «توڭلاپ باققانلارلا ئاندىن باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەمگە ئېرىشىشنىڭ ئىللىقلىقىنى بىلىدۇ.» ئامىنە شۇ كۆرۈنۈشنى تاكى ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالمىدى.

ئالبومدا ئامىنەنىڭ قوشماقلاشقان تۇغقىنى جۇڭ يۈپىڭنىڭ سىيماسى كۆپ قېتىم ئۇچرىدى، ئۇلار بىللە بازار ئايلىنىپ، بىللە تاماق ئېتىپ، بىللە پائالىيەتكە قاتناشقانىدى. 2017 ـ يىلىنىڭ بېشىدا پېنسىيەگە چىققان ئامىنە ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشتى.

2018 ـ يىلى قىشتا، ئامىنەنىڭ ئۆيىدىكى پار تۇرۇبىسى يېرىلىپ كېتىپ، 1 ـ قەۋەتتىكى قوشنىسى جۇڭ يۈپىڭ ئەر ـ خوتۇننىڭ ئۆيىنىمۇ سۇ بېسىپ كەتتى. ئۇ جۇڭ يۈپىڭ ئەر ـ خوتۇننىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيى بىلەن كارى بولماي، ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۆيىگە چىقىپ تەسەللى بېرىپ، ئۆيىدىكى سۇنى تازىلىشىپ بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. ئامىنە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن رەت قىلىندى.

2 ـ يىلى يازدا، ئىشىك ئالدىدىكى سېرىنگۈل دەرىخى ئاستىدا، ئامىنە بىلەن جۇڭ يۈپىڭ تۇغقانلاشتى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئامىنە ئۆيىنىڭ زاپاس ئاچقۇچىنى ئىزچىل جۇڭ يۈپىڭنىڭ ساقلىشىغا بېرىپ كەلدى.

بالىلىق چاغلىرىدا بىللە ئوينايدىغان دوستى بىلەن دائىم جەم بولۇش

بۇ ئالبومدا ئامىنەنىڭ ئوغلى بىلەن كىچىكىدىن بىللە چوڭ بولغان يەن خۇاجياڭنىڭ بىرلىكتە چۈشكەن سۈرىتى بار بولۇپ، ئىككىيلەن قەددى ـ قامەتلىك چوڭ بولغانىدى.

ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە ساۋاقداش بولۇپ، بىللە ئويناپ، بىللە پۇتبول تېپىپ، بىللە ئوقۇپ، بىر ـ بىرىدىن ئايرىلمايتتى.

ئامىنەنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، ئوغلى كىچىك ۋاقتىدا، ھەپتىنىڭ ئاخىرى بولسىلا، يەن خۇاجياڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئوينايتتى، يەن خۇاجياڭنىڭ ئاتا ـ ئانىسى يېمەك ـ ئىچمەك ئادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، مەخسۇس يېڭى قازان سېتىۋېلىپ، ئامىنەنىڭ ئوغلىغا تەملىك تاماقلارنى ئېتىپ بېرەتتى.

داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئىككىيلەن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى، يەن خۇاجياڭ بىر كارخانىدا ئىشلىدى، ئامىنەنىڭ ئوغلى سىياسىي ـ قانۇن تارمىقىدا خىزمەت قىلدى. ئىككىيلەن دەم ئالغاندا، دائىم جەم بولۇشقا ۋەدىلىشىپ تۇرىدۇ. ھېيت ـ بايراملاردا خوتۇن ـ بالىلىرىنى ئېلىپ ئۆزئارا بايرامنى مۇبارەكلىشىپ بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۇرىدۇ.

ئامىنەنىڭ ئوغلىنىڭ خىزمىتى بىرقەدەر ئالدىراش بولۇپ، دائىم كاماندىروپكىغا چىقاتتى، كېلىنى 2 ـ بالىسىغا ھامىلىدار بولۇپ، بىناغا چىقىپ چۈشۈش قولايسىز بولۇپ قالغاندا، يەن خۇاجياڭ كۆكتات، گۆش، گۈرۈچ، ئۇن، ياغ قاتارلىقلارنى ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىپ تۇردى. ئائىلىسىدە جىددىي ئىش چىقىپ قالسىلا، يەن خۇاجياڭ كېلىپ ياردەملەشتى.

ئامىنەنىڭ نەۋرىسى بۇ يىل ئون ياشقا كىردى، يەن خۇاجياڭنىڭ ئوغلى بۇ يىل 12 ياشقا كىردى، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بېرىش ـ كېلىش قىلىشى ئارقىلىق، ئىككى بالىمۇ ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى...

«بۇ ئالبومنى رەتلەشتىكى مەقسىتىم ئەۋلادلارنى تەربىيەلەش، كۆپچىلىكنى رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر.» ئامىنە مۇنداق دېدى: ھەر قېتىم مەھەللىدىكى لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە مەن دائىم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، شۇنداقلا تۇرمۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەيمەن.

يېقىندا، ئامىنە ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى بويىچە «تىيانشاندىكى ياخشى كىشى» دېگەن نامغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئاكىسى، ئىنىسى، سىڭلىسىمۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن مەھەللىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالدى.

قېلىن ئالبومنى ياپقاندا، ئامىنەنىڭ تەمكىن چىرايىدىن بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى...